​ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى پېلوسىنىڭ جۇڭگو تەيۋەن رايونىغا تىمىسقىلاپ بارغانلىقى توغرىسىدا پىكىر ئېلان قىلدى

日期:2022年08月04日
来源:天山网
【字体:

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى

​ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى پېلوسىنىڭ جۇڭگو تەيۋەن رايونىغا تىمىسقىلاپ بارغانلىقى توغرىسىدا پىكىر ئېلان قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 2 - كۈنى تېلېگراممىسى 8 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى پېلوسىنىڭ جۇڭگو تەيۋەن رايونىغا تىمىسقىلاپ بارغانلىقىغا قارىتا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن پىكىر ئېلان قىلدى. تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

8 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى پېلوسى جۇڭگو تەرەپنىڭ كەسكىن سۆزلىشىشى ۋە قەتئىي قارشى تۇرۇشىغا قارىماي، جۇڭگو تەيۋەن رايونىغا تىمىسقىلاپ بېرىش پىكرىدە تەتۈرلۈك قىلىپ چىڭ تۇرۇۋالدى. بۇ قىلمىش بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە جۇڭگو - ئامېرىكا ئۈچ قوشما ئاخباراتىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلدى، جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ئېغىر دەرىجىدە زىيان يەتكۈزدى، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسىنى ئېغىر دەرىجىدە زەربىگە ئۇچراتتى، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچى كۈچلىرىگە ئېغىر دەرىجىدە خاتا سىگنال تارقاتتى. جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، بۇنى كۈچلۈك ئەيىبلەيدۇ.

دۇنيادا پەقەت بىرلا جۇڭگو بار، تەيۋەن جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى پۈتۈن جۇڭگوغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بىردىنبىر قانۇنلۇق ھۆكۈمەت. بىر جۇڭگو پىرىنسىپى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشىدىكى ئالدىنقى شەرت، شۇنداقلا جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسى. ئامېرىكا تەيۋەن مەسىلىسىدە جۇڭگو تەرەپكە تەنتەنىلىك ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ھەرىكەتتە ئامېرىكا بىلەن تەيۋەننىڭ ماھىيەتلىك مۇناسىۋىتى ۋە ھۆكۈمەت تەرەپ ئالاقىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچى كۈچلىرىنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىپ ۋە ئۇلارنى قوللاپ، «تەيۋەن ئارقىلىق جۇڭگونى توسۇش» بىلەن شۇغۇللىنىپ، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىغا ئېغىر دەرىجىدە زىيان يەتكۈزدى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى كەسكىن، كۈچلۈك تەدبىر قوللاندى ھەم قوللىنىدۇ، ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغدايدۇ.

تەيۋەن مەسىلىسى جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە مۇناسىۋەتلىك، جۇڭگونىڭ مۇرەسسە قىلىش، يول قويۇشىنىڭ ھېچقانداق ئورنى يوق. «دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى»دا بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىكىنى توسۇش، تاشقى كۈچلەرنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىگە ئارىلىشىۋېلىشىغا قارشى تۇرۇش قاتارلىق مۇھىم، زور مەسىلىلەر توغرىسىدا ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلغان. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدىكى مەيدانى ئىزچىل بىردەك بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قەتئىي قوغداش 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقىنىڭ قەتئىي ئىرادىسى. جۇڭگونىڭ تولۇق بىرلىككە كېلىشى ۋە مىللەتنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان ھەرقانداق ئۇرۇنۇش جەزمەن مەغلۇپ بولىدۇ.