شى جىنپىڭ مىكرونېزىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭى سىمىنا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

日期:2024年04月10日
来源:天山网
【字体:


4 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن مىكرونېزىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭى سىمىنا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن سىمىنا ۋە رەپىقىسى ئەنسلېي ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرياڭ يىجۈن) 4 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن مىكرونېزىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭى سىمىنا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگو بىلەن مىكرونېزىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 35 يىللىقى. ئىككى دۆلەت باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، دوستانە ھەمكارلىشىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇردى. جۇڭگو تەرەپ مىكرونېزىيە تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مۇستەقىللىقىنى قوغدىشىنى، ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى، ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈشى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىنى قوللايدۇ. جۇڭگو تەرەپ مىكرونېزىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 35 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، ھەرقايسى قاتلام - دەرىجىلىكلەرنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇشى، سۆھبەتلىشىشىنى ساقلاپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو - مىكرونېزىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئورنىنى چىڭ ساقلاپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئالىدىغان، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان ھەمكارلىق رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىقىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرىدىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە، مائارىپ، يەرلىك قاتارلىقلارغا دائىر ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇشى كېرەك. مىكرونېزىيە فېدېراتسىيەسىدىكى تېخىمۇ كۆپ ياشنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ بىلىم ئاشۇرۇشىنى قارشى ئالىمىز. جۇڭگودىكى يەرلىك ئورۇنلارنىڭ «ئارال دۆلەتلىرىگە تېببىي خادىملارنى ئەۋەتىش» «ئارال دۆلەتلىرىگە شىچۈ تىياتىرلىرىنى يەتكۈزۈش» قاتارلىق تۈرلىرى مىكرونېزىيە فېدېراتسىيەسىدىكى خەلق ئاممىسىنىڭ ئىنتايىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى، ئىككى تەرەپ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تېخىمۇ كۆپ تۈرلەرنى قانات يايدۇرسا بولىدۇ. جۇڭگو تەرەپ جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىق رامكىسى ئىچىدە مىكرونېزىيە تەرەپنى كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ياردىمى بىلەن تەمىنلەشنى، ئىقتىدار قۇرۇلۇشى بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇشنى خالايدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى مۇنبىرى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك رامكا ئىچىدىكى ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئورتاق ھالدا كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىدۇ، ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغدايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى بىلەن ئۇزاق يىللىق ئالاقىلىشىش تارىخىغا، چوڭقۇر خەلقلەر دوستلۇقىغا، ئورتاق تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئىگە. جۇڭگو تەرەپنىڭ ئارال دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشى جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىق رامكىسى ئىچىدىكى ئۆزئارا ياردەم بېرىش بولۇپ، ھەم ئۈچىنچى تەرەپكە قارىتىلمايدۇ، ھەم ئۈچىنچى تەرەپنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىماسلىقى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى دۆلەتلەر تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشتا، ئارال دۆلەتلىرى ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشتا چىڭ تۇرۇشى، تەرەققىياتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇشى، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇشتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك، دېگەننى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئارال دۆلەتلىرى ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىنى تاللاشقا ھوقۇقلۇق، بارلىق تەرەققىيات ھەمراھلىرى بىلەن دوستانە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشقا ھوقۇقلۇق. جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق تۈردە ئارال دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى چامىنىڭ يېتىشىچە قوللاپ، ئۈچ تەرەپلىك ياكى كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشنى خالايدۇ.

سىمىنا مۇنداق بىلدۈردى: مىكرونېزىيە فېدېراتسىيەسى جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر مۇئامىلىدە بولۇش، بىر - بىرىنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشماسلىق قاتارلىق ئاساسىي پىرىنسىپلاردا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ كەلدى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى تېز تەرەققىي قىلدى. مىكرونېزىيە فېدېراتسىيەسى بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، دۇنيادا پەقەت بىرلا جۇڭگو بار، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى پۈتۈن جۇڭگوغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بىردىنبىر قانۇنلۇق ھۆكۈمەت، تەيۋەن جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى دەپ قارايدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ تەيۋەنگە ئالاقىدار، شياڭگاڭغا ئالاقىدار، شىنجاڭغا ئالاقىدار، شىزاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەر قاتارلىق يادرولۇق مەنپەئەت مەسىلىلىرىدىكى مەيدانىنى قەتئىي قوللايدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىشتە، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان مىكرونېزىيە فېدېراتسىيەسى قاتارلىق تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى قىممەتلىك ياردەم بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت. «بىر بەلباغ، بىر يول» رامكىسىدا يېزا ئىگىلىكى، بېلىقچىلىق، ئىقتىساد - سودا، سېلىنما، ساياھەت، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇشنى خالايمىز. جۇڭگونىڭ تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى رايونىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقى رايون تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا پايدىلىق، مىكرونېزىيە تەرەپ داۋاملىق تۈردە ئارال دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى پائال ئىلگىرى سۈرىدۇ.

سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش، يېشىل تەرەققىيات، يېزا ئىگىلىكى، داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش، ئۇل ئەسلىھە، تەرەققىيات ھەمكارلىقى قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقى ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.

ئىككى تەرەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن مىكرونېزىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ قوشما باياناتى»نى ئېلان قىلىدۇ.

سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسىنىڭ سىرتىدىكى مەيداندا سىمىنا ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى ئەنسلېي ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

سىمىنا يېتىپ كەلگەندە، مۇراسىم ئەسكەرلىرى سەپكە تىزىلىپ ھۆرمەت بىلدۈردى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى پارات مۇنبىرىگە چىقتى، ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو بىلەن مىكرونېزىيە ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى، تيەنئەنمېن مەيدانىدا 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى. سىمىنا شى جىنپىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھۆرمەت قاراۋۇللىرى ئەترىتىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مۇراسىم سەپ شەكلىنى كۆردى.

شۇ كۈنى كەچتە، شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك چوڭ زالىدا سىمىنا ئەر - خوتۇن ئۈچۈن قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى.

ۋاڭ يى يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.