دۆلىتىمىز تەرەققىياتىدىكى مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىنى توغرا تونۇش ۋە ئىگىلەش كېرەك

日期:2022年05月17日
来源:天山网
【字体:

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ

دۆلىتىمىز تەرەققىياتىدىكى مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىنى توغرا تونۇش ۋە ئىگىلەش كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى تېلېگراممىسى 5 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 10 ـ سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «دۆلىتىمىز تەرەققىياتىدىكى مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىنى توغرا تونۇش ۋە ئىگىلەش كېرەك» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ.

ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرگەندە، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات ئىچكى ـ تاشقى مۇھىتىدا چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇپ، نۇرغۇن يېڭى مۇھىم، زور مەسىلىلەرگە دۇچ كەلدۇق، بۇنى توغرا تونۇش ۋە ئىگىلەش كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئورتاق بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك نىشانى ۋە ئەمەلىيەت يولىنى توغرا تونۇش ۋە ئىگىلەش كېرەك. ئورتاق بېيىش جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى. ئورتاق بېيىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، ئالدى بىلەن پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئورتاق كۈرەش قىلىشى ئارقىلىق «تورت»نى زورايتىش، ياخشىلاش كېرەك، ئاندىن مۇۋاپىق تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى ئارقىلىق «تورت»نى ياخشى كېسىش، ياخشى تەقسىملەش كېرەك. بۇ بىر ئۇزاق مۇددەتلىك تارىخىي جەريان، بىز شارائىت يارىتىپ، تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۇختا قەدەم بىلەن بۇ نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش جەريانىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش يۆنىلىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولغان تۈرتكىلىك كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. تەقسىماتنىڭ ئىقتىدارى ۋە رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۈنۈم بىلەن ئادىللىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، دەسلەپكى تەقسىمات، قايتا تەقسىمات، ئۈچىنچى قېتىملىق تەقسىماتنى ماسلاشتۇرۇش، يۈرۈشلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئۇل خاراكتېرلىك تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئاممىۋى مۇلازىمەت سىياسەت ـ تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قۇربىنىڭ يېتىشىچە ئىشلەش، مادارىغا قاراپ ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مۇھىمى ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مائارىپ، داۋالاش، ياشانغانلار كۈتۈنۈش، تۇرالغۇ قاتارلىق خەلق ئاممىسى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ساھەلەردە ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت بىلەن دەل جايىدا تەمىنلەش كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: كاپىتالنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ھەرىكەت قانۇنىيىتىنى توغرا تونۇش ۋە ئىگىلەش كېرەك. سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىش پارتىيەمىزنىڭ ئۇلۇغ ئىجادىيىتى. قانداق قىلىپ سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى شارائىتىدا كاپىتالنىڭ ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرغىلى، شۇنىڭ بىلەن بىللە كاپىتالنىڭ پاسسىپ رولىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىگىلى بولىدىغانلىقى ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. كاپىتال ئۈچۈن «قىزىل، يېشىل چىراغ» تەسىس قىلىپ، بەزى كاپىتالنىڭ قارىغۇلارچە كۆپىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، كاپىتالنى ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىپ، كاپىتالنىڭ قېلىپلاشقان، ساغلام تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىپ ۋە ئۇنى يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قىلچە تەۋرەنمەي ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، قىلچە تەۋرەنمەي ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلھام بېرىپ، مەدەت بېرىپ، يېتەكلەپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكتىكى زاتلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: دەسلەپكى مەھسۇلاتنىڭ تەمىنات كاپالىتىنى توغرا تونۇش ۋە ئىگىلەش كېرەك. دەسلەپكى مەھسۇلاتنىڭ تەمىناتىغا ياخشى كاپالەتلىك قىلىش بىر مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك مەسىلە، جەزمەن ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، بالدۇر تەڭشەپ، تەمىنلەش بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تېجەشلىك بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك تېجەشلىك بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى تېجەشلىك بولۇش ھەرىكىتىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. دۆلەت ئىچىدىكى بايلىق ئىشلەپچىقىرىشنى كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك. مەملىكەت سىرتىدىكى بايلىققا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. جۇڭگولۇقلارنىڭ تاماق قاچىسىنى ھەر ۋاقىت ئۆز قولىمىزدا مەھكەم تۇتۇشىمىز كېرەك، بىزنىڭ تاماق قاچىمىزغا ئاساسلىقى جۇڭگونىڭ ئاشلىقى قاچىلىنىشى كېرەك. يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئوزۇق ـ تۈلۈكنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكى، دانلىق زىرائەت بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن ئۆزىنى ئۆزى تەمىنلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ياغلىق دان، دادۇر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە ئۆزىنى ئۆزى تەمىنلەش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئېغىر، زور خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشنى توغرا تونۇش ۋە ئىگىلەش كېرەك. تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىز سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئېغىر، زور خەۋپ ـ خەتەر ياكى كىرىزىسنىڭ يۈزبېرىشىدىن تىرىشىپ ساقلىنىش كېرەك. داۋاملىق تۈردە ئومۇمىي ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇش، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش، تۈرگە ئايرىپ تەدبىر يۈرگۈزۈش، دەل جايىدا تۈگىتىش ئاساسىي فاڭجېنى بويىچە، خەۋپ ـ خەتەرنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. قانۇن بويىچە، بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن ھالدا مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بايلىقنى يېتەرلىك قىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەر كەڭ دائىرىدە ھەمكارلىشىپ، بازار ھالقىغان، ساھە ھالقىغان بىرتۇتاش پىلانلاپ تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى توغرا تونۇش ۋە ئىگىلەش كېرەك. يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تىپىنى ئۆزگەرتىشتىكى مۇرەككەپ قۇرۇلۇش ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك ۋەزىپە. كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش ۋە كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا قەتئىي تەۋرەنمەسلىك كېرەك، لېكىن بۇ بىر قېتىملىق جەڭ بىلەنلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش پىلانلاش، تېجەشلىك بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، قوش چاقلىق قوزغىتىش، ئىچكى ـ تاشقى جەھەتتىن راۋانلاشتۇرۇش، خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. مەۋقەنى كۆمۈر ئاساس قىلىنغان ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالىغا قويۇپ، كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ياخشى تۇتۇپ، يېڭى ئېنېرگىيەنى ئىشلىتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك. يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق بولۇش بويىچە تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى قاتتىق تۇتۇپ، ئىلغار تېخنىكىنى كېڭەيتىش، قوللىنىشنى تېزلىتىش كېرەك. ئىلمىي باھالاپ، ئېنېرگىيە سەرپىياتى بويىچە «قوش تىزگىنلەش» تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بۇلغىمىنى ئازايتىش، كاربوننى تۆۋەنلىتىشكە دائىر رىغبەتلەندۈرۈش، چەكلەش مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك. «قوش تىزگىنلەش»، «قوش كاربون» خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، ئاددىي ھالدا قاتلاممۇقاتلام تەقسىملەشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئېنېرگىيە ئىنقىلابىغا چوڭقۇر تۈرتكە بولۇپ، ئېنېرگىيە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك.