شى جىنپىڭ جۇڭگو خەلقئارا سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ھەم يەرشارىۋى سودا ۋە سېلىنمىنى ئىلگىرى سۈرۈش باشلىقلار يىغىنىدا سىنلىق سۆز قىلدى

日期:2022年05月20日
来源:天山网
【字体:

5 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭگو خەلقئارا سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ھەم يەرشارىۋى سودا ۋە سېلىنمىنى ئىلگىرى سۈرۈش باشلىقلار يىغىنىدا سىنلىق سۆز قىلدى.  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

5 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭگو خەلقئارا سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ھەم يەرشارىۋى سودا ۋە سېلىنمىنى ئىلگىرى سۈرۈش باشلىقلار يىغىنىدا سىنلىق سۆز قىلدى.  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يىن بوگۇ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى تېلېگراممىسى 5 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭگو خەلقئارا سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ھەم يەرشارىۋى سودا ۋە سېلىنمىنى ئىلگىرى سۈرۈش باشلىقلار يىغىنىدا سىنلىق سۆز قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو خەلقئارا سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتى 1952 ـ يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان، مەۋقەنى جۇڭگوغا قويۇپ، دۇنياغا يۈزلىنىپ، جۇڭگو ۋە چەت ئەل كارخانىلىرىنىڭ مەنپەئەت رىشتىسىنى چىڭىتىش، خەلقئارا ئىقتىساد ـ سودا ئالاقىسىگە تۈرتكە بولۇش، دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. جۇڭگو خەلقئارا سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتىنىڭ 70 يىللىق مۇساپىسى جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتكەنلىكىنىڭ مۇھىم ئىپادىسى، شۇنداقلا ھەرقايسى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنىڭ مۇھىم گۇۋاھچىسى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر، 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى بىلەن ئەسىر يۇقۇمى گىرەلىشىپ كەتتى، ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشى تەتۈر ئېقىمغا دۇچ كەلدى، دۇنيا يېڭى داۋالغۇش، ئۆزگىرىش ياساش مەزگىلىگە كىردى. ھەرقايسى دۆلەت سودا ـ سانائەت ساھەسىدىكىلەرنىڭ تىنچ تەرەققىياتقا بولغان ئۈمىدى تېخىمۇ سەمىمىي، ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىققا بولغان ساداسى تېخىمۇ كۈچلۈك، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشقا بولغان ئىنتىلىشى تېخىمۇ تەخىرسىز بولماقتا. شى جىنپىڭ تۆت تۈرلۈك تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى:

بىرىنچى، كۈچنى مۇجەسسەملەپ يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش كېرەك. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى تەكرارلىنىپ، ئارقىغا سۈرۈلۈپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كېلىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى. خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ئىشلەپچىقىرىش، تەقسىملەش خەلقئارا ھەمكارلىقىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، يەرشارىۋى ئاممىۋى سەھىيە ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى قاتمۇقات مۇداپىئە لىنىيەسىنى ئورتاق قۇرۇپ، ئىنسانىيەت سەھىيە ـ ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئىككىنچى، سودا ۋە سېلىنمىنى قايتىدىن جانلاندۇرۇش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ماكرولۇق ئىقتىساد سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030 ـ يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنىڭ ئالمىشىشى، شەكلىنىڭ ئۆزگىرىشى، قۇرۇلمىسىنىڭ تەڭشىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنى ئۇزاققىچە ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىش يولىغا سېلىش كېرەك. دۇنيا سودا تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوللاپ، يەرشارىۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى قوغداپ، ھەمكارلىق تورتىنى چوڭايتىپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنى تېخىمۇ ياخشى مەنپەئەتلەندۈرۈش كېرەك.

ئۈچىنچى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئېشىش يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى ئورتاق كۈچەيتىپ، تولۇق قاتنىشىش، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش ئاساسىدا قائىدە تۈزۈپ، پەن ـ تېخنىكا تەرەققىياتى ئۈچۈن ئېچىۋېتىلگەن، ئادىل، ھەققانىي بولغان، كەمسىتىش بولمىغان مۇھىت يارىتىش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش، ئالماشتۇرۇش جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پەن ـ تېخنىكا بىلەن ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى كۈچەيتىپ، بىلىم، تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق يېڭىلىق يارىتىش مۇھىم ئامىللىرىنىڭ يۆتكىلىشىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان توسۇقنى تىرىشىپ بۇزۇپ تاشلاش كېرەك.

تۆتىنچى، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش قارىشىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، يەرشارىۋى بايلىقنى سەپەرۋەر قىلىپ، يەرشارىۋى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، يەرشارىۋى تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. سۆھبەتلىشىش ـ قارشىلاشماسلىق، تامنى چېقىۋېتىش ـ تام قوپۇرماسلىق، يۇغۇرۇلۇش ـ ئالاقىنى ئۈزمەسلىك، سىغدۇرۇش ـ باشقىلارنى چەتكە قاقماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، ئادىللىق، ھەققانىيلىق ئىدىيەسى ئارقىلىق يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدا ئۆزگىرىش ياساشقا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگونىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش ئىرادىسى ئۆزگەرمەيدۇ، جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى پەقەت بارغانسېرى كەڭ ئېچىۋېتىلىدۇ. جۇڭگو بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى سىجىل بەرپا قىلىپ، «رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى»نى يۇقىرى سەۋىيەدە يولغا قويۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يەرشارىۋى سودا ـ سانائەت ساھەسىنى تېخىمۇ كۆپ بازار پۇرسىتى، مەبلەغ سېلىش پۇرسىتى، ئېشىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بىز قول تۇتۇشۇپ، تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھازىرقى دۇنيا ئىقتىسادى ھەمدە خەلقئارا سودا ۋە سېلىنمىدا دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى ئورتاق ھەل قىلىپ، بىرلىكتە تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىگە ئاتلىنايلى.