غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى كۈرەش نىشانىنى جاسارەت بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك

日期:2022年07月30日
来源:天山网
【字体:

شى جىنپىڭ «يول باشلاپ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ گۈللىنىشكە يۈزلىنىش − يېڭى دەۋردىكى دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىرى كۆرگەزمىسى»نى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى كۈرەش نىشانىنى جاسارەت بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك

7 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى تەبرىكلەش پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭگو خەلق ئىنقىلابى ھەربىي مۇزېيىغا بېرىپ، «يول باشلاپ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ گۈللىنىشكە يۈزلىنىش − يېڭى دەۋردىكى دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىرى كۆرگەزمىسى»نى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر مېي چاڭۋېي) جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى تەبرىكلەش پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 7 - ئاينىڭ 27 - كۈنى جۇڭگو خەلق ئىنقىلابى ھەربىي مۇزېيىغا بېرىپ، «يول باشلاپ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ گۈللىنىشكە يۈزلىنىش − يېڭى دەۋردىكى دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىرى كۆرگەزمىسى»نى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېت جۇڭگو ئارزۇسى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۆزلەپ، پۈتۈن ئارمىيەنى ئارمىيەنى سىياسىي ئارقىلىق قۇرۇش، ئارمىيەنى ئىسلاھات ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشقا يېتەكلەپ، ئەسكەرلەرنى مەشىق قىلدۇرۇپ، ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىدا تارىخىي خاراكتېرلىك ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. قەھرىمان خەلق ئارمىيەسى جۇڭگوچە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىدا يېڭى دەۋر سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈپ، يېڭى دەۋر سالاپىتىنى ئۇرغۇتتى.

چۈشتىن كېيىن سائەت 4تىن 30 مىنۇتلار ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ جۇڭگو خەلق ئىنقىلابى ھەربىي مۇزېيىغا كېلىپ، كۆرگەزمە زالىغا كىرىپ كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. كۆرگەزمىدە دىققەت يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، سەككىز بۆلەك كۆرگەزمە رايونى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، «پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانى»، «يېڭىباشتىن جابدۇنۇپ سەپەرگە ئاتلىنىش»، «شەمشەرنى بىلەپ، قالقان ياساپ 1 - ئورۇندا تۇرۇشقا ئاتلىنىش»، «دۆلەت زېمىنىنىڭ ئالقانچىلىك يېرىنىمۇ تارتقۇزۇپ قويمايمىز»، «خەلقنى سۆيىمىز، ئارمىيەنى سۆيىمىز»، «ئەڭ چوڭقۇر مۇھەببەت ئۈچ ئارمىيەنى رىغبەتلەندۈردى، يېڭى مۇساپىسىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيمىز» قاتارلىق نۇقتىلىق كۆرگەزمە تۈرلىرى تەسىس قىلىندى. 1400دىن ئارتۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقى، ئەمەلىي بۇيۇم، 630 پارچىدىن ئارتۇق سۈرەت، 100گە يېقىن قورال - جابدۇق مودېلى ھەمدە نۇرغۇن گىرافىك، سىن، سەنئەت ئەسىرى، ھەمتۈرتكىلىك تۈر قاتارلىقلار ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ھەيۋەتلىك مۇساپىسى ۋە ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرى جانلىق نامايان قىلىنىپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ سادىقلىق بىلەن يادرونى قوغداش، قەتئىي ئىرادە بىلەن كۈرەش قىلىپ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتەك كۆتۈرەڭگۈ قىياپىتى تولۇق نامايان قىلىندى. شى جىنپىڭ ئارىلاپ توختاپ كۆرۈپ، چۈشەندۈرۈشنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى سورىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يەنە بەش يىلدىن كېيىن، بىز جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋالىمىز. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى كۈرەش نىشانىنى جاسارەت بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىستراتېگىيەلىك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن شۈ چىلياڭ، جاڭ يوۋشيا، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرىدىن ۋېي فېڭخې، لى زوچېڭ، مياۋ خۇا، جاڭ شېڭمىن كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.