ئومۇمىي خەلق كۆچەت تىكىپ يېشىللىقنى كۆپەيتىپ، گۈزەل جۇڭگونى ئورتاق بەرپا قىلىش كېرەك

日期:2024年04月04日
来源:天山网
【字体:

شى جىنپىڭ پايتەختتە خالىسانە كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى

ئومۇمىي خەلق كۆچەت تىكىپ يېشىللىقنى كۆپەيتىپ، گۈزەل جۇڭگونى ئورتاق بەرپا قىلىش كېرەك

لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتناشتى


4 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتارلىقلار بېيجىڭ شەھىرىنىڭ تۇڭجوۋ رايونى لۇچېڭ بازىرىغا كېلىپ پايتەختتىكى خالىسانە كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشتى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ كۆپچىلىك بىلەن بىللە كۆچەت تىكمەكتە. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تېلېگراممىسىجۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 4 - ئاينىڭ 3 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن پايتەختتە خالىسانە كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى: چىڭمىڭنىڭ ئالدى - كەينىدە، بىپايان جۇڭگو زېمىنىنىڭ ھەممىلا يېرى ھاياتىي كۈچكە تولدى، بۇ دەل كۆچەت تىكىدىغان ياخشى مەزگىل. بۈگۈن بىزنىڭ بىرلىكتە كۆچەت تىكىشىمىز كۆپچىلىكنى ھەرىكەتكە كېلىپ، كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىشقا پائال قاتنىشىپ، ھەممە كىشى تىرىشىپ يېشىللىق ئەلچىلىرى، ئېكولوگىيە ئاۋانگارتلىرىدىن بولۇپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش ئۈچۈن يېشىللىقنى كۆپەيتىپ ھۆسن قوشۇپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈپ چىقىشقا چاقىرىق قىلىش ئۈچۈندۇر.

بېيجىڭ شەھەر ئەتراپىدىكى كەڭ تۇپراق قويۇق باھار تۈسىگە چۆمگەنىدى. چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دىن 40 مىنۇتلار ئۆتكەندە، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتارلىقلار كوللېكتىپ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ تۇڭجوۋ رايونى لۇچېڭ بازىرىغا كېلىپ، پايتەختتىكى ئامما بىلەن بىرلىكتە خالىسانە كۆچەت تىكىشكە قاتناشتى.

كۆچەت تىكىش نۇقتىسى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ تۇڭجوۋ رايونى بىلەن خېبېي ئۆلكىسى لاڭفاڭ شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى ئۈچ ناھىيە تۇتاشقان رايوندا بولۇپ، چاۋبەيخې دەرياسى بويىدىكى بېيجىڭ - خېبېي تۇنجى پاسىل ھالقىپ ئورتاق قۇرغان ئورمان باغچىسىغا جايلاشقان، ياخشى بولغان ساھىل سۇ ئېكولوگىيە شارائىتىغا ئىگە.

باش شۇجىنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، كۆچەت تىكىۋاتقان كادىرلار، ئامما قىزغىنلىق بىلەن باش شۇجىدىن ئەھۋال سورىدى. شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە قول ئىشارىسى بىلەن ئېھتىرام بىلدۈرۈپ، گۈرجەكنى كۆتۈرۈپ كۆچەت تىكىش ئورنىغا بېرىپ، بېيجىڭ شەھىرى، دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىدىكى مەسئۇل يولداشلار ھەم پايتەختتىكى كادىرلار، ئامما، پىيونېرلار بىلەن بىللە ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

توپا بوشىتىپ ئورەك كولاش، كۆچەتكە توپا يۆلەپ قىر چىقىرىش، سۇ ئەكېلىپ سۇغىرىش... شى جىنپىڭ ئارقا - ئارقىدىن قىزىل قوۋزاقلىق قارىغاي، كوتىنوس، يامبۇزاراڭ، گىلاس، قىزىل يوپۇرماقلىق يېشىل شاپتۇل، ياپىلاق ئارچا قاتارلىق نۇرغۇن كۆچەتلەرنى تىكتى. شى جىنپىڭ كۆچەت تىككەچ، بالىلارنىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇش، ئەمگەك بىلەن چېنىقىش ئەھۋالىنى سورىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: كەڭ ياش - ئۆسمۈرلەر ۋەتەننىڭ كەلگۈسى، كىچىكىدىن باشلاپ ئەمگەككە ئاكتىپ قاتنىشىپ، كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىپ، يېشىللىق ئۇرۇقىنى قەلبىگە تېرىپ، تەبىئەتكە ھۆرمەت قىلىش، تەبىئەتنى قىزغىن سۆيۈش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، بەدەن چېنىقتۇرۇپ، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلىپ، تىرىشىپ دۆلەتنىڭ تۈۋرۈكىگە ئايلىنىشى كېرەك. كۆچەت تىكىش نەق مەيدانىدا قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن ئەمگەك مەنزىرىسى بارلىققا كەلدى، رەھبىرىي يولداشلار كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە كۆچەتلەرگە توپا يۆلەپ سۇغاردى، كەيپىيات قىزغىن بولدى.

كۆچەت تىكىش جەريانىدا، شى جىنپىڭ مەيداندىكى كادىرلار، ئامما بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەركەزگە بېرىپ خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، مەن ئۇدا 17 يىل پايتەختتە خالىسانە كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشتىم. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل يېڭى جۇڭگو كۆچەت تىكىش بايرىمى تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ 45 يىللىقى. پۈتۈن مەملىكەت خەلقى كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قاقاس تاغلارنى گۈزەل تۈسكە كىرگۈزۈپ، قۇملۇقلارنى بوستانلىقلارغا ئايلاندۇردى، نەتىجىلەر دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە شۇنى كۆرۈپ يېتىش كېرەككى، دۆلىتىمىزدە ئورمان كەمچىل، يېشىللىق ئاز بولۇش مەسىلىسى يەنىلا گەۋدىلىك، ئورماننىڭ «خەزىنە»لىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش تېخى يېتەرلىك ئەمەس. يېشىللىقنى كۆپەيتكەنلىك ئەۋزەللىكنى ئاشۇرغانلىق، كۆچەت تىككەنلىك كەلگۈسىنى ياراتقانلىق. كۆچەت تىكىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد ئەجىر سىڭدۈرۈپ، «يېشىل ئاساس»ىمىزنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلىشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ۋەتەننى كۆكەرتىشتە يېشىللىقنى كېڭەيتىش، يېشىللىقنى گۈللەندۈرۈش، يېشىللىقنى قوغداشنى تەڭ ئېلىپ بېرىش كېرەك. يېشىللىقنى كېڭەيتىشتە دۆلەت زېمىنىنى كەڭ كۆلەمدە كۆكەرتىشنى ئىلمىي ئالغا سىلجىتىپ، مۇۋاپىق يەرگە مۇۋاپىق دەرەخ تىكىپ، مۇۋاپىق پەيتتە مۇۋاپىق ئۇسۇل قوللىنىپ، بىر تۈپ كۆچەت تىكىلسە بىر تۈپنى ئەي قىلىش، بىر پارچە يېشىللىق بەرپا قىلىنسا بىر پارچە يېشىللىقنى ئەي قىلىش كېرەك. يېشىللىقنى گۈللەندۈرۈشتە سۈپەت ۋە ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنى بايلىققا ئايلاندۇرۇش يولىنى كېڭەيتىپ، ئورماننىڭ «سۇ ئامبىرى، پۇل ئامبىرى، ئاشلىق ئامبىرى، كاربون ئامبىرى» بولۇشتا تېخىمۇ ياخشى ھەمتۈرتكىلىك رول ئوينىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈم، ئىقتىسادىي ئۈنۈم، ئىجتىمائىي ئۈنۈمنىڭ بىردەكلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. يېشىللىقنى قوغداشتا ئورمان، ئوتلاق بايلىقىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش، ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، زور يوشۇرۇن خەۋپنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تۈزەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، تەستە قولغا كەلگەن كۆكەرتىش نەتىجىلىرىنى ياخشى قوغداش كېرەك. ئۈچ شىمال رايونى دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىشتىكى ئاساسلىق جەڭ مەيدانى، تېخىمۇ كۆپ كۈچنى «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىمالىي چېگرادىكى يېشىل سەددىچىن سېپىلىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ۋەتەننى كۆكەرتىشتە ھەممە ئادەم مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشى كېرەك. ئاممىنىڭ قاتنىشىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئورمان باشلىقى تۈزۈمىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى قوزغىتىپ، ئومۇمىي خەلق خالىسانە كۆچەت تىكىشنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

بېيجىڭدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارلىرى قاتارلىقلار كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشتى.