سۈرەتلەر توپلىمى | شى جىنپىڭ ئېتىزلارغا كىرىپ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تەييارلىقى ئەھۋالىنى تەكشۈردى

日期:2024年03月20日
来源:天山网
【字体:

3-ئاينىڭ 19-كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ چاڭدې شەھىرى دىڭچېڭ رايونى شيېجياپۇ بازىرىدىكى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش بويىچە ئون مىڭ مولۇق ئۇنىۋېرسال ئۈلگە كۆرسىتىش بۆلەك رايونىغا كېلىپ، شال ئېتىزى بويلىرىغا كىرىپ، مايسا يېتىشتۈرۈش ۋە يەر ئاغدۇرۇش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەمدە تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىلىرى، يېزا ئىگىلىك تېخنىك خادىملىرى، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ۋە كەنت ئاھالىلىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تەييارلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي سورىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تەييارلىقىنى ياخشى تۇتۇش ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىش ۋە ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم. ھەرقايسى رايون، ھەرقايسى ئورۇنلار مەسئۇلىيىتىنى پۇختىلاپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ كۆلىمىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئەتىياز پەسلىدىكى ئېتىز پەرۋىشىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى تەمىناتىنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىدە ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سورتلۇق ئۇرۇق، ياخشى ئۇسۇل، ياخشى پۇرسەت، مۇنبەت ئېتىزنى چوڭقۇر يۇغۇرۇش جەھەتتە زور كۈچ سەرپ قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش، دېھقانلارنى بېيىتىش سىياسىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ ئاشلىق تېرىشتىن پايدا ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، دېھقانلار ئاممىسىنىڭ ئاشلىق تېرىش ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغىتىپ، پۈتۈن يىللىق ئاشلىق ھوسۇلىنى ئاشۇرۇش ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن ئىشنى ياخشى باشلىشى، قەدەمنى ياخشى ئېلىشى كېرەك.

«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى