شى جىنپىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى مەسىلىسى توغرىسىدا ئەنگلىيەدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا جاۋاب خەت قايتۇردى

日期:2022年04月23日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 21 - كۈنى تېلېگراممىسى يېقىندا، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى مەسىلىسى توغرىسىدا ئەنگلىيە فرانىس خوللاند باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا جاۋاب خەت قايتۇردى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يەرشارى بىر چوڭ ئائىلە، ئىنسانلار بىر ئورتاق گەۋدە، كىلىمات ئۆزگىرىشى پۈتكۈل ئىنسانلار دۇچ كېلىۋاتقان ئورتاق خىرىس بولۇپ، ئىنسانلار ھەمكارلىشىپ تاقابىل تۇرۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مىللىتى ئەزەلدىن تەبىئەتكە ھۆرمەت قىلىپ، تەبىئەتنى قىزغىن سۆيۈپ كەلدى، مەن كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دېگەن ئىدىيەنى ئىزچىل تەكىتلەپ كەلدىم، بۇ ئىدىيە بۈگۈنكى جۇڭگودا كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر ئورنىدى. بىز پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ تەبىئەت ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى كۆز قارىچۇقىنى قوغدىغاندەك قوغداپ، يېشىل تەرەققىياتنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇپ چىقىشىنى تەلەپ قىلدۇق. جۇڭگو كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ھەرىكىتىنى مىسلىسىز قانات يايدۇرۇپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، يەنە داۋاملىق تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگودىكى ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مەكتەپلەر ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تەربىيەسىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگودىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەممىسى ئىشنى كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ، ئېنېرگىيە تېجەپ مۇھىت قوغدايدىغان ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆگەندى. سىلەرنىڭ پۇرسەت بولسا جۇڭگوغا كېلىپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ شامال ئېلېكتىر ئىستانسىسى ۋە قۇياش ئېنېرگىيەلىك ئېلېكتىر ئىستانسىسى، كۆلىمى ئەڭ كەڭ سۈنئىي ئورمان ۋە مەنزىرىسى گۈزەل دۆلەت باغچىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشىڭلارنى قارشى ئالىمەن. سىلەرنىڭ جۇڭگودىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەلبىڭلاردا يىلتىز تارتقۇزۇپ، چوڭ بولغاندىن كېيىن ئىنسانلار گۈزەل يۇرت - ماكانىنىڭ ئاكتىپ قۇرغۇچىلىرىدىن بولۇشىڭلارنى قارشى ئالىمەن.

فرانىس خوللاند مەكتىپى لوندونغا جايلاشقان بىر خەلقئارالىق قىزلار مەكتىپى بولۇپ، تاشقى ئالاقىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى مۇھىت قوغداش ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشىگە ئالاقىدار مۇھاكىمە قىلىدىغان مەسىلىلەرگە دىققەت قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ. يېقىندا، بۇ مەكتەپنىڭ 4 - يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى رەئىس شى جىنپىڭغا كوللېكتىپ خەت يېزىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى مەسىلىسىگە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.