يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىغا بولغان يېتەكچىلىك ۋە تىرەكلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك

日期:2022年07月31日
来源:天山网
【字体:

شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 41 ـ قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە مۇنداق تەكىتلىدى

يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىغا بولغان يېتەكچىلىك ۋە تىرەكلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى تەبرىكلەش پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 7 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش توغرىسىدا 41 ـ قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش ئېلىپ باردى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇھىم سۆز قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن بارلىق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى كوماندىر ـ جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلىرى، ئارمىيەدىكى مەمۇرىي خادىملار، خەلق ئەسكەرلىرى ـ زاپاس ھەربىيلەرنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ھەربىي خادىملارنىڭ ئىقتىدار ساپاسى، قۇرۇلما ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئۇلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ـ باشقۇرۇش بويىچە ئومۇميۈزلۈك تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ھەم ئەخلاقلىق، ھەم قابىلىيەتلىك بولغان يۇقىرى ساپالىق، كەسپىيلەشكەن يېڭىچە ھەربىي ئىشلار ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئارمىيەمىزنى دۇنيادىكى 1 ـ ئورۇندا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. مەركەز ئىختىساسلىقلار خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئىختىساسلىقلار خىزمىتى يىغىنىنىڭ كېيىنكى ئىشلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىغا بولغان يېتەكچىلىك ۋە تىرەكلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئارمىيەنىڭ سىياسىي خىزمەت تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى يولداش شېن جىخۇا يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش توغرىسىدا چۈشەنچە بەردى ھەم پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق تەكىتلىدى: ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ يولى ئىختىساسلىقلارغا ئىگە بولۇشتا. پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېت يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيە ئىختىساسلىقلارنى باشقۇرۇش سىياسىي قانۇن ـ ئىنتىزامىنى قايتىدىن نامايان قىلىش، جەڭ ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەيدىغان روشەن يۆنىلىش تۇرغۇزۇش، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئادەم كۈچى بايلىقى سىياسەت ـ تۈزۈم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىختىساسلىقلار ساھەسىنى ئېچىۋېتىش، يۇغۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە زور كۈچ سەرپ قىلدى، ئارمىيەمىزنىڭ ئىختىساسلىقلار خىزمىتىدە تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دۇنيا يېڭى داۋالغۇش، ئۆزگىرىش ياساش مەزگىلىگە كىردى، دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋەزىيىتىدىكى مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق ئاشتى. كەلگۈسى بەش يىلدا، ئارمىيەمىز قۇرۇلۇشىنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسى ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. كۈلپەت ئېڭى، مەسئۇلىيەت ئېڭى، ئالغا ئىلگىرىلەش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئارمىيەمىزنىڭ ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەربىي ئىشلار كەسىپ ئالاھىدىلىكى ۋە ھەربىي ئىشلار ئىختىساسلىقلىرىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، يېتىشتۈرۈلگەن ئىختىساسلىقلارنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىختىساسلىقلارنى سىياسىي جەھەتتىن يېتىشتۈرۈش، تەكشۈرۈش، ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىنى ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى ۋە پۈتكۈل جەريانىدا ئىزچىللاشتۇرۇش، مىلتىقنىڭ باشتىن ـ ئاخىر پارتىيەگە سادىق، ئىشەنچلىك كىشىلەرنىڭ قولىدا بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۇرۇش قىلالايدىغان، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلالايدىغان بولۇشنى ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىپ، ئۇرۇش ھالىتىنىڭ ئۆزگىرىش يۈزلىنىشىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، جەڭ قىلىش ئىختىساسلىقلىرى بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. زامانىۋى پەن ـ تېخنىكا، بولۇپمۇ ھەربىي ئىشلار يۇقىرى تېخنىكا بىلىملىرىنى ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، پەن ـ تېخنىكىنى بىلىش ئىقتىدارى، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى، قوللىنىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، پەن ـ تېخنىكا ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق ئىقتىدار، ساپا دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئارمىيەمىزنىڭ ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى چوڭقۇر ھەل قىلىپ، ئىختىساسلىقلارنى تونۇش، ئىختىساسلىقلارنى توپلاش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، ئىختىساسلىقلارنى ئىشلىتىش قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەردە ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئىختىساسلىقلارنى ئۆز ئالدىغا يېتىشتۈرۈش يولىدا ياخشى مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېتىشتۈرۈش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، يېتىشتۈرۈش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى ھەربىي مائارىپ فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەكتەپلەرنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئارمىيەمىزنىڭ مەكتەپ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. مۇھىم، زور ۋەزىپە ۋە كۈرەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە بايقاشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ھەربىي ئادەم كۈچى بايلىقىنى باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىپ، تۈرلۈك خادىملارنىڭ كەسىپ تەرەققىيات يولىنى سىستېمىلىق پىلانلاپ، دەل جايىدا تەڭشەش ـ تىزگىنلەش، سەپلەشنى يولغا قويۇپ، دائىملىق، تەرتىپلىك ئالماشتۇرۇشنى يولغا قويۇش كېرەك. ئىختىساسلىقلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ئىدىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىلمىي باھالاش، توغرا يۆنىلىشلىك رىغبەتلەندۈرۈش، يۆلەش، كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۇنىۋېرسال تەدبىر يۈرگۈزۈش كېرەك. ھەربىي كەسىپ سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكىگە ئىگە ئىختىساسلىقلار تۈزۈمى سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، سىياسەت، تۈزۈملەرنى يۈرۈشلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېڭى، كونا سىياسەت، تۈزۈملەرنى ئالماشتۇرۇش، جىپسىلاشتۇرۇشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئارمىيەمىزنىڭ ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئارمىيە بىلەن يەرلىكنىڭ ئالاقىسى، ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ھەربىي ئىشلار ئېھتىياجى يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، يىرىك پىلاننى ئۇدۇللاشتۇرۇش، سىياسەتنى ئۇدۇللاشتۇرۇش، خىزمەتنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، ئارمىيەمىزنىڭ ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنى ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىغا چوڭقۇر سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر دۆلەت مۇداپىئە ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئارمىيەمىزنىڭ ئىختىساسلىقلار خىزمىتىگە ئاۋۋالقىدەكلا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئالاقىدار سىياسەتلەرنى تۈزۈش، بايلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىش قاتارلىق جەھەتلەردە قوللاپ، ماسلىشىپ، ھەربىيلەر ئائىلە تەۋەلىرىنى ھەربىيلەر بارغان جايدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، پەرزەنتلىرىنى مەكتەپكە، يەسلىگە ئېلىش، نەپىقە بېرىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە غەم ـ ئەندىشىدىن پائال خالاس قىلىپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، ئارمىيەمىزنىڭ ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشى كېرەك.