«شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش پىروگراممىسى» نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

日期:2022年08月01日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تېلېگراممىسى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، بولۇپمۇ شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، ئېكولوگىيە - مۇھىت مىنىستىرلىقى تەشكىللەپ تۈزگەن «شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش پىروگراممىسى» ناملىق كىتابنى ئۆگىنىش نەشرىياتى، خەلق نەشرىياتى بىرلىشىپ نەشر قىلدى، بۈگۈندىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلىدۇ.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈلۈك تەرەققىياتى يۈكسەكلىكىدىن چىقىش قىلىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىدىكى مۇھىم ئورنى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى نەزەرىيەسىدە يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيىتىدە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمىدە يېڭىلىق يارىتىشقا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەلەرنى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويۇپ، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈردى. شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگونىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى ئېكولوگىيە مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم، زور نەتىجىسى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئەمەلىيىتىدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشىنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ساھەسىدىكى مەركەزلىك ئىپادىسى، يېڭى دەۋردىكى دۆلىتىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ تۈپ قوللانمىسى ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى.

«پىروگرامما» جەمئىي 10 باب، 31 تارماق، 87 ماددا بولۇپ، 51 مىڭ خەت. پۈتۈن كىتابتا شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى، روھىي ماھىيىتى، مول ئىچكى خاس مەزمۇنى، ئەمەلىيەت تەلىپى سىستېمىلىق بايان قىلىنغان ۋە چۈشەندۈرۈلگەن بولۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ساھەسىدىكى ئىجادىي تۆھپىسى ئومۇميۈزلۈك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. «پىروگرامما»نىڭ سىستېمىسى ئەتراپلىق، قۇرۇلمىسى پۇختا، مەزمۇنى مول، ئەسلىي تېكىست، ئەسلىي ئەسەرگە سادىق، يېزىقچىلىق ئۇسلۇبى جانلىق، پۇختا بولۇپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشى، ئۆزلەشتۈرۈشىدىكى نوپۇزلۇق ياردەمچى ئوقۇشلۇق ھېسابلىنىدۇ.

مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىدىن «پىروگرامما»نى ئۆگىنىش پىلانىغا كىرگۈزۈپ، ئومۇميۈزلۈك سىستېمىلىق ئۆگىنىپ، ۋاقتىدا يېتىشىپ ئۆگىنىپ، چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ ئۆگىنىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىپ، قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇپ، ئاڭلىق ھالدا شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ قەتئىي ئېتىقادچىلىرى ۋە سادىق ئەمەلدە كۆرسەتكۈچىلىرىدىن بولۇپ، يېڭى دەۋر ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشنى تەلەپ قىلدى.