گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسى، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى «تەيۋەن مەسىلىسى ۋە يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ بىرلىككە كېلىش ئىشلىرى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى

日期:2022年08月12日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېلېگراممىسى گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسى، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 8 - ئاينىڭ 10 - كۈنى «تەيۋەن مەسىلىسى ۋە يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ بىرلىككە كېلىش ئىشلىرى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلىپ، تەيۋەننىڭ جۇڭگونىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىدەك پاكىت ۋە ھازىرقى ھالەتنى يەنىمۇ تەكىتلەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە ئىنتىلىشتەك قەتئىي جاسارىتى ۋە كۈچلۈك ئىرادىسىنى نامايان قىلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى دەۋردە ۋەتەننىڭ بىرلىككە كېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش مەيدانى ۋە سىياسىتىنى بايان قىلدى.

ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: تەيۋەننىڭ ئەزەلدىن جۇڭگوغا تەۋە ئىكەنلىكىنىڭ تارىخىي ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكى ئېنىق، قانۇنىي پاكىتى ئېنىق. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ 2758 - نومۇرلۇق قارارى بىر جۇڭگو پىرىنسىپىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان سىياسىي ھۆججەت، خەلقئارا ئەمەلىيەت ئۇنىڭ قانۇنىي كۈچىنى تولۇق دەلىللىدى، ئۇنى بۇرمىلاپ چۈشەندۈرۈشكە بولمايدۇ. بىر جۇڭگو پىرىنسىپى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئورتاق تونۇشى، خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىغا رىئايە قىلىشتىكى تېگىشلىك مەزمۇن. دۇنيادا پەقەت بىرلا جۇڭگو بار، تەيۋەننىڭ جۇڭگونىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت تارىخىي پاكىت ۋە قانۇنىي پاكىتتىن گۇمانلىنىشقا بولمايدۇ، تەيۋەننىڭ ئەزەلدىن بىر دۆلەت ئەمەس، بەلكى جۇڭگونىڭ بىر قىسمى بولۇشتەك ئورنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، ۋەتەننىڭ تولۇق بىرلىككە كېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى باشتىن - ئاخىر ئىرادىسىدىن قايتمايدىغان تارىخىي ۋەزىپە قىلىپ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، تەيۋەن بوغۇزى ۋەزىيىتىنىڭ جىددىي تىركىشىشتىن پەسىيىش ۋە ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىشىگە، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تىنچ تەرەققىيات يولىغا قاراپ مېڭىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىدە ئۈزلۈكسىز بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكى ۋە تۈرتكىسىدە، 70 نەچچە يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ ئىككى قىرغاقنىڭ ئايرىلىپ تۇرۇش ھالىتى بۇزۇپ تاشلانغاندىن بۇيان، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى. ئىككى قىرغاقنىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقى كۈنسېرى كېڭىيىپ، ھەمتۈرتكىلىك ئالاقىسى كۈنسېرى قويۇقلىشىپ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار، بولۇپمۇ تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا ئەمەلىي نەپ يەتكۈزدى، بۇ، ئىككى قىرغاقنىڭ ئىناق ئۆتسە ئىككىلا تەرەپكە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى، ھەمكارلاشسا تەڭ پايدا ئالىدىغانلىقىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ۋەتەننىڭ تولۇق بىرلىككە كېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن، شۇنداقلا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىكى پۇرسەت ۋە ۋەزىيەت تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن. بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىغا تارىختىكى ھەرقانداق مەزگىلدىكىدىن تېخىمۇ يېقىنلاشتۇق، ئۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تېخىمۇ ئىشەنچىمىز ۋە ئىقتىدارىمىز بار، شۇنداقلا ۋەتەننىڭ تولۇق بىرلىككە كېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇق، ئۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تېخىمۇ ئىشەنچىمىز ۋە ئىقتىدارىمىز بار. دۆلەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى، ئىلگىرىلىشى، بولۇپمۇ 40 نەچچە يىلدىن بۇيانقى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەر تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، ۋەتەننىڭ تولۇق بىرلىككە كېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت تارىخىي مۇساپىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتمەكتە.

ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق تەكىتلەندى: مىنجىنداڭ دائىرىلىرىنىڭ «مۇستەقىل» بولۇشنى كۆزلەش قىلمىشى ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنى جىددىيلەشتۈرۈپ، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا خەۋپ يەتكۈزۈپ، تىنچ بىرلىككە كېلىش ئىستىقبالىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى، تىنچ بىرلىككە كېلىش بوشلۇقىنى قىستى، بۇ، تىنچ بىرلىككە كېلىشنى قولغا كەلتۈرۈش مۇساپىسىدىكى جەزمەن تازىلىۋېتىشكە تېگىشلىك توسالغۇ. تاشقى كۈچلەر «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچى كۈچلىرىنىڭ چاتاق تېرىپ ئىغۋاگەرچىلىك قىلىشىنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىپ ۋە قۇتراتقۇلۇق قىلىپ، ئىككى قىرغاقنىڭ قارشىلىشىشى ۋە تەيۋەن بوغۇزى ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلىكىنى كەسكىنلەشتۈرۈپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى، بۇ، ھەم تىنچلىققا ئىنتىلىش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئورتاق پايدا ئېلىشنى كۆزلەشتىن ئىبارەت دەۋر ئېقىمىغا خىلاپ، ھەم خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۈمىدى ۋە دۇنيا خەلقىنىڭ ئارزۇسىغا خىلاپ. «چەت ئەلگە تايىنىپ مۇستەقىل بولۇشنى كۆزلەش»نىڭ چىقىش يولى يوق، «تەيۋەن ئارقىلىق جۇڭگونى توسۇش» مۇقەررەر مەغلۇپ بولىدۇ. ۋەتەننىڭ بىرلىككە كېلىش تارىخ چاقى توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ، بۇنى ھەرقانداق ئادەم، ھەرقانداق كۈچ توسۇپ قالالمايدۇ.

ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق دېيىلدى: «تىنچ بىرلىككە كېلىش، بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» بىزنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى ئاساسىي فاڭجېنىمىز، شۇنداقلا دۆلەتنىڭ بىرلىككە كېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى شەكلى، بۇ، كۆڭلى - كۆكسى دېڭىزدەك كەڭ بولۇش، سىغدۇرۇشچان بولۇشتەك جۇڭخۇا ئەقىل - پاراسىتىنى نامايان قىلدى، بۇ ھەم تەيۋەننىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى تولۇق ئويلاشقانلىق، ھەم بىرلىككە كەلگەندىن كېيىنكى تەيۋەننىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە پايدىلىق. ئىككى قىرغاقنىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، جەزمەن چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن تەيۋەننىڭ جەمئىيەت تۈزۈمى ۋە ئىدېئولوگىيەسى ئوخشاش بولماسلىقتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي مەسىلىگە يۈزلىنىش كېرەك. «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» دەل مۇشۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئەڭ سىغدۇرۇشچانلىققا ئىگە لايىھە. بۇ بىر تىنچلىق لايىھەسى، دېموكراتىك لايىھە، دوستانە لايىھە، ئورتاق پايدا ئېلىش لايىھەسى. ئىككى قىرغاق تۈزۈمىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى بىرلىككە كېلىشكە توسالغۇ بولالمايدۇ، بۆلگۈنچىلىككە تېخىمۇ باھانە بولالمايدۇ.

ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق تەكىتلەندى: بىز تىنچ بىرلىككە كېلىش ئۈچۈن كەڭ بوشلۇق يارىتىشنى خالايمىز، لېكىن ھەر خىل شەكىلدىكى «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە ھەرگىز ھېچقانداق بوشلۇق قالدۇرمايمىز. بىز داۋاملىق ئەڭ زور سەمىمىيىتىمىز، ئەڭ زور تىرىشچانلىقىمىز بىلەن تىنچ بىرلىككە كېلىشنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالايمىز، بىز قورال كۈچى ئىشلىتىشتىن ۋاز كېچىمىز دەپ ۋەدە بەرمەيمىز، بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىشنى تاللاشنى ساقلاپ قالىمىز، بۇ، تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشى ۋە ئىنتايىن ئاز ساندىكى «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قارىتىلغان، ھەرگىزمۇ تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا قارىتىلغان ئەمەس، غەيرىي تىنچ شەكىل ئامال بولمىغان ئەھۋالدا چىقىرىدىغان ئەڭ ئاخىرقى تاللاش. تەيۋەننىڭ ئىستىقبالى دۆلەتنىڭ بىرلىككە كېلىشىگە باغلىق، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ بەخت - سائادىتى مىللەتنىڭ گۈللىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بىز كەڭ تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىككە كېلىشى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت شەرەپلىك ئۇلۇغ ئىشنى بىرلىكتە ۋۇجۇدقا چىقىرىمىز.

ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» بويىچە ئىككى قىرغاقنىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى، ئىلگىرىلىشى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە يېڭى ئاساس سالىدۇ، تەيۋەننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا غايەت زور پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ، كەڭ تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا ئەمەلىي نەپ يەتكۈزىدۇ. ئىككى قىرغاقنىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جۇڭخۇا مىللىتى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ بەختى بولۇپلا قالماي، يەنە خەلقئارا جەمئىيەت ۋە دۇنيا خەلقىنىڭمۇ بەختى.