شى جىنپىڭ ھىندونېزىيەنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان پرابوۋو بىلەن سۆھبەتلەشتى

日期:2024年04月02日
来源:天山网
【字体:



4 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ھىندونېزىيەنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان پرابوۋو بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ياۋ داۋېي فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرليۇ خۇا) 4 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ھىندونېزىيەنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان پرابوۋو بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

شى جىنپىڭ پرابوۋونىڭ ھىندونېزىيەنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى ھەم زۇڭتۇڭ جوكوغا ئۆزىنىڭ سەمىمىي سالىمى ۋە ياخشى تىلىكىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى ئېيتتى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئۆتكەنكى 10 يىلدا، مەن زۇڭتۇڭ جوكو بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئورتاق يېتەكچىلىك قىلىپ، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق، جاكارتا - ۋەنلۇڭ گاۋتيېسى ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك ھەمكارلىقىدىكى ئالتۇن خەتلىك ۋىۋىسكا بولۇپ قالدى، جۇڭگو - ھىندونېزىيە مۇناسىۋىتى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت يېڭى باسقۇچقا كىردى. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو - ھىندونېزىيە مۇناسىۋىتىگە ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراق كەلگۈسى نۇقتىدىن مۇئامىلە قىلىدۇ، ھىندونېزىيە بىلەن بولغان ھەر تەرەپلىمە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رايون ۋە يەرشارىۋى تەسىرگە ئىگە جۇڭگو - ھىندونېزىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت - سائادەت ئېلىپ كېلىپ، رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو - ھىندونېزىيە مۇناسىۋىتىدە قىممەتلىك نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىدىكى ئاچقۇچ ئىستراتېگىيە جەھەتتە ئۆز - ئۆزىگە ئىگە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش، ئۆزئارا ئىشىنىش ۋە ئۆزئارا ياردەم بېرىشتە چىڭ تۇرۇش، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىشتا چىڭ تۇرۇش، ئادىللىق، ھەققانىيلىقتا چىڭ تۇرۇشتا. جۇڭگو بىلەن ھىندونېزىيە ئوخشاشلا تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەتلەر ۋە يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازار دۆلەتلىرىنىڭ ۋەكىلى. ئىلگىرى ئىككى دۆلەت مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرىدا باشتىن - ئاخىر بىر - بىرىنى قوللاپ كەلدى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ سەمىمىي ئىتتىپاقلىشىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىشنىڭ ئۈلگىسى، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنىڭ ئۈلگىسى، جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىقىنىڭ ئاۋانگارتلىرىدىن بولۇشى كېرەك. ئىككى تەرەپ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا قەتئىي مېڭىپ، بىر - بىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللاپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە قوللىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ھىندونېزىيە بىلەن بولغان قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، «ئىككى دۆلەت قوش كەسىپلەر باغچىسى» ۋە «رايون ئۇنىۋېرسال ئىقتىساد كارىدورى» تۈرىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، دېڭىز ئۈستى ھەمكارلىقىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ نامراتلارنى ئازايتىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ساھەسىدە ھىندونېزىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى، مەدەت بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر دۇنيادا 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتىدۇ. ئىككى تەرەپ تىنچ بىللە تۇرۇش بەش پىرىنسىپىنى پائال ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئىتتىپاقلىق، دوستلۇق، ھەمكارلىقتىن ئىبارەت ۋەنلۇڭ روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى ۋە ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغدىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ھىندونېزىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە مەركەزلىك ئورنىنى قوغداپ، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان رايون رامكىسىنى قوغداپ، تېخىمۇ قويۇق بولغان جۇڭگو - شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

پرابوۋو زۇڭتۇڭ جوكونىڭ رەئىس شى جىنپىڭغا يوللىغان سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزۈپ مۇنداق بىلدۈردى: زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغاندىن كېيىن تۇنجى بولۇپ جۇڭگودا زىيارەتتە بولغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. جۇڭگو مۇھىم تەسىر كۈچكە ئىگە چوڭ دۆلەت بولۇپ، ھىندونېزىيە بىلەن باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، باراۋەر مۇئامىلىدە بولۇپ كەلدى. مەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ئىنتايىن قايىل، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ ۋە ئۆرنەك قىلىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايمەن. جۇڭگو ھىندونېزىيەنىڭ كۈچلۈك ھەمكارلىق ھەمراھى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو كارخانىلىرى ھىندونېزىيەنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، ھىندونېزىيەنىڭ دۆلەت تەرەققىياتىغا ياردەم بەردى. مەن تېخىمۇ قويۇق بولغان ھىندونېزىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشنى تامامەن قوللايمەن، زۇڭتۇڭ جوكونىڭ جۇڭگوغا قاراتقان دوستلۇق سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، مۇستەقىل ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى ئىزچىل يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىر - بىرىمىزنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىنى قەتئىي قوللاپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى دۆلەت تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى خالايمەن. ھىندونېزىيە يېڭى ھۆكۈمىتى ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىساد - سودا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بەخت يارىتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو خەلقئارا ئىشلاردا، بولۇپمۇ پەلەستىن مەسىلىسىدە باشتىن - ئاخىر ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ياقلىدى، مەن بۇنى چوڭقۇر ئالقىشلايمەن. ھىندونېزىيە جۇڭگو تەرەپ بىلەن خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىقى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

ۋاڭ يى سۆھبەتلىشىشكە قاتناشتى.