14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنى بېيجىڭدا يېپىلدى

日期:2024年03月12日
来源:天山网
【字体:

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى قاتارلىقلار تەستىقلاندى

يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن گوۋۇيۈەننىڭ تەشكىلىي قانۇنى ماقۇللاندى شى جىنپىڭ رەئىس بۇيرۇقى ئىمزالاپ ئېلان قىلدى

شى جىنپىڭ، لى چياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى جاۋ لېجى رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى

3 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا يېپىلدى. پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى چياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

3 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا يېپىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، ئىجرائىيە رەئىسى جاۋ لېجى يېپىلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تېلېگراممىسى14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، 3 - ئاينىڭ 11 - كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا يېپىلدى. يىغىندا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى قاتارلىقلار تەستىقلاندى. يىغىندا يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن گوۋۇيۈەننىڭ تەشكىلىي قانۇنى ماقۇللاندى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 21 - نومۇرلۇق رەئىس بۇيرۇقى ئىمزالاپ ئېلان قىلدى.

يېپىلىش يىغىنىغا يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، ئىجرائىيە رەئىسى جاۋ لېجى رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرى، ئىجرائىيە رەئىسلىرى لى خۇڭجۇڭ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، شياۋ جيې، جېڭ جيەنباڭ، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، خې ۋېي، ۋۇ ۋېيخۇا، تيې نىڭ، پېڭ چىڭخۇا، جاڭ چىڭۋېي، لوساڭ جياڭسۈن، شۆھرەت زاكىر، ليۇ چى رەئىس سەھنىسىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسلىرى ئورنىدىن ئورۇن ئالدى.

شى جىنپىڭ، لى چياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ ۋە يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزالىرى رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 2956 كىشى، قاتناشقىنى 2900 كىشى، قاتنىشالمىغىنى 56 كىشى، قاتناشقانلار سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

چۈشتىن كېيىن سائەت 3تە، جاۋ لېجى يىغىننىڭ باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارارى ماقۇللاندى. قاراردا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يىغىن گوۋۇيۈەننىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان 2024 - يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى، سىياسەت يۆنىلىشى ۋە خىزمەت ۋەزىپىسىگە قوشۇلۇپ، بۇ دوكلاتنى تەستىقلاشنى قارار قىلدى.

يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن گوۋۇيۈەننىڭ تەشكىلىي قانۇنى ماقۇللاندى. بۇ قانۇن ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

يىغىندا 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنىنىڭ 2023 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2024 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى توغرىسىدىكى قارارى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى، 2023 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2024 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلاتنى تەستىقلاش، 2024 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنى تەستىقلاش قارار قىلىندى؛ 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنىنىڭ 2023 - يىللىق مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2024 - يىللىق مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوت توغرىسىدىكى قارارى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى، 2023 - يىللىق مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2024 - يىللىق مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوت لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلاتنى تەستىقلاش، 2024 - يىللىق مەركەز خامچوتىنى تەستىقلاش قارار قىلىندى.

يىغىندا 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارارى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى. قاراردا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يىغىن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر يىللىق ۋەزىپىلەرگە قوشۇلدى، بۇ دوكلاتنى تەستىقلاشنى قارار قىلدى.

يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنىنىڭ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارارى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارارى ماقۇللاندى، بۇ ئىككى دوكلاتنى تەستىقلاش قارار قىلىندى.

ئارقىدىن، جاۋ لېجى سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى. بارلىق ۋەكىللەر ۋە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، يىغىن ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلدى، يىغىندا ئورتاق تونۇش مۇجەسسەملەندى، ۋەزىپىلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، ئىشەنچ چىڭىتىلدى، بۇ، بايراق ئېگىز كۆتۈرۈلگەن، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلىگەن، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىگەن بىر قېتىملىق يىغىن بولدى.

جاۋ لېجى مۇنداق كۆرسەتتى: يىغىن مەزگىلىدە، ۋەكىللەر پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى زىممىسىگە ئېلىپ، تولۇپ تاشقان سىياسىي قىزغىنلىق ۋە كۆتۈرەڭگۈ روھىي قىياپەت بىلەن قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، تۈرلۈك دوكلات ۋە تەكلىپ لايىھەلىرىنى ئەستايىدىل قاراپ چىقتى، يىغىن نەتىجىلىرى پارتىيەنىڭ تەشەببۇسى بىلەن خەلقنىڭ ئىرادىسىنىڭ بىرلىكىنى تولۇق نامايان قىلدى، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى ۋە دۆلەتنىڭ تۈپ سىياسىي تۈزۈمىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلدى.

جاۋ لېجى مۇنداق دېدى: بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر يىل. يىغىندا بېكىتىلگەن تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات نىشانىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىر مەقسەتتە بولۇپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك. خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، خەلقنىڭ ئىپادىلىگەن ئارزۇسى، ياراتقان تەجرىبىلىرى، ئىگە بولغان ھوقۇق - مەنپەئىتى، جارى قىلدۇرغان رولىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش قىزغىنلىقى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك. راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئىش قىلىشقا، نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، قىيىنچىلىقنى تىرىشىپ يېڭىپ، ئەمەلىي ئىشلارنى ياخشى بېجىرىپ، ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش داۋامىدا خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

جاۋ لېجى مۇنداق كۆرسەتتى: ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش جۇڭگو خەلقىنىڭ تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشىدىكى مۇقەررەر يول. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ھەممە بىر مەقسەتتە بولۇپ، كۈرەش قىلىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلايلى.

چۈشتىن كېيىن سائەت 3تىن 31 مىنۇت ئۆتكەندە، جاۋ لېجى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنى يېپىلدى، دەپ جاكارلىدى. يىغىن ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە ئاخىرلاشتى.

رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالغانلاردىن يەنە ما شىڭرۇي، ۋاڭ يى، يىن لى، شى تەيفېڭ، ليۇ گوجۇڭ، لى گەنجيې، لى شۇلېي، خې ۋېيدۇڭ، خې لىفېڭ، جاڭ يوۋشيا، جاڭ گوچىڭ، چېن ۋېنچىڭ، چېن جىنىڭ، چېن مىنئېر، يۈەن جياجۈن، خۇاڭ كۇنمىڭ، ليۇ جىنگو، ۋاڭ شياۋخۇڭ، ۋۇ جېڭلۇڭ، شېن يىچىن، جاڭ جۈن، يىڭ يۇڭ، خۇ چۇنخۇا، شېن يۆيۆ، ۋاڭ يۇڭ، پابالا گېليېلاڭجيې، خې خوۋخۇا، لياڭ جېنيىڭ، باتېر، سۇ خۇي، شاۋ خۇڭ، چېن ۋۇ، مۇ خۇڭ، شيەن خۇي، ۋاڭ دۇڭفېڭ، جياڭ شىنجى، جياڭ زوجۈن، خې باۋشياڭ، ۋاڭ گۇاڭچيەن، چىن بويۇڭ، جۇ يۇڭشىن، ياڭ جېن ھەم مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرىدىن ليۇ جېنلى، مياۋ خۇا، جاڭ شېڭمىن قاتارلىقلار بار.

مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، ئازادلىق ئارمىيەدىكى ئالاقىدار ئورۇنلار ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ، ھەرقايسى خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى ياكى يىغىننى سىرتتىن قاتنىشىپ ئاڭلىدى.

چەت ئەللەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى يىغىننى سىرتتىن قاتنىشىپ ئاڭلىدى.