جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى

日期:2022年08月02日
来源:天山网
【字体:

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى كاتتا كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ

جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتناشتى

7 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا كاتتا كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يەن يەن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار جاڭ مىمى، مېي چاڭۋېي) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 7 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنى خەلق سارىيىدا كاتتا كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشتى.

خەلق سارىيىنىڭ زىياپەت زالىدا چىراغلار چاقناپ تۇراتتى، زال قىزغىن، خۇشال بايرام كەيپىياتىغا چۆمگەنىدى. رەئىس سەھنىسىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە ھەيۋەتلىك «八一» دېگەن خەت چۈشۈرۈلگەن ئارمىيە گېربى ئېسىلغان بولۇپ، «2022 − 1927» دېگەن چوڭ خەتلىك يىل نامى قىزىل بايراقلار ئارىسىدا كۆزنى ئالاھىدە قاماشتۇرۇپ، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ 95 يىللىق شانلىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەنلىكىنى نامايان قىلىپ تۇراتتى.

سائەت 18لەردە، شادىيانە «تەبرىك كۈيى» ئىچىدە، شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى زىياپەت زالىغا كىرىپ، جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مېھمانلار بىلەن خۇشال ـ خۇرام جەم بولدى، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

كۈتۈۋېلىش يىغىنى باشلانغاندا، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋېي فېڭخې تەبرىك سۆزى قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، ۋېي فېڭخې ئالدى بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ بارلىق كوماندىر ـ جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ بارلىق ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلىرى، ئارمىيەدىكى بارلىق مەمۇرىي خادىملار، بارلىق خەلق ئەسكەرلىرى ـ زاپاس ھەربىيلەرنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى، ھەرقايسى مەزگىللەردە خەلق ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم يولداشلار، پېشقەدەم جەڭچىلەر، كەسىپ ئالماشقان، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر، ئىنقىلابىي مېيىپ ھەربىيلەر ۋە قۇربان بولغان ھەربىيلەرنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى، «1 ـ ئاۋغۇست ئوردېنى»غا ئېرىشكەن يولداشلار، پۈتۈن ئارمىيەدىكى قەھرىمان ـ نەمۇنىچىلار ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك ئىككىنى ھىمايە قىلىش نەمۇنىچىلىرى ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك ئارمىيەدىن كەسىپ ئالماشتۇرغان نەمۇنىچى كادىرلار ۋەكىللىرىگە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى، دۆلەت مۇداپىئەسى پەن ـ تېخنىكا سانائىتى سېپىدە جاپالىق خىزمەت قىلىۋاتقان يولداشلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىغا ئۇزاقتىن بۇيان كۆڭۈل بۆلگەن ۋە ئۇنى قوللاپ كەلگەن ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت، خەلق تەشكىلاتلىرىغا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە چىن قەلبىدىن رەھمەت ئېيتتى، كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشقان ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ھەربىي ئەمەلدارلىرى ۋە ھەرقايسى مېھمانلارنى قىزغىن قارشى ئالدى.

ۋېي فېڭخې مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرغان خەلق ئارمىيەسى. 95 يىلدىن بۇيان، پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، قەھرىمان خەلق ئارمىيەسى مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى، خەلقنىڭ ئازادلىقى، دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى ياراتتى، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە خاتىرجەملىكىنى قوغداش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.

ۋېي فېڭخې مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، پۈتۈن ئارمىيە جەزمەن شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ جۇڭگوچە يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، تىرىشىپ دۆلىتىمىزنىڭ خەلقئارادىكى ئورنىغا ماس كەلگەن، دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئىتىگە ئۇيغۇنلاشقان مۇستەھكەم دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە قۇدرەتلىك خەلق ئارمىيەسىنى قۇرۇپ چىقىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىستراتېگىيەلىك تىرەك بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

شادىيانە مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مېھمانلار، دوستلار تەڭ قەدەھ كۆتۈرۈپ جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى تەبرىكلىدى، جۇڭگونىڭ گۈللەپ ياشنىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت ئارمىيەلىرى بىلەن بولغان دوستلۇقىنىڭ مەڭگۈ ياشناپ تۇرۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

بېيجىڭدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشتىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى، ئىلگىرى پارتىيە ۋە دۆلەت ھەمدە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتتا رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ئارمىيەدىكى پېشقەدەم يولداشلار قاتارلىقلار كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشتى.

كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشقانلاردىن يەنە مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، ئالاقىدار خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە بېيجىڭ شەھىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ھەمدە ھەربىي كومىتېت ئورگىنىدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ئازادلىق ئارمىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ھەرقايسى چوڭ ئورۇنلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىمدىكى مەسئۇل يولداشلار؛ ئارمىيەدىن دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم كادىرلار ۋەكىللىرى، «1 ـ ئاۋغۇست ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچىلەر، ئارمىيە بويىچە قەھرىمان نەمۇنىچىلار، پايتەختتىكى خەلق ئەسكەرلىرى، قۇربان بولغان ھەربىيلەر ئائىلە تەۋەلىرى، مەملىكەت بويىچە ئىككىنى ھىمايە قىلىشتىكى نەمۇنىچىلار، ئەسلىدىكى گومىنداڭدىن ھەقىقەتكە قايتقانلار ۋەكىللىرى ھەمدە چەت ئەلنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ھەربىي ئەمەلدارلىرى قاتارلىقلار بار.