«جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىستراتېگىيەلىك تىرەك بىلەن تەمىنلەش − شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە يېڭى دەۋردىكى دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىرى توغرىسىدا ئۇنىۋېرسال بايان»

日期:2022年08月02日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى چوڭ ھەجىملىك تەپسىلىي خەۋەر تارقاتتى

«جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىستراتېگىيەلىك تىرەك بىلەن تەمىنلەش − شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە يېڭى دەۋردىكى دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىرى توغرىسىدا ئۇنىۋېرسال بايان»

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان شىنخۇا ئاگېنتلىقى 7 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىستراتېگىيەلىك تىرەك بىلەن تەمىنلەش − شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە يېڭى دەۋردىكى دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىرى توغرىسىدا ئۇنىۋېرسال بايان» ناملىق چوڭ ھەجىملىك تەپسىلىي خەۋەرنى تارقاتتى.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: جۇڭخۇا مىللىتى ئازاب ـ ئوقۇبەتتىن چىقىش يولى تېپىش، جۇڭگو خەلقى ئازادلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا بىر قەھرىمان خەلق ئارمىيەسىگە تاياندى.

جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭگو خەلقىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، جەزمەن خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيادىكى 1 ـ ئورۇندا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى تېزلىتىش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلەش ھەربىي پاراتىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «بۈگۈن، بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش نىشانىغا تارىختىكى ھەرقانداق مەزگىلدىكىدىن تېخىمۇ يېقىنلاشتۇق، قۇدرەتلىك خەلق ئارمىيەسى قۇرۇشقا تارىختىكى ھەرقانداق مەزگىلدىكىدىن تېخىمۇ ئېھتىياجلىق»

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىمۇ يېڭى دەۋرگە كىردى. شى جۇشى «ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەت»نى بىرتۇتاش پىلانلاش ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ يېڭى دەۋردىكى بۇرچى، ۋەزىپىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش توغرىسىدا بىر قاتار ئىستراتېگىيەلىك پىلان ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىدا تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە، تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىستراتېگىيەلىك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش مۇساپىسى قاينام ـ تاشقىنلىققا تولدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، خەلق ئارمىيەسى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ جۇڭگوچە يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، ئومۇمىي جەھەتتىن ئىنقىلاب خاراكتېرلىك قايتا بەرپا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، توسۇپ قالغىلى بولمايدىغان قەدەم بىلەن دۇنيادىكى 1 ـ ئورۇندا تۇرۇشقا قاراپ يۈرۈش قىلماقتا.

ماقالە تۆت قىسىمغا بۆلۈنگەن: شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىنى تۇرغۇزۇش ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ جۇڭگوچە يولىدا مېڭىشنى ئىلمىي كۆرسەتمە ۋە ھەرىكەت پىروگراممىسى بىلەن تەمىنلىدى؛ يېڭىباشتىن جابدۇنۇپ سەپەرگە ئاتلىنىپ، ئارمىيەنى سىياسىي ئارقىلىق قۇرۇش يېڭى دەۋر سەھىپىسى پۈتۈلدى؛ دۇنيادىكى 1 ـ ئورۇندا تۇرۇشقا يۈزلىنىپ، خەلق ئارمىيەسىنى ئومۇمىي جەھەتتىن ئىنقىلاب خاراكتېرلىك قايتا بەرپا قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ بۇرچنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداش ۋە دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش ئىقتىدارى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلدى.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: «يېڭى مۇساپىنىڭ بۇرغىسى چېلىندى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانى ئالدىنقى سەپتە چاقىرىق قىلماقتا، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا، بىز مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك...» جەڭ ناخشىسى ياڭراپ، شانلىق داغدام يول ئېچىلدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، خەلق ئارمىيەسى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ جۇڭگوچە يولىدا باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، دۇنيادىكى 1 ـ ئورۇندا تۇرۇشقا قاراپ يۈرۈش قىلىپ، مۇقەررەر ھالدا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچلۈك ئىستراتېگىيەلىك تىرەك بىلەن تەمىنلەيدۇ.