ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە ئىقتىساد خىزمىتىنى تەھلىل قىلدى، مۇھاكىمە قىلدى «19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 9 - نۆۋەتلىك كۆزىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئۇنىۋېرسال دوكلات»قا قاراپ چىقتى

日期:2022年07月30日
来源:天山网
【字体:

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئېچىپ

ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە ئىقتىساد خىزمىتىنى تەھلىل قىلدى، مۇھاكىمە قىلدى «19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 9 - نۆۋەتلىك كۆزىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئۇنىۋېرسال دوكلات»قا قاراپ چىقتى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 7 - ئاينىڭ 28 - كۈنى يىغىن ئېچىپ، ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلدى، مۇھاكىمە قىلدى، كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، «19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 9 - نۆۋەتلىك كۆزىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئۇنىۋېرسال دوكلات»قا قاراپ چىقتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق قارالدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، مۇرەككەپ، كەسكىن خەلقئارا مۇھىت ۋە مۈشكۈل، ئېغىر بولغان دۆلەت ئىچىدىكى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى ئۈنۈملۈك بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە ئىجابىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسەتتى، نەتىجىلەر تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئەرزىيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھازىرقى ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشى بىر قىسىم گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرگە دۇچ كەلدى، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، ئۆز ئىشىمىزنى قەتئىي ياخشى قىلىشىمىز كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى بىخەتەر قىلىش تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ قايتا ئۆرلەپ ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا كۈچەپ، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىنى مۇۋاپىق ئارىلىقتا ساقلاپ، تىرىشىپ ئەڭ ياخشى نەتىجە يارىتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: چىڭ تۇرۇشنىڭ ئۆزى غەلىبە. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى يۇقىرى ئۈنۈمدە بىرتۇتاش پىلانلاش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇناسىۋىتىگە قارىتا، ھەر تەرەپلىمە قاراش، سىستېمىلىق قاراش، يىراق كەلگۈسىدىن قاراش، بولۇپمۇ سىياسىي جەھەتتىن قاراش، سىياسىي ھېسابات قىلىش كېرەك. خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇم كۆرۈلگەن ھامان جەزمەن دەرھال قاتتىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، باشقۇرۇشقا تېگىشلىكلىرىنى قەتئىي باشقۇرۇش كېرەك، بوشىشىپ قىلىشقا، ئۇرۇشتىن بىزار بولۇشقا قەتئىي بولمايدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توغرىسىدىكى سىياسەت - تەدبىرلەرنى قەتئىي ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان نۇقتىلىق فۇنكسىيەلەرنىڭ تەرتىپلىك ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ساقلاپ قېلىشقا تېگىشلىكلىرىنى قەتئىي ساقلاپ قېلىش كېرەك. ۋىرۇسنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئىز قوغلاش ۋە يېڭى ۋاكسىنا، يېڭى دورىلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ماكرولۇق سىياسەت ئېھتىياجنى كېڭەيتىش جەھەتتە ئاكتىپ رول ئوينىشى كېرەك. مالىيە، پۇل سىياسىتى جەمئىيەت ئېھتىياجىدىكى يېتەرسىزلىكنى ئۈنۈملۈك تولۇقلىشى كېرەك. يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەخسۇس تۈردىكى زايوم مەبلىغىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەخسۇس تۈردىكى قەرز نورمىسىنى تولۇق ئىشلىتىشى، ياخشى ئىشلىتىشىنى قوللاش كېرەك. پۇل سىياسىتى يۆتكىلىشچانلىقنىڭ مۇۋاپىق، تولۇق بولۇشىنى ساقلاپ، كارخانىلارغا قاراتقان ئىناۋەتلىك قەرز پۇل مەدىتىنى زورايتىش، سىياسەت خاراكتېرلىك بانكىلار يېڭىدىن كۆپەيتكەن ئىناۋەتلىك قەرز پۇل ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىش فوندىدىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك. كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى ۋە خەلقئارا رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، قاتناش ئەشيا ئوبوروتىنى راۋانلاشتۇرۇپ، دۆلەت ئىچى كەسىپ زەنجىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئوتتۇرا، غەربىي قىسىم رايونلارنىڭ ئۇل ئەسلىھە ۋە تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ياخشىلىشىنى قوللاش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى ھەر تەرەپلىمە ساقلاش كېرەك. ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئېنېرگىيە بايلىقى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭى ئېنېرگىيە تەمىنات - سەرپىيات سىستېمىسىنى پىلانلاش ۋە قۇرۇش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. ئۆي - زېمىن بازىرىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئۆينى ئولتۇرۇشقا ئىشلىتىش، سودا ۋاسىتىسىگە ئايلاندۇرۇۋالماسلىقتىن ئىبارەت ئورۇن بەلگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، شەھەرگە قاراپ تەدبىر قوللىنىپ، سىياسەت قورال ساندۇقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ياخشى پايدىلىنىپ، مۇتلەق خاراكتېرلىك ۋە ياخشىلاش خاراكتېرلىك تۇرالغۇ ئېھتىياجىنى قوللاپ، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، بىنانى تاپشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش، خەلق تۇرمۇشىنى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك. پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، بىر قىسىم جايلاردىكى كەنت - بازار بانكىلىرىدا ساقلانغان خەۋپ - خەتەرنى مۇۋاپىق ھەل قىلىپ، پۇل مۇئامىلە جىنايىتىگە قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنىڭ ئۈچ يىللىق ھەرىكەت لايىھەسىنى داۋاملىق يولغا قويۇش كېرەك. سۇپا ئىقتىسادىنىڭ قېلىپلاشقان، ساغلام، سىجىل تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، سۇپا ئىقتىسادىنى مەخسۇس تۈزەشنى تاماملاپ، سۇپا ئىقتىسادىنى دائىملىق نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، بىر تۈركۈم «يېشىل چىراغ» لىق مەبلەغ سېلىش ئۆرنەكلىرىنى مەركەزلىك ئوتتۇرىغا چىقىرىش كېرەك. ئېكسپورتنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىمپورتنى كېڭەيتىپ، تېخنىكا، تاشقى مەبلەغ كىرگۈزۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك. قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرۈپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاش كېرەك. ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىشى، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرى تولۇپ تاشقان جۇشقۇن روھىي ھالەت بىلەن خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشى، رەھبىرىي كادىرلار ئىش قىلىشتا دادىل بولۇشى، ئىش قىلىشقا ماھىر بولۇشى كېرەك. ئىقتىساد چوڭ ئۆلكىلىرى باتۇرلۇق بىلەن ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئېلىشى، شارائىتى بار ئۆلكىلەر ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ كۆزلىمە نىشانىنى تىرىشىپ ئورۇندىشى كېرەك. كارخانا ۋە كارخانىچىلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، ياخشى سىياسەت ۋە تۈزۈم مۇھىتى بەرپا قىلىپ، دۆلەت كارخانىلىرىنى دادىل ئىش قىلىش، پۇقراۋى كارخانىلارنى دادىل بۆسۈش ھاسىل قىلىش، چەت ئەل كارخانىلىرىنى دادىل مەبلەغ سېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، كۆزىتىش خىزمىتى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ تەرەققىي قىلدى، 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 9 - نۆۋەتلىك كۆزىتىشىدە مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى مەركەزلىك كۆزىتىلىپ، پارتىيە نىزامنامىسىدە بەلگىلەنگەن كۆزىتىشنىڭ تولۇق قاپلىشىغا دائىر ۋەزىپىلەر ئۆز قەرەلىدە تاماملاندى، بۇ، پارتىيەمىزنىڭ ئۆزى ئۈستىدە دادىل ئىنقىلاب قىلىشتىكى روشەن خىسلىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپلا قالماي، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكتىن خالىي قالماسلىقتەك قەتئىي مەيدانىنى نامايان قىلدى. كۆزىتىشتىن قارىغاندا، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى «تۆت ئاڭ»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەستايىدىل مەسئۇل بولىدىغان، پائال يۇقىرى ئۆرلەيدىغان ياخشى ھالەتنى نامايان قىلغان، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كۆزىتىشتە بەزى مەسىلىلەرمۇ بايقالدى، يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تۈزىتىشنى ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىشتە ئۈلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چۈشىنىپ ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پارتىيەگە سادىق بولۇش، خەلققە مەسئۇل بولۇشنى باشلامچىلىق بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي تۈردە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. توغرا يولنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئىقتىدارى ۋە كەسىپ قابىلىيىتىنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى تەلەپكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇيغۇنلىشىپ، يېڭى دەۋردىكى خىزمەت قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، مەۋقەنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە قويۇپ، مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى پۇختا ئادا قىلىش كېرەك. ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىستېمىلىق توپلاشقان، ماس يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش كېرەك. تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تۈگىتىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەرنى ئالدىن مۆلچەرلەش، ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش، ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى «ئىككى مەسئۇلىيەت»نى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىرىنچى جاۋابكارلىق مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بېسىمنى قاتلاممۇقاتلام يەتكۈزۈپ، ئىچكى قىسىمدا باشقۇرۇش ۋە ھوقۇق يۈرگۈزۈشنى نازارەت قىلىش - چەكلەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، رەھبەرلىك بەنزىسى قۇرۇلۇشى، كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ۋە ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. كۆزىتىش نەتىجىلىرىدىن ئۇنىۋېرسال ياخشى پايدىلىنىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈزۈلمە - مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ خىزمەت ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.