شى جىنپىڭنىڭ مەدەنىيەتكە بولغان چوڭقۇر ھېسسىياتى

日期:2022年05月13日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى

«جۇڭخۇا زېمىنىنى قىزغىن سۆيىدىغان كىشى چوقۇم ئۇنىڭ ھەربىر ئېقىنى، ھەربىر سۇڭ يېرى، ھەربىر بەتتىكى شانلىق تارىخىنى سۆيىدۇ».

بۇ، يولداش شى جىنپىڭ 30 نەچچە يىل ئىلگىرى خېبېي جېڭدىڭدا خىزمەت قىلىۋاتقاندا ئېيتقان چوڭقۇر ھېسسىياتلىق سۆز.

كۆپ يىللاردىن كېيىن، «جۇڭگو ناملىق» غايەت زور پاراخوتنىڭ دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىشىگە يول باشلاپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىپتىخارلانغان ھالدا مۇنداق جاكارلىدى: «جۇڭخۇا مىللىتى نەچچە مىڭ يىللىق تارىخ داۋامىدا ياراتقان ۋە داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يىلتىزى ۋە روھى».

خۇاشيا مەدەنىيلىكىنىڭ تارىخ ئاسمىنىغا نەزەر سېلىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ۋە جۇڭگو روھىنىڭ دەۋر جەۋھىرىنى تاۋلاپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ مىسلىسىز قەتئىي مەدەنىيەت ئىشەنچى بىلەن، جۇڭگو خەلقىنى يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش يولىدا چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىدى.

«ئەگەر جۇڭخۇانىڭ 5000 يىللىق مەدەنىيلىكى بولمىسا، نەدىمۇ جۇڭگوچە ئالاھىدىلىك بولسۇن؟»

2003 - يىلى 7 - ئايدا، ئەينى ۋاقىتتا جېجياڭ خاڭجوۋ يۈخاڭ رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان خې گۇەنشىن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شى جىنپىڭنىڭ لياڭجۇ يادىكارلىق ئورنىغا كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالدى.

لياڭجۇ مۇزېيىنىڭ بىر كىچىك يىغىن زالىدا، شى جىنپىڭ لياڭجۇ مەدەنىيىتىنى قوغداشقا ئائىت ھۆججەتلىك فىلىمنى كۆردى، ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى.

بۇ چاغدىكى لياڭجۇ قوغداش بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش زىددىيىتى ئىچىدە تۇرۇۋاتاتتى. يادىكارلىق ئورنى رايونىغا 30دىن ئارتۇق تاش كان جايلاشقان بولۇپ، شاۋقۇن كۈچلۈك، چاڭ - توزان قويۇق ئىدى. شۇ جايدىكى ئامما قىزىقچىلىق قىلىپ: ئۆيدىكى جوزا - ئورۇندۇقلارنى يېرىم كۈن سۈرتمىسىلا خەت يازغىلى، رەسىم سىزغىلى بولىدۇ، دەيتتى، ئارخېئولوگلار ئېچىنغان ھالدا تەنقىدلەپ بۇ رايوننى «پارتلاش ئاۋازى ئۈزۈلمەيدىغان جەڭ مەيدانىغا ئوخشايدۇ» دېگەنىدى.

«لياڭجۇ يادىكارلىق ئورنى جۇڭخۇانىڭ 5000 يىللىق مەدەنىيلىك تارىخىنى ئەمەلىي ئىسپاتلاپ بېرىدىغان مۇقەددەس جاي، ئاز تېپىلىدىغان قىممەتلىك بايلىق، بىز جەزمەن ئۇنى ياخشى قوغدىشىمىز كېرەك!» دېدى شى جىنپىڭ كەسكىنلىك بىلەن.

لياڭجۇدا «پارتلاش ئاۋازى» بېسىقىپ، جىمجىتلىق ئەسلىگە كەلدى، تاغلارمۇ شۇنىڭدىن باشلاپ يېشىللىققا قايتتى.

2016 - يىلى، تۆت نەپەر ئارخېئولوگ باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ لياڭجۇ يادىكارلىق ئورنىنىڭ «دۇنيا مەدەنىيەت مىراسى»غا بالدۇرراق ئىلتىماس قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلدى. باش شۇجى مەخسۇس مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق دېدى: «قەدىمىي يادىكارلىق ئورنىنى ئۈنۈملۈك قوغداشنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق ھالدا سىستېمىلىق ئارخېئولوگىيەلىك قېزىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ ئۇزاق تارىخى ۋە بىباھا قىممىتىگە بولغان تونۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك».

ئۈچ يىلدىن كېيىن، لياڭجۇ قەدىمىي شەھىرى يادىكارلىق ئورنى «دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكى»گە كىردى، بۇ جۇڭخۇانىڭ 5000 يىلدىن ئارتۇق مەدەنىيلىك تارىخىنى ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ كۈچلۈك ئەمەلىي ئىسپاتلاپ بېرىدىغان دەلىل - ئىسپات بولۇپ، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېخىمۇ كەڭ دىققىتىنى تارتتى.

قانچىلىك يىراق ئۆتمۈشنى كۆرگىلى بولسا، شۇنچىلىك يىراق كەلگۈسىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

«بىز قەيەردىن كەلدۇق؟ بىز قايسى تەرەپكە ماڭىمىز؟ جۇڭگو بۈگۈنكى كۈنگە كەلدى، مەن ئۆزۈمگە مۇشۇنداق بىر خىل تارىخىي تۇيغۇ بولۇش كېرەكلىكىنى ھەر ۋاقىت ئەسكەرتىپ تۇردۇم...» پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇستەھكەم مەدەنىيەت ئاڭلىقلىقى ۋە ئىشەنچى بىلەن، جۇڭگو خەلقىنى يېتەكلەپ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش يولىغا قاراپ ئاتلاندى.

2013 - يىلى 11 - ئايدا، شەندۇڭ چۈفۇدىكى كۇڭزى قەسىرى ۋە كۇڭزى تەتقىقات يۇرتىغا بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولغاندا، «كۇڭزىچىلار بايانى توغرىسىدا چۈشەنچە» «مۇھاكىمە ۋە بايان ئىزاھاتى» ناملىق ئىككى كىتابنى كۆرۈپ، باش شۇجى ئىنتايىن قىزىقىش بىلەن قولىغا ئېلىپ: «بۇ ئىككى كىتابنى مەن تەپسىلىي كۆرۈپ چىقسام بولغۇدەك»، دېدى.

2014 - يىلى 9 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، بېيجىڭ خەلق سارىيى.

كۇڭزى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 2565 يىللىقىنى خاتىرىلەش خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ھەم خەلقئارا كۇڭزىچىلىق تەلىماتى بىرلەشمىسىنىڭ 5 - نۆۋەتلىك ئەزالار يىغىنىغا قاتناشقان ئالىملار ھەيرانلىق بىلەن شۇنى بايقىدى، يىغىن بىر ئالاھىدە قاتناشقۇچى − جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنى كۈتۈۋالغانىدى.

«يىراقتىن دوستۇڭ كەلسە، خۇشال بولماي تۇرالامسەن.» شى جىنپىڭ «مۇھاكىمە ۋە بايان»نىڭ مۇقەددىمىسىدىكى سۆزنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئۇنى ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ئەزىز مېھمانلارنى قارشى ئالىدىغان كىرىش سۆز قىلدى.

2021 - يىلى 3 - ئايدا، ۋۇيىشەن تېغىدىكى جيۇچۈشى بويىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇ شى باغچىسىغا كىردى.

«يول بويى ئىچكىرىلەپ مېڭىپ، ئەڭ ئىچكىرىسىدىكى بىر ئۆينىڭ تېمىدا <دۆلەتتە خەلقنى ئاساس قىلىش، دۆلەتنى خەلق ئۈچۈن قۇرۇش> دېگەن خەت يېزىلغانلىقىنى كۆرۈپ، باش شۇجى قەدىمىنى توختىتىپ زەن سېلىپ كۆردى، ئۇ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە بۇ سۆزنى نەقىل كەلتۈردى.» بۇ كۆرۈنۈشنى قايتا ئەسلىگەندە، فۇجيەن ئۆلكىلىك مەدەنىيەت، تارىخ تەتقىقات سارىيىنىڭ تەتقىقاتچىسى جاڭ جيەنگۇاڭنىڭ تەسىراتى چوڭقۇر ئىدى.

«ئەگەر جۇڭخۇانىڭ 5000 يىللىق مەدەنىيلىكى بولمىسا، نەدىمۇ جۇڭگوچە ئالاھىدىلىك بولسۇن؟ ئەگەر جۇڭگوچە ئالاھىدىلىك بولمىسا، نەدىمۇ بىزنىڭ بۈگۈنكى بۇنداق مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىمىز بولسۇن؟»

ئۆتمۈشنى ئەينەك قىلىپ كەلگۈسىنى بىلىپ، باش شۇجى چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ مۇنداق دېدى: «بىز جۇڭخۇانىڭ 5000 يىللىق مەدەنىيلىكىنىڭ جەۋھىرىنى قېزىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇشنى ماركسىزملىق مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇل بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىشىمىز كېرەك».

جۇڭخۇا 5000 يىللىق مەدەنىيلىكى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشتا، «ئۆز يولىمىزدا مېڭىش»تا چىڭ تۇرغاچقا قۇدرەتلىك جاسارەتكە ئىگە بولدۇق.

بۇ ئىشەنچ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىدىن كەلگەن.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: «جۇڭگو كوممۇنىستلىرى باشتىن - ئاخىر جۇڭگو مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ سادىق ۋارىسلىق قىلغۇچىلىرى ۋە ئەۋج ئالدۇرغۇچىلىرى».

دۇنخۇاڭ دۇنيا مەدەنىيلىكى ئۇزۇن مۇساپىسىدە جۇلالىنىپ تۇرغان بىر نۇرلۇق مەرۋايىت. «دۇنخۇاڭ قىزى» فەن جىنشى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆزى بىلەن تۇنجى قېتىم قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەن چاغدىكى كۆرۈنۈشنى ئۇنتۇمايدۇ.

2013 - يىلى 4 - ئايدا، فەن جىنشى بېيجىڭغا بېرىپ مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇنىڭ ئالدىغا كەلگەندە كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ: «سىز دۇنخۇاڭشۇناسلىقنى تەتقىق قىلىسىزغۇ» دېدى.

«بىر دۆلەتتە قانچىلىغان ئادەم، قانچىلىغان ئىش بار، باش شۇجى مېنىڭ دۇنخۇاڭشۇناسلىقنى تەتقىق قىلىدىغانلىقىمنى بىلىدىكەن، بۇ ھەقىقەتەن كىشىنى قايىل قىلىدۇ.» بۇ، ھازىرغىچە فەن جىنشىنىڭ ئېسىدىن چىقمايدۇ.

بېيجىڭدىن دۇنخۇاڭغىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ فەن جىنشى بىلەن بەش قېتىم قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش، قەلبداش بولۇش، غەمخورلۇق قىلىش جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىشىغا ئىلھام بەرمەكتە.

«دۇنخۇاڭ مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت ئىشەنچىنى نامايان قىلدى.» «پەقەت ئىشەنچكە تولغان مەدەنىيلىك بولغاندىلا، ئاندىن ئۆزىنىڭ مىللەت ئالاھىدىلىكىنى ساقلاش بىلەن بىللە، ھەر خىل ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكنى سىغدۇرغىلى، ئۆرنەك ئالغىلى، قوبۇل قىلغىلى بولىدۇ».

بۇ خىل ئىشەنچ گۈزەللىكلەردە ئورتاقلىشىشتىن ئىبارەت كەڭ قورساقلىقتىن كەلگەن.

2019 - يىلى 11 - ئايدا، ئافىنا قەلئەسى مۇزېيى. گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ جايغا كەلدى.

«كىرىتىئوسلۇق ئۆسمۈر» ھەيكىلى ئالدىدا، ئۇ قەدىمىنى توختاتتى.

«چوڭقۇر ئويغا پاتقان ئافېنا» قاپارتما ھەيكىلى ئالدىدا، ئۇ يەنە بىر قېتىم قەدىمىنى توختاتتى.

«ئۇ ئۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ زادى قەيەردە ئىكەنلىكى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈۋاتىدۇ». شى جىنپىڭ يېنىدىكى گىرېتسىيە زۇڭتۇڭىغا «ئۇرۇشنى توختىتىش ھەقىقىي جاسارەت» دېگەن جۇڭگو ھېكمەتلىك سۆزىنى سۆزلەپ بەردى، زۇڭتۇڭ بىر تەرەپتىن ئاڭلىغاچ توختىماستىن باش لىڭشىتىپ قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

«بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، بىردەك ئىتتىپاقلاشقاندىلا، ئاندىن قىيىنچىلىقلارنى يەڭگىلى بولىدۇ.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نەزەرىدە، مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش بىلەن رەڭدارلىشىدۇ، مەدەنىيلىك ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش بىلەن بېيىيدۇ. مەدەنىيلىك پەرقى دۇنيا توقۇنۇشىنىڭ مەنبەسى بولۇپ قالماسلىقى، بەلكى ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى تەرەققىياتىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولۇشى كېرەك.

داغدام يولدا ماڭغاندىلا، دۇنيا خەلققە مەنسۇپ بولىدۇ. جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ مۇنبەت تۇپرىقىدا يىلتىز تارتقان جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى كەڭ ھەم داغدام.

«بىر تۈزۈم، بىر خىل كۈچنىڭ ئىلغار ياكى ئەكسىيەتچىل ئىكەنلىكىگە باھا بېرىشتە، مۇھىم بولغان بىر نۇقتا ئۇنىڭ تارىخقا، مەدەنىيەتكە تۇتقان پوزىتسىيەسىگە قاراشتىن ئىبارەت»

2800 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن پىڭياۋ قەدىمىي شەھىرى 2022 - يىلىدىكى باھار بايرىمى ھارپىسىدا بىر ئەزىز مېھماننى كۈتۈۋالدى.

يىڭشۈنمېندا ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ شەھەرگە پىيادە كىرىپ، پىڭياۋ قەدىمىي شەھىرىنىڭ تارىخىي ئىزنالىرىنى ھېس قىلدى. شەھەر سېپىلىغا چىقىپ شەھەرنىڭ پۈتۈن قىياپىتىگە نەزەر سالدى، پىڭياۋ ناھىيە يامۇلى كونا ئورنىدا قەدىمىي شەھەرنىڭ تارىخىي ئۆزگىرىشىنى ئىگىلىدى... ئۇ چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق دېدى: «تارىخقا ھۆرمەت قىلىش، مەدەنىيەتكە ھۆرمەت قىلىش، ئېكولوگىيەگە ھۆرمەت قىلىش كېرەك».

بۇنىڭدىن بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى، جۇڭگونىڭ يېڭى بىر يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ ئۈچ «ھۆرمەت قىلىش» دېگەن سۆز ئارقىلىق يىغىنغا قاتناشقان يولداشلارغا مۇنداق ئەسكەرتتى: «رەھبىرىي كادىرلار ئىقتىساد خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتە، پەقەت ئىقتىسادشۇناسلىق بىلىملىرى، ئىلىم - پەن بىلىملىرىنى بىلسىلا كۇپايە قىلمايدۇ، يەنە جەزمەن تارىخىي بىلىملەرنى ئۆگىنىشى، مەدەنىيەت ئاساسىنى پۇختىلىشى، ئېكولوگىيە قارىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى كېرەك».

داغدام يولنى بىلىشتە، جەزمەن ئالدى بىلەن تارىخنى چۈشىنىش كېرەك.

فۇجيەننىڭ نىڭدېدا ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان مەزگىلدە، شى جىنپىڭنىڭ بىر تەلىپى خىزمەتداشلىرىنى «ھەيران» قالدۇرغانىدى.

ئۇ شياپۇغا بېرىپ يېزىغا چۈشۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان چاغ ئىدى، شى جىنپىڭنىڭ ناھىيە تەزكىرىسىنى ئوقۇشقا ئامراقلىقىنى بىلىپ، شۇ چاغدا ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىلىقىنى ئۆتەۋاتقان چېن زېڭگۇاڭ ئۇنىڭغا ئالايىتەن «شياپۇ ناھىيەسىنىڭ تەزكىرىسى»نى ئەكېلىپ بەردى. شۇ كۈنى كېچىدە، شى جىنپىڭ چېن زېڭگۇاڭنى ئىزدەپ كېلىپ: «سىز ماڭا فۇنىڭ مەھكىمىسىنىڭ تەزكىرىسىنى تېپىپ بېرىڭ» دېدى.

شەرقىي فۇجيەن رايونى قەدىمدە فۇنىڭ مەھكىمىسى دەپ ئاتالغان. چېن زېڭگۇاڭ شۇ چاغدا «ھەيران» قالغانىدى: «بۇ مەھكىمە تەزكىرىسىنى قەيەردىن تاپقىلى بولار. بازاردىن تاپقىلى بولمىسا، بىز ئادەم ئەۋەتىپ مەدەنىيەت سارىيىدىن ئىزدەيلى».

ئاخىر راستىنلا بىر پارچىسى تېپىلدى. چېن زېڭگۇاڭ: «شى شۇجى، بىز ئەتىگەندىن كەچكىچە ئالدىراش يۈرۈپ جاپا تارتتۇق، سىز يەنە كېچىچە تۈنەپ كىتاب كۆرمەكچى بولۇۋاتىسىز، بەرداشلىق بېرەلەمسىز؟» دەپ سورىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: «يولداش زېڭ گۇاڭ، بىزمۇ شۇنداقلا ئەھۋالنى كۆرۈپ، دوكلاتنى ئاڭلاپ قويساقلا كۇپايە قىلمايدۇ، يەنە تارىخقىمۇ قاراپ بېقىشىمىز كېرەك. بىر ناھىيە تارىخىنىڭ ئەڭ ياخشى نامايەندىسى دەل ناھىيە تەزكىرىسى، مەھكىمە تەزكىرىسى بولسا تېخىمۇ ئەتراپلىق، ئۇنىڭدا ھەم ئىجابىي پېرسوناژ ھەم سەلبىي پېرسوناژلار خاتىرىلەنگەن، بىز بىر ئوقۇپلا بۇ جايدا نېمە ئىش يۈزبەرگەنلىكىنى بىلىپ، ئۇنىڭدىن ئاز - تولا بولسىمۇ ئۆرنەك ئالالايمىز».

تارىختىن تەجرىبە ۋە ئەقىل - پاراسەت ئۆرنەك ئېلىپ، ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.

2012 - يىلى 12 - ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا سايلانغىلى ئۇزاق بولمىغان شى جىنپىڭ ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى ۋە مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىگە بېرىپ زىيارەت قىلغاندا، ئەينى يىلى ماۋ زېدۇڭ بىلەن خۇاڭ يەنپېينىڭ تىنچلىق - قالايمىقانچىلىق، گۈللىنىش - خارابلىشىشتىن ئىبارەت تارىخىي دەۋرىيلىكتىن قانداق بۆسۈپ چىقىش توغرىسىدىكى مەشھۇر سۆھبىتىنى تىلغا ئالدى.

پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم «گەمىدىكى سۆھبەت»نى تىلغا ئالدى: «يولداش ماۋ زېدۇڭ يەنئەندىكى گەمىدە <پەقەت خەلق ھۆكۈمەتنى نازارەت قىلغاندىلا، ھۆكۈمەت ئاندىن بوشىشىپ قېلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ> دېگەن تۇنجى جاۋابنى بەردى. 100 يىللىق كۈرەش، بولۇپمۇ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى يېڭى ئەمەلىيەتنى باشتىن كەچۈرۈپ، پارتىيەمىز يەنە ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشتىن ئىبارەت ئىككىنچى جاۋابنى بەردى».

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نەزەرىدە تارىخىي مەدەنىيەت تومۇرى تېخىمۇ ئالاھىدە بولغان بىر خىل «باھا بېرىش ئۆلچىمى» ھېسابلىنىدۇ.

فۇجوۋدىكى سەنفاڭ چىشياڭنىڭ شىمال تەرىپىدە، لىن جۆمىننىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسى ئاۋات بازاردا قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، ئىشىكى ئالدىغا مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى ۋە فۇجوۋ شەھىرى بويىچە قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنىدىن ئىبارەت ئىككى تاش ئابىدە تىكلەنگەنىدى.

كېلىپ - كېتىپ تۇرغان ساياھەتچىلەر شەھەر بويىچە قوغدىلىدىغان ئاشۇ مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئابىدىسىدە ئىلگىرى داس چوڭلۇقىدىكى «چېقىش» دېگەن خەت پەيدا بولغانلىقىنى بىلمەيدۇ.

ئۇ چاغدا، شەرقىي جەنۇبتىكى دېڭىز بويىغا جايلاشقان فۇجوۋدا شەھەر قۇرۇلۇشى ئەۋجىگە چىققان مەزگىل بولۇپ، «ئېچىش» بىلەن «چېقىپ قۇرۇش» قىزغىنلىقى ناھايىتى يۇقىرى ئىدى.

1991 - يىلى 3 - ئايدا، ئەينى چاغدا فۇجوۋ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان شى جىنپىڭ لىن جۆمىننىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسىدا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خىزمىتى بويىچە نەق مەيداندا ئىش بېجىرىش يىغىنى ئاچتى.

ئارقا دالاننىڭ ئالدىدا، شى جىنپىڭ ئەينى چاغدا فۇجوۋ شەھەرلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان خۇاڭ چىچۈەندىن: «لاۋخۇاڭ، بۇ يەر لىن جۆمىننىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسىمۇ؟» دەپ سورىدى.

«توغرا، بىز تۇرغان جاي لىن جۆمىننىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسىنىڭ زالى».

«بولىدۇ، بىز ئۇنى قوغداپ رېمونت قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرەيلى».

بۇ قىسقا سۆھبەت لىن جۆمىننىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسىنىڭ تەقدىرىنى ئۈزۈل - كېسىل ئۆزگەرتتى.

«بىر تۈزۈم، بىر خىل كۈچنىڭ ئىلغار ياكى ئەكسىيەتچىل ئىكەنلىكىگە باھا بېرىشتە، مۇھىم بولغان بىر نۇقتا ئۇنىڭ تارىخقا، مەدەنىيەتكە تۇتقان پوزىتسىيەسىگە قاراشتىن ئىبارەت».

شى جىنپىڭ ئىلگىرى چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق دېگەنىدى: «بىر جاينىڭ سۈيى، تۇپرىقى شۇ جايدىكىلەرنى باقىدۇ، بۈگۈنكى تەرەققىيات ئىلگىرىكى تارىخنىڭ داۋاملىشىشى. بىر جاينىڭ پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت رەھبىرى شۇ جاينىڭ تارىخىي تەرەققىيات جەريانى، تارىخىي مەدەنىيىتى، تارىخىي شەخسلىرى ۋە ئەنئەنىۋى كىلاسسىك مەشھۇر ئەسەرلىرىنى چوقۇم بىلىشى، بەزىلىرىنى يەنە كۈچ سەرپ قىلىپ يادلىشى، بۇنى شۇ جاينىڭ مەدەنىيەت نام كارتىسى قىلىشى كېرەك».

بىپايان زامان - ماكان كەڭلىكىدە تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتىدىن ئىبارەت چوڭقۇر تېما توغرىسىدا ئويلاندى.

«سىز قەيەردىن كەلدىڭىز؟»

«دوكلات باش شۇجى، مەن جۇڭگو مەدەنىيەت مىراسلىرى تەتقىقات يۇرتىدىكى چياۋ يۈنفېي، شىۋا قەدىمىي شەھىرىنىڭ تارىخىي قەدىمىي يادىكارلىق ئىزلىرىنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش تۈرىگە مەسئۇل».

«مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى چوقۇم ياخشى قوغداش كېرەك».

2016 - يىلى 6 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، ئۆزبېكىستان تاشكەنت. ئالدىراش دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى سەپىرىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەخسۇس ۋاقىت ئاجرىتىپ ئۆزى چۈشكەن مېھمانسارايدا ئۆزبېكىستاندا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇۋاتقان جۇڭگو تەرەپ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش خىزمەتچىلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ھەربىر كىشىنىڭ ئىسىم - فامىلىسى ۋە ئۆزبېكىستاندا قانات يايدۇرۇۋاتقان تۈر مەزمۇنىنى سەمىمىي سورىدى.

بۇ كۆپچىلىك ئويلىمىغان ئورۇنلاشتۇرۇش بولدى.

«ئەينى چاغدا، بىز ئۆزبېكىستاندىكى ھەرقايسى سەپلەردە ئىشلەۋاتقان جۇڭگو تەرەپ خىزمەتچىلىرى بىلەن بىرلىكتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن كوللېكتىپ كۆرۈشۈشنى كۈتۈۋاتقانىدۇق. تۇيۇقسىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىزنى ئايرىم قوبۇل قىلىپ كۆرۈشىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالدۇق!» ئەينى چاغدىكى كۆرۈنۈشنى ئەسلىگىنىدە، چياۋ يۈنفېي ھېلىمۇ ھاياجېنىنى باسالمىدى.

مەدەنىيەت ئىزنالىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشىدىكى ھەرقايسى تەرەپلەرگە سىڭگەنىدى.

قائىدە - يوسۇننى نامايان قىلىپ، شاد - خۇراملىق، ئىناقلىققا تولۇش ئەنئەنىسى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى، ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىغا ئېتىكا كۈچى بېغىشلاپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى كۈنسېرى پىشىپ يېتىلىش، تۇراقلىشىشقا يېتەكلىدى؛ ئەگەر بىر كۈننى يېڭىلاشقا بولسىلا، كۈندە يېڭىلاش، يېڭىنى يەنە يېڭىلاش روھى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشقا ئىلھاملاندۇردى؛ يول تۇتۇشتا تەبىئەت قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىش، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ بىرلىكى پەلسەپىسى ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىگە سىڭىپ كىردى...

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە، جۇڭگوچە ئۇسلۇبقا، جۇڭگوچە سالاپەتكە ئىگە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش كۈنسېرى پىشىپ يېتىلدى.

«پەقەت روھىي جەھەتتە بەلگىلىك يۈكسەكلىككە يەتكەندىلا، بۇ مىللەت ئاندىن تارىخ ئېقىنىدا تەۋرەنمەي مەزمۇت تۇرۇپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىيەلەيدۇ»

2022 - يىلى 4 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، جۇڭگو خەلق داشۆسىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ۋاڭ تۇڭتۇڭ ھاياجانلانغان ھالدا بىر يېڭى «پارتىدىشى» − باش شۇجى شى جىنپىڭنى كۈتۈۋالدى.

بۇ كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو خەلق داشۆسىنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسخانىسىغا كىرىپ، ياش ئوقۇغۇچىلار بىلەن چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنىۋى شەجەرىسىنى بىرلىكتە مۇھاكىمە قىلدى.

«بۇ ئالاھىدە <پارتىدىشىم> ناھايىتى يېقىملىق ئىكەن» دېدى ۋاڭ تۇڭتۇڭ ھاياجېنىنى باسالمىغان ھالدا.

روھ توغرىسىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر ئويلىنىپ مۇنداق دېدى: روھ بىر مىللەتنىڭ ئۇزاققىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ جېنى، پەقەت روھىي جەھەتتە بەلگىلىك يۈكسەكلىككە يەتكەندىلا، بۇ مىللەت ئاندىن تارىخ ئېقىنىدا تەۋرەنمەي مەزمۇت تۇرۇپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىيەلەيدۇ.

ئۇ بالىلىق چاغلىرىدا «يۆ فېينىڭ ئانىسىنىڭ ئوغلىنىڭ دۈمبىسىگە خەت چېكىشى»نى ئوقۇغان ۋاقتىدىلا، «ۋەتەنگە ساداقەتمەنلىك بىلەن جاۋاب قايتۇرۇش»نى ئۆمۈرلۈك ئىنتىلىش نىشانى قىلغانىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ، روھىي جەھەتتىكى ئىزدىنىش باشتىن - ئاخىر شى جىنپىڭنىڭ قەلبىدە مەۋج ئۇرۇپ تۇردى.

بۇ، خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك چوڭ زالىدىكى تەسىرلىك كۆرۈنۈش:

«سىلەر شۇنچە ياشىنىپ قالغان بولساڭلارمۇ، سالامەتلىكىڭلار يامان ئەمەس ئىكەن. ئۆرە تۇرماي، يېنىمغا كېلىپ ئولتۇرۇڭلار».

2017 - يىلى 11 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىدا ۋەكىللەر بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى، خۇاڭ شۈخۇا ۋە خۇاڭ دافانىڭ ياشىنىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، كۆيۈنگەن ھالدا ئۇلارنى ئۆزىنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى.

ئىككىيلەن ئۆز پىكرىدە چىڭ تۇرۇپ تەكەللۇپ قىلغان بولسىمۇ، باش شۇجى قايتا - قايتا تەكلىپ قىلىپ: «كېلىڭلار! ئازراق قىستالساقلا بولىدۇ، مۇشۇنداق بولسۇن» دېدى.

بۇنىڭغا ئوخشاش كۆرۈنۈش ئىلگىرى خېبېي شىجياجۇاڭدىمۇ كۆرۈلگەنىدى.

2013 - يىلى 7 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ خېبېيدا پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلدى. خاتىرە سۈرەتكە چۈشكەن ۋاقىتتا، ئۇ 80 نەچچە ياشلىق بىر پېشقەدەم يولداشنىڭ ھاسىسىنى تۇتۇپ بىر ياندا تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، مۇنداق دېدى: «شۇنچە ياشىنىپ قالغان تۇرۇپمۇ، يەنە كەينىدە تۇرامدۇ؟ ئورۇندۇقتىن بىرنى قوشۇڭلار، پېشقەدەم يولداش ئالدىدا ئولتۇرسۇن!»

ئەخلاق - پەزىلەتلىكلەرنى قەدىرلەش، ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش، ياشانغانلارنى ئىززەتلەش جۇڭخۇا مەدەنىيىتىدىكى ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاق بولۇپ، شى جىنپىڭ نەچچە ئون يىلدىن بۇيان باشتىن - ئاخىر شۇنداق قىلىپ كەلدى. ئۇ بۇنى ھەر قېتىم ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىپ، ئەخلاقنى ئۇلۇغلاپ، ياخشىلىققا ئىنتىلىشنى ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلاندۇردى.

فۇجوۋ لىن زېشۈنىڭ يۇرتى. ئىلگىرى، لىن زېشۈنىڭ شۇ جايدىكى تۇرالغۇسى قاتارلىق يادىكارلىقلار ئۇزاق يىل رېمونتسىز قالغاچقا، ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلغانىدى.

1990 - يىلى 5 - ئايدا، بىرەيلەن ئاخبارات تاراتقۇلىرىغا خەت ئەۋەتىپ، لىن زېشۈنىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسى ۋە قەبرىسىنى قوغداشتا مەسىلە ساقلانغانلىقىنى ئىنكاس قىلدى.

شۇ يىلى 6 - ئايدا، شى جىنپىڭ فۇجوۋغا بېرىپ ۋەزىپە ئۆتەپ ئۇزاق ئۆتمەي، لىن زېشۈ خاتىرە سارىيىغا بېرىپ يادىكارلىقنى قوغداش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇدا نەچچە يىل، لىن زېشۈ يادىكارلىقنى رېمونت قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قوغداش خىزمىتى مەخسۇس تېمىلىق يىغىنىغا قاتناشتى ھەم ئۇنىڭغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

1995 - يىلى 6 - ئايدا، ئەينى چاغدا فۇجوۋ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىلىقىنى ئۆتەۋاتقان شى جىنپىڭ لىن زېشۈنىڭ مىس ھەيكىلىنىڭ يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، ھاياجان بىلەن مۇنداق دېدى: «بۈگۈن يۇرتىمىزدىكى خەلقنىڭ لىن زېشۈنىڭ مىس ھەيكىلىنى تىكلىشى ئۆزىنى رىغبەتلەندۈرۈش، كېيىنكىلەرنى تەربىيەلەش، لىن زېشۈنىڭ جىسمىدا ئەكس ئەتكەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ روھىنى مەڭگۈ كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇش ئۈچۈندۇر».

روھ جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە مۇجەسسەملىنىپلا قالماي، ئوخشاشلا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ئېلىپ بارغان قاينام - تاشقىنلىققا تولغان يىللارغا ئويۇلدى.

2021 - يىلى 4 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، گۇاڭشىدىكى قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپىرى شياڭجياڭ ئۇرۇشى خاتىرە سارىيى.

«چېن شۇشياڭ» ناملىق ماي بوياق رەسىمنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، باش شۇجى شى جىنپىڭ پۈتۈن دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ خېلى ئۇزاققىچە كۆردى.

رەسىمدە، چېن شۇشياڭ نوسىلكىدا ياتقان بولۇپ، قورساق قىسمىدىن قان ئېقىۋاتقانىدى. قىزىل ئارمىيە ئاساسىي كۈچىنىڭ دەريادىن ئۆتۈشىنى ھىمايە قىلىشتا، بۇ شىجاڭ ئېغىر يارىلانغان بولۇپ، قۇربان بولغاندا ئاران 29 ياشتا ئىدى.

«تۆت قامال قىلىش لىنىيەسى قەيەردە» «شياڭجياڭ دەرياسىنىڭ سۈيى قانچىلىك چوڭقۇر» «بۇ جەڭدە قىزىل ئارمىيەدىن قۇربان بولغانلار قانچىلىك»... باش شۇجى ئەستايىدىل كۆرۈپ، تەپسىلىي سورىدى.

«ئەگەر مۇشۇنداق بىر تۈركۈم باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، ھاياتىدىن كېچىپ پىداكارلىق كۆرسىتىدىغان قىزىل ئارمىيە قوماندان - جەڭچىلىرى بولمىغان بولسا، قىزىل ئارمىيە دۈشمەننىڭ قامال قىلىش لىنىيەسىدىن قانداقمۇ بۆسۈپ چىقالىسۇن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۆسۈپ چىقىشتا شۇنچە زور قۇربان بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن قوشۇن يەنىلا چېچىلىپ كەتمەپتۇ. بۇنىڭدا نېمىگە تاياندى؟ دەل غايە، ئېتىقادنىڭ كۈچىگە تاياندى!»

ئاددىي سۆزلەر جەسۇرانە مەنىۋى ئۇلۇغ كۈچنى ئۇرغۇتتى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 1 - قۇرۇلتىيى ئېچىلغان جايغا كېلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ جاينى «جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنىۋى ماكانى» دەپ ئاتىدى؛ جيۇچۈەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە كۆپچىلىكنى «<ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ> روھى، ئادەملىك ئالەم قاتنىشى روھى ۋە <شەرق شامىلى روھى>نى ئەۋج ئالدۇرۇش»قا ئىلھاملاندۇردى؛ شېنجېن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىغا قاتناشقاندا، شېنجېننى «جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ بىر ۋاراق ئاق قەغەزدىكى ئېسىل نامايەندىسى» دەپ كۆرسەتتى...

«ئېگىز بىنالار دۆلىتىمىز زېمىنىنىڭ ھەممىلا يېرىدە قەد كۆتۈرگەن پەيتتە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەنىۋى بىناسىمۇ ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈشى كېرەك».

باش شۇجى شى جىنپىڭ يۈكسەك تارىخىي ئىشەنچ ۋە چوڭقۇر مەدەنىيەت ئاڭلىقلىقى بىلەن، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ بوشاشماي ئالغا بېسىش، گۈزەل ئەخلاق - پەزىلەت ئارقىلىق بارلىق شەيئىنى قوينىغا ئېلىشتىن ئىبارەت ئېسىل ئەنئەنىسىنى يېڭى دەۋردە يېڭى نۇر چاچقۇزۇپ، جەسۇر ۋە مەردانە جۇڭگو روھى، جۇش ئۇرۇپ تۇرغان جۇڭگو كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

«دەۋر روھى بىلەن جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش»

1986 - يىلىنىڭ بىر كۈنى، ئەينى چاغدا شيامېن شەھەرلىك مۇزېي قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش باشقارمىسىنىڭ مەسئۇللۇقىنى ئۆتەۋاتقان، سەككىز قىرلىق بىنانى رېمونت قىلىش خىزمىتىگە رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقان گۇڭ جيې دوكلات بېرىشنى يېڭىلا تۈگىتىپ زالدىن چىققان شى جىنپىڭنىڭ ئالدىغا كەلدى.

«يولداش مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى، سىزنى سەككىز قىرلىق بىنانى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا تەكلىپ قىلىمىز».

«بولىدۇ!» شى جىنپىڭ كەسكىنلىك بىلەن جاۋاب قايتۇردى.

1907 - يىلى سېلىنغان سەككىز قىرلىق بىنا گۇلاڭيۈ ئارىلىدىكى بەلگە خاراكتېرلىك ئىمارەت. لېكىن بىنانى ئۈچ ئورۇن «پەنسىدۇڭ»دەك ئايرىۋالغان بولۇپ، يەر ئاستى ئۆيىدە ئون نەچچە ئائىلىلىك ئولتۇراتتى، نەچچە قەدەم ماڭسا، پول تىترەيتتى...

شى جىنپىڭ ھويلىنى بىر ئايلىنىپ چىقتى.

گۇڭ جيې مۇنداق دېدى: «يەنە ئۈستۈنكى قەۋەتمۇ بار».

«مەن سىزنىڭ مەقسىتىڭىزنى چۈشەندىم» دېدى شى جىنپىڭ دەررۇ. «قانچىلىك كەملەيدۇ؟» ئۇ ماڭغاچ سورىدى.

«300 مىڭ يۈەن».

«ئەتە ئېلىۋېلىڭ».

بۇ ئىشنى تىلغا ئالغاندا گۇڭ جيې ھېلىمۇ ھاياجېنىنى باسالمايدۇ: «ئۇ ئاجراتقان بۇ 300 مىڭ يۈەن 100 يىللىق بىر ئىمارەتنىڭ تەقدىرىنى ئۈزۈل - كېسىل ئۆزگەرتتى!»

رېمونت قىلىنغاندىن كېيىنكى سەككىز قىرلىق بىنا بۈگۈنكى كۈندە دۆلەت ئىچىدىكى بىردىنبىر فىسگارمون مۇزېيىغا ئايلىنىپ، كېيىن گۇلاڭيۈ ئارىلىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ئىلتىماس قىلىشىدىكى يادرولۇق مۇھىم ئامىلنىڭ بىرىگە ئايلاندى.

پارتلاتقۇچ بوغچىسىنىڭ تەھدىتىدىن «جەنۇبتىكى جوۋكوۋديەن» سەنمىڭ شەھىرى ۋەنشوۋيەن خارابىسىنى قۇتقۇزۇش، شىئەن شەھەر سېپىلىدىن ئىبارەت بۇ «دۇنيا دەرىجىلىك گۆھەر»نى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىشنى تەكىتلەش، چۈەنجوۋدىكى «جۇڭگونىڭ كېمە دۇنياسى» كۆرگەزمىخانىسى قۇرۇلۇشىنى قوللاش... شى جىنپىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغدىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز ياخشى قوغدىيالمىساق جىنايەتچىگە ئايلىنىپ قالىمىز، كېيىنكىلەرگە يۈز كېلەلمەي قالىمىز».

2004 - يىلى جېجياڭ ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان 7 - نۆۋەتلىك جۇڭگو سەنئەت بايرىمىدا كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان بىر كۆرۈنۈش مەيدانغا كەلدى:

چاچلىرى كۈمۈشتەك ئاقارغان بىر ياشانغان كىشى ئوماق بىر قىزچاقنى يېتىلەپ چىقىپ، سەھنىدە سەنئەت بايرىمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىنىڭ چوڭ جاڭىنى چالدى.

«خەلقنىڭ بايرىمى»دىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي مەقسەتنى نامايان قىلىش ئۈچۈن، ئەينى چاغدا ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىلىقىنى ئۆتەۋاتقان شى جىنپىڭ ئۆزى بۇ ئۆزگىچە باشلىنىش مۇراسىمى لايىھەسىنى بېكىتكەنىدى.

ئەدەبىيات - سەنئەت كىم ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ؟

جياڭ لۇياۋ، جيا داشەن قاتارلىق يازغۇچىلار بىلەن يېقىن دوست بولۇش، ياشانغاندا پارتىيەگە كىرگەن كىنو سەنئەتكارى نيۇ بىننى «داۋاملىق سەنئەت بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ، دۇرۇس ئادەم بولۇشنىڭ ئۈلگىسى بولۇش»قا رىغبەتلەندۈرۈش، ئۇلانمۇچىر ئەترەت ئەزالىرىنى مەڭگۈ يايلاقتىكى «يېنىك جابدۇنغان قىزىل ئويۇن قويۇش ئاتلىق ئەترىتى» بولۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش...

2014 - يىلى 10 - ئايدا ئېچىلغان ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يازغۇچى ۋاڭ يۈەنجيەن بايان قىلغان ليۇچىڭنىڭ يېزىدا 14 يىل تۇرۇپ «ئىگىلىك تىكلەش تارىخى»نى يازغانلىق ھېكايىسىنى ئەسلەپ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتىدە يۈز خىل، مىڭ خىل ئۇسۇل بار، لېكىن ئەڭ تۈپ، ئەڭ ئاچقۇچلۇق، ئەڭ ئىشەنچلىك ئۇسۇل خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىش، تۇرمۇشتا يىلتىز تارتىشتىن ئىبارەت».

مەدەنىيەت ئارقىلىق يول ئېچىلدى، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەندى.

2021 - يىلى 6 - ئاينىڭ بىر كۈنى، چىڭخەي شېڭيۈەن گىلەمچىلىك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخى ئالدىراشچىلىققا تولغان بولۇپ، تامغا رەڭگارەڭ زاڭزۇ گىلىمى لىق ئېسىلغانىدى.

«ھەقىقەتەن كۆزنى قاماشتۇرىدىكەن.» باش شۇجى شى جىنپىڭ زوق بىلەن يېقىن بېرىپ كۆرۈپ، قولى بىلەن تۇتۇپ زاڭزۇ گىلىمىنىڭ سۈپىتىنى ھېس قىلىپ كۆردى.

جيايا زاڭزۇ گىلىمى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىغا ۋارىسلىق قىلغۇچى ياڭ يۇڭلياڭنىڭ شاگىرتلىرىغا قولمۇقول ئۆگىتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، باش شۇجى قەدىمىنى توختىتىپ: «سىزنىڭ بۇ ھۈنىرىڭىز ئاتا - بوۋىڭىزدىن مىراس قالغانمۇ؟ سىز قانچىنچى ئەۋلاد؟» دەپ سورىدى.

«مەن 7 - ئەۋلاد، سەككىز يېشىمدىن باشلاپلا دادامدىن يۇڭ يۇيۇشنى، يىپ ئېشىشنى ئۆگەنگەنىدىم».

«سىزنىڭ بۇ ھۈنىرىڭىز ناھايىتى قىممەتلىك، ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئىكەن، چوقۇم ياخشى ۋارىسلىق قىلىش ۋە ياخشى ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك».

باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق دېدى: «زاڭزۇ گىلىمى كەسپىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش، بېيىتىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش رولى بولۇپلا قالماي، يەنە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىمۇ بار».

جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئىجادىي ئايلاندۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىپ تەرققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، «دەۋر روھى ئارقىلىق جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك».

2021 - يىلى 9 - ئايدا، شەنشىدە تەكشۈرۈشتە بولۇۋاتقان باش شۇجى شى جىنپىڭ سۈيدې ناھىيەسىدىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىخانىسىغا كىردى.

ھويلىدا شىمالىي شەنشىنىڭ ياڭگىر ئۇسسۇلى قىزىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇسسۇلغا چۈشكەنلەر زوق - شوق بىلەن ئويناۋاتاتتى.

«ناھايىتى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئوينىدىڭلار. سىلەر ھەممىڭلار كەسپىي ئۆگەنگەنمۇ؟»

كۆپچىلىك بەس - بەستە: «ۋارىسلىق قىلغۇچىلارمۇ، ئۆگەنگۈچىلەرمۇ بار.» «ياڭگىر ئوينىغانسېرى تېتىكلەشتۇق، ياڭگىر ئوينىغانسېرى غەيرەتكە تولدۇق، ياڭگىر ئوينىغانسېرى ياشىرىپ كەتتۇق» دەپ جاۋاب بەردى.

«ياخشى بوپتۇ! خەلق سەنئىتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قىممەتلىك بايلىقى، ئەجدادلار قالدۇرغان بۇ گۆھەرلەرنى ياخشى قوغداش، ئۇنىڭغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىش، ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك».

ئۇ دائىم ياد ئېتىپ، چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببەتنى قەدەمدە بىر يەتكۈزدى. بېيجىڭدىكى خۇتۇڭدا ئامما بىلەن بىللە جۇۋاۋا تۈگۈپ ئەنئەنىۋى بايرامنى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى، گۇيجوۋنىڭ كەنت - مەھەللىلىرىدە مياۋزۇ كەشتىچىلىكىگە ۋارىسلىق قىلغۇچىلارنى «مىللەتنىڭ دېگەنلىك دۇنيانىڭ دېگەنلىك» دەپ تەرىپلىدى، ۋۇجىشەن تېغى باغرىدىكى لىزۇ يېزىلىرىدا لىزۇ مىللىتىنىڭ تاۋار - دۇردۇنى، شۇڭ توقۇلما بۇيۇملىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە گۈزەل كېلەچەك توغرىسىدا ئورتاق پاراڭلاشتى...

مىللەتنىڭ مەدەنىيەت بايلىقىنى قايتا يارىتىش، مۇزېيدا ساقلانغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، بىپايان زېمىندىكى مىراسلار، قەدىمىي كىتابلارغا يېزىلغان خەتلەرنى جانلاندۇرۇشتا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نەزەر دائىرىسى كەڭ بولدى، چوڭقۇر ئويلاندى.

جۇڭخۇا مىللىتى 5000 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان توپلىغان مەدەنىيەتتىن ئوزۇق قوبۇل قىلىپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنىڭ شانلىق ئىستىقبالىغا نەزەر سالساق، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىز ئۆز يولىمىزدا ماڭساقلا، چەكسىز كەڭ بولغان دەۋر سەھنىسىگە ئىگە بولالايمىز، چەكسىز چوڭقۇر بولغان تارىخىي ئاساسقا ئىگە بولالايمىز، چەكسىز قۇدرەتلىك بولغان ئالغا ئىلگىرىلەش ئىرادىسىگە ئىگە بولالايمىز!

(مۇخبىرلار لىن خۇي، جوۋ ۋېي، شى يۈسېن، شى جىڭنەن، ۋاڭ پېڭ)

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تېلېگراممىسى)