شى جىنپىڭ كۇبادا زاپاس ماي باكىغا ئوت تۇتۇشۇپ پارتلاش ۋەقەسى يۈزبەرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن كۇبا كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، كۇبانىڭ دۆلەت رەئىسى دىئاز - كانېلغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

日期:2022年08月10日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسى 8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كۇبادا زاپاس ماي باكىغا ئوت تۇتۇشۇپ پارتلاش ۋەقەسى يۈزبەرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن كۇبا كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، كۇبانىڭ دۆلەت رەئىسى دىئاز - كانېلغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: كۇبانىڭ ماتانزاس ئۆلكىسىدە زاپاس ماي باكىغا ئوت تۇتىشىپ پارتلاش ۋەقەسى يۈزبېرىپ، ئېغىر، زور ئادەم يارىلىنىش - ئۆلۈپ كېتىش ۋە مال - مۈلۈك زىيىنىنىڭ كېلىپ چىققانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ چۆچۈدۈم، مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەم ئۆز نامىمدىن بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن، بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋە يارىلانغانلاردىن سەمىمىي ھال سورايمەن. جۇڭگو تەرەپ كۇبا تەرەپنى ياردەم بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ.