导航切换

​گۈزەل جۇڭگونى ئورتاق قۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ۋەتىنىمىزنىڭ بىپايان زېمىنىنى تېخىمۇ يېشىللىققا پۈركەپ، ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇش كېرەك

日期:2025年04月07日
来源:天山网
【字体:

شى جىنپىڭ پايتەختتە خالىسانە كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى​

گۈزەل جۇڭگونى ئورتاق قۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ۋەتىنىمىزنىڭ بىپايان زېمىنىنى تېخىمۇ يېشىللىققا پۈركەپ، ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇش كېرەك

​لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتناشتى


4 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتارلىقلار بېيجىڭ شەھىرىنىڭ فېڭتەي رايونى يۇڭدىڭ دەرياسى ساھىلىگە كېلىپ پايتەختتىكى خالىسانە كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشتى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ كۆپچىلىك بىلەن بىللە كۆچەت تىكمەكتە. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تېلېگراممىسىجۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 4 - ئاينىڭ 3 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن پايتەختتە خالىسانە كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى: كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم بىر ھالقا. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھەرىكەتكە كېلىپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنى ئورمان بىنا قىلىپ كۆكەرتىشكە پائال قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، تەشكىللەپ، يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، گۈزەل جۇڭگونى ئورتاق قۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ۋەتىنىمىزنىڭ بىپايان زېمىنىنى تېخىمۇ يېشىللىققا پۈركەپ، ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇشى كېرەك.

چىڭمىڭغا ئاز قالغاندا، پايتەخت بېيجىڭ گۈزەل باھار تۈسىگە كىرگەنىدى، مەيىن شامال كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايتتى. چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دىن 30 مىنۇتلار ئۆتكەندە، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتارلىقلار كوللېكتىپ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ، فېڭتەي رايونىدىكى يۇڭدىڭ دەرياسى ساھىلىگە كېلىپ، كادىرلار، ئامما بىلەن بىرلىكتە خالىسانە كۆچەت تىكىشكە قاتناشتى.

كۆچەت تىكىش نۇقتىسى يۇڭدىڭ دەرياسىنىڭ كۆكەرتىش يولىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش بۆلىكىدە بولۇپ، بۇ رايوننىڭ سۇ سىستېمىسى ھالىتى كۆپ خىل، يەتتە كىلومېتىرلىق سۇ قىرغىقى بوشلۇقى بار بولۇپ، ئېكولوگىيەنى ساقلاش ۋە ئارام ئالغاچ بەدەن چېنىقتۇرۇش فۇنكسىيەسى بىرلەشتۈرۈلگەن ساھىل سۇ يېشىل كارىدورى بەرپا قىلىنماقتا.

باش شۇجىنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، كۆچەت تىكىۋاتقان كادىرلار، ئامما بەس - بەستە باش شۇجىدىن قىزغىن ئەھۋال سورىدى. شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە قول ئىشارىسى بىلەن ئېھتىرام بىلدۈردى ۋە گۈرجەكنى كۆتۈرۈپ كۆچەت تىكىش نۇقتىسىغا بېرىپ، بېيجىڭ شەھىرى، دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىدىكى مەسئۇل يولداشلار ھەم كادىرلار، ئامما، پىيونېرلار بىلەن بىرلىكتە ئالدىراش ئىشلىدى.

توپا ئۇسۇپ ئورەك كولاش، كۆچەتكە توپا يۆلەپ قىر چىقىرىش، سۇ ئەكىلىپ سۇغىرىش... شى جىنپىڭ ئارقا - ئارقىدىن قىزىل قوۋزاقلىق قارىغاي، جىنجىخۇەي، مېيرېنمېي، چېلياڭمۇ، دۇجۇڭ، يۇەنباۋفېڭ قاتارلىق نۇرغۇن كۆچەتنى تىكتى. شى جىنپىڭ ئەمگەك قىلغاچ، بالىلارنىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇش ۋە ئەمگەك بىلەن چېنىقىش ئەھۋالىنى سورىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: گۈزەل تۇرمۇشنىڭ ھەممىسى ئەمگەك ئارقىلىق يارىتىلىدۇ، كەڭ ياش - ئۆسمۈرلەر ئەمگەكنى قىزغىن سۆيۈپ، كەڭ تەبىئەتنى قىزغىن سۆيۈپ، كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش قاتارلىق ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق پائالىيەتلىرىگە پائال قاتنىشىپ، ئەمگەك قىلىش جەريانىدا بەدەن چېنىقتۇرۇپ، ئىرادىسىنى تاۋلاپ، بىلىمىنى ئاشۇرۇپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلىشى كېرەك. كۆچەت تىكىش نەق مەيدانىدا كەيپىيات قىزغىن بولۇپ، ئالدىراشلىققا تولغانىدى.

كۆچەت تىكىش جەريانىدا، شى جىنپىڭ نەق مەيداندىكى كادىرلار، ئامما بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزنىڭ ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %25تىن ئېشىپ، يەرشارى بويىچە يېشىللىق كۆلىمىنىڭ تەخمىنەن %25 يېڭىدىن كۆپىيىشىگە تۆھپە قوشتى. سىجىل تىرىشىش ئارقىلىق، تەكلىماكان قۇملۇقى «يېشىل شارپا» ئارتتى، خورچىن قۇملۇق يېرىدە ئوتلاق مەنزىرىسى قايتا نامايان بولماقتا، نەتىجىلەر تەستە قولغا كەلدى. ئېكولوگىيە - مۇھىتنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىنى خەلق ئاممىسى ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ ھەقىقىي ھېس قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، دۆلىتىمىزنىڭ ئورمان، ئوتلاق بايلىقىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى يەنىلا يېتەرلىك ئەمەس، سۈپىتى - ئۈنۈمى تېخى دېگەندەك يۇقىرى ئەمەس. گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، تىرىشىپ يىلدىن - يىلغا ياخشى ئىشلەش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ۋەتىنىمىزنى كۆكەرتىشتە جەزمەن يېشىللىقنى كېڭەيتىش، يېشىللىقنى گۈللەندۈرۈش، يېشىللىقنى قوغداشتىن ئىبارەت «ئۈچ يېشىللىق»قا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئورمان سۇ ئامبىرى، پۇل ئامبىرى، ئاشلىق ئامبىرى، كاربون ئامبىرىدىن ئىبارەت «تۆت ئامبار»نىڭ ھەمتۈرتكە بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. «سۈپەتنى ئۆستۈرۈش»كە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئورماننىڭ تارقىلىش قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئورمان باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئوتلاق ئېكولوگىيە سۈپىتىنى ماس قەدەمدە ئۆستۈرۈش كېرەك. «كەسىپنى گۈللەندۈرۈش»كە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئىسلاھ قىلىش چارىسىنى كۆپرەك قوللىنىپ ئورمان - ئوتلاق بايلىقىدىن جانلىق پايدىلىنىپ، ئورمان - ئوتلاق كەسپىنى زورايتىش كېرەك. «خەلققە نەپ يەتكۈزۈش»كە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى يېشىللىق، كۆز ئالدىدىكى گۈزەللىكنى كۆپەيتىپ بېرىپ، ئورمان - ئوتلاق كەسپى بويىچە ئىشقا ئورۇنلىشىش، كىرىمنى ئاشۇرۇش بوشلۇقىنى كېڭەيتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: خالىسانە كۆچەت تىكىش ئومۇمىي خەلق ھەرىكىتى، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. مەسئۇلىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، قاتنىشىش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، مۇلازىمەت تىرىكىنى كۈچەيتىپ، بۇ پائالىيەتنى پۇختا ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ئورمان بىنا قىلىپ كۆكەرتىش ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

بېيجىڭدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارلىرى قاتارلىقلار كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشتى.