پۈتۈن پارتىيە جەزمەن يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشى كېرەك

日期:2022年08月17日
来源:天山网
【字体:

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ

پۈتۈن پارتىيە جەزمەن يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشى كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى تېلېگراممىسى 8 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 16 ـ سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «پۈتۈن پارتىيە جەزمەن يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشى كېرەك» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ.

ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى بىر سىستېمىلىق نەزەرىيە سىستېمىسى بولۇپ، ئۇنىڭدا تەرەققىياتقا دائىر مەقسەت، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، ئۇسۇل، يول قاتارلىق بىر يۈرۈش نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىگە جاۋاب بېرىلىپ، پارتىيەمىزنىڭ تەرەققىياتقا دائىر سىياسىي مەيدانى، قىممەت يۆنىلىشى، تەرەققىيات ئەندىزىسى، تەرەققىيات يولى قاتارلىق مۇھىم، زور سىياسىي مەسىلىلەر ئېنىق ئىزاھلاندى. پۈتۈن پارتىيە جەزمەن يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشى كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پۇختا ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى بىر پۈتۈن گەۋدە، مەيلى مەركەز قاتلىمىدىن بولسۇن ياكى تارماقلار قاتلىمىدىن بولسۇن، مەيلى ئۆلكە دەرىجىلىك قاتلامدىن بولسۇن ياكى ئۆلكىدىن تۆۋەن ھەر دەرىجىلىك قاتلامدىن بولسۇن، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش داۋامىدا تولۇق ئىگىلەپ، دەل جايىدا چۈشىنىپ، ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ پۈتۈن جەريانى ۋە ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. ئاساسىي زىددىيەت ۋە زىددىيەتنىڭ ئاساسىي تەرىپىنى تۇتۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تەسىر يەتكۈزىدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىش، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىش كېرەك. خىزمەت جەريانىدا ئىجادىي تەرەققىيات، ماس تەرەققىيات، يېشىل تەرەققىيات، ئوچۇق تەرەققىيات، ھەمبەھرە تەرەققىياتنىڭ ھەممىسىگە ئېتىبار بېرىپ، ماسلىشىپ كۈچ چىقىرىش، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈش كېرەك، بىرسىگە سەل قاراپ، بىرسىگە ئېتىبار بېرىشكە، بىر تەرەپلىمىلىكنى بىر پۈتۈنلۈك دەپ قاراشقا بولمايدۇ.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشتا جەزمەن ئورتاق بېيىش مەسىلىسىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئورتاق بېيىشنىڭ ئۆزى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ بىر مۇھىم نىشانى. باشتىن ـ ئاخىر خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان يېڭى ئارزۇسىنى قاندۇرۇشنى تەرەققىياتنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىپ، زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش جەريانىدا بۇ مەسىلىنى ئۈزلۈكسىز، تەدرىجىي ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. پۈتۈن خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىر تۈرلۈك ئۇزاق مەزگىللىك ۋەزىپە، شۇنداقلا بىر تۈرلۈك رېئال ۋەزىپە، ئالدىراقسانلىق قىلىشقا بولمايدۇ، كۈتۈپ تۇرۇشقىمۇ بولمايدۇ، ئۇنى جەزمەن تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، پۇختا، ئەستايىدىل بولۇپ، ئۇزاققىچە بوشاشماي تىرىشىپ، بۇ نىشانغا قاراپ تېخىمۇ پائال نەتىجە يارىتىش ئۈچۈن تىرىشىش كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشتا، ھەم يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە يېتەكلەش، ھەم ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنى تۈزۈلمە ـ مېخانىزم كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. ھازىر بار بولغان ئىسلاھات ئاساسىدا، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا قويۇپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، تەڭپۇڭ تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاش، ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ھەمبەھرە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى چۆرىدەپ، داۋاملىق تۈردە ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىسلاھات لايىھەسىنى تېخىمۇ دەل جايىدا ئېلان قىلىپ، تۈزۈم سىستېمىسىنى تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشتا دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن تەپەككۇر قىلىش، پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك پىلانلاش، ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش، بىر پۈتۈن گەۋدە بويىچە ئالغا سىلجىتىشنى كۈچەيتىش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاش كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: مەسىلىگە سىياسىي جەھەتتىن قاراشقا ماھىر بولۇش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ خىزمەت تەلىپى، شۇنداقلا ئىنتايىن مۇھىم سىياسىي تەلەپ. ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق، ئىچكى ئىشلار، دىپلوماتىيە، دۆلەت مۇداپىئەسى، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى ئىدارە قىلىشنىڭ ھەممىسى سىياسى بولۇپ، ھەممىسى سىياسىدىن ئايرىلالمايدۇ. پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا، ئەڭ مۇھىمى ھەر خىل مۇرەككەپ سىياسىي مۇناسىۋەتلەرنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، باشتىن ـ ئاخىر پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى ساقلاش كېرەك. ۋەزىيەت قانچە مۇرەككەپ، ۋەزىپە قانچە مۈشكۈل بولغانسېرى، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە شۇنچە چىڭ تۇرۇش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى تەلىپىنى خىزمەتتە شۇنچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى قەلبىگە پۈكۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلەرنى پىلانلاش، مۇھىم، زور سىياسەتلەرنى تۈزۈش، مۇھىم، زور ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىش، مۇھىم، زور خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىش ئەمەلىيىتىدە گەۋدىلەندۈرۈشى، دائىم ئۆلچەمگە، تەلەپكە توغرىلىنىپ، چەتنەپ كېتىشنى ۋاقتىدا تۈزىتىشى كېرەك.