​قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگوچە پۇل مۇئامىلە تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، دۆلىتىمىز پۇل مۇئامىلىسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

日期:2024年01月18日
来源:天山网
【字体:

شى جىنپىڭ ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پۇل مۇئامىلىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى

​قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگوچە پۇل مۇئامىلە تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، دۆلىتىمىز پۇل مۇئامىلىسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك​

جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتناشتى، سەي چى رىياسەتچىلىك قىلدى

1 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پۇل مۇئامىلىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسى مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى(دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)دە ئوقۇش باشلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلدى.  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تېلېگراممىسىئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پۇل مۇئامىلىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسى 1 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)دە ئوقۇش باشلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگوچە پۇل مۇئامىلە تەرەققىيات يولى ھەم زامانىۋى پۇل مۇئامىلە تەرەققىياتىنىڭ ئوبيېكتىپ قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلغان، تېخىمۇ مۇھىمى دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان روشەن ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، غەربنىڭ پۇل مۇئامىلە ئەندىزىسىدىن ماھىيەتلىك پەرقلىنىدۇ. بىز ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا داۋاملىق ئىزدىنىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بۇ يولنى ماڭغانسېرى كېڭەيتىشىمىز كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى سەي چى ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز يېڭى دەۋردىكى پۇل مۇئامىلىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك پۇل مۇئامىلىنىڭ ماھىيىتىگە بولغان تونۇشىمىزنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە ئەمەلىيىتىدە يېڭىلىق يارىتىش، نەزەرىيەسىدە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمىدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى توپلاپ، جۇڭگوچە پۇل مۇئامىلە تەرەققىيات يولىنى تەدرىجىي تېپىپ چىقتۇق، ئۇ بولسىمۇ: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۇل مۇئامىلە خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، خەلقنى مەركەز قىلغان قىممەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىشىنى تۈپ مەقسەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنىڭ مەڭگۈلۈك باش تېمىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، بازارلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش يولىدا پۇل مۇئامىلىنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇش، پۇل مۇئامىلە تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، پۇل مۇئامىلىگە دائىر ئېچىۋېتىش ۋە بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت. بۇ بىرنەچچە نۇقتىدا يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى پۇل مۇئامىلە خىزمىتىگە قانداق قاراش، ئۇنى قانداق ئىشلەش ئايدىڭلاشتۇرۇلغان، بۇ، جۇڭگوچە پۇل مۇئامىلە تەرەققىيات يولىنىڭ ئاساسىي مەيدانى، نۇقتىئىنەزەرى، ئۇسۇلىنى نامايان قىلىدىغان ئورگانىك بىر پۈتۈن گەۋدە.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پۇل مۇئامىلە كۈچلۈك دۆلىتى كۈچلۈك ئىقتىسادىي ئاساسنى ئۇل قىلغان بولۇشى، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچ، پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى ۋە ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىگە ئىگە بولۇشى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىر قاتار ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق پۇل مۇئامىلە مۇھىم ئامىللىرىنى ھازىرلىغان بولۇشى كېرەك، يەنى: كۈچلۈك پۇل، كۈچلۈك مەركىزىي بانكا، كۈچلۈك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى، كۈچلۈك خەلقئارا پۇل مۇئامىلە مەركىزى، كۈچلۈك پۇل مۇئامىلە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، كۈچلۈك پۇل مۇئامىلە ئىختىساسلىقلار قوشۇنىغا ئىگە بولۇشى كېرەك. پۇل مۇئامىلە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن ئۇزاق مۇددەت تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە، بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. جەزمەن جۇڭگوچە زامانىۋى پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئىلمىي، پۇختا بولغان پۇل مۇئامىلىنى تەڭشەش - تىزگىنلەش سىستېمىسى، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق بولغان پۇل مۇئامىلە بازار سىستېمىسى، ئىش تەقسىماتى بويىچە ھەمكارلىشىدىغان پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى سىستېمىسى، مۇكەممەل، ئۈنۈملۈك بولغان پۇل مۇئامىلە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش سىستېمىسى، كۆپ خىللاشقان، كەسپىي پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمەت سىستېمىسى، ئۆز ئالدىغا تىزگىنلىگىلى بولىدىغان، بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پۇل مۇئامىلە ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ۋە تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پۇل مۇئامىلە خەۋپ - خەتىرى، بولۇپمۇ سىستېمىلىق خەۋپ - خەتەرنىڭ كۈچەپ ئالدىنى ئېلىش، تۈگىتىش كېرەك. پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشتا «ئۆتكۈر چىش ۋە تىكەن» بولۇش، پىرىنسىپال بولۇش كېرەك، ئاچقۇچلۇقى پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تارماقلىرى ۋە ساھە مەسئۇل تارماقلىرى مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھەمكارلىشىش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىشتە. بازار ئىجازىتى، ئېھتىياتچان نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، ھەرىكەتنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش قاتارلىق ھەرقايسى ھالقىلارنىڭ ھەممىسىدە قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى توغرا يۆنىلىشتە چېتىگىچە، تىك يۆنىلىشتە ئاخىرغىچە يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ھەرقايسى جايلار مەۋقەنى كونكرېت بىر ساھەدە پۈتۈن ۋەزىيەتنى كۆزلەشكە قويۇپ، تەۋەلىكىدىكى خەۋپ - خەتەرنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە مۇقىملىقنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. خەۋپ - خەتەرنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا چىرىكلەشكەنلەرنى قەتئىي جازالاپ، ئەخلاق جەھەتتىكى خەۋپ - خەتەرنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش كېرەك. پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش −− سىستېمىلىق قۇرۇلۇش، پۇل مۇئامىلىنى باشقۇرۇش تارماقلىرى ۋە ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەش تارماقلىرى، ساھە مەسئۇل تارماقلىرى، قانۇن يۈرگۈزۈش ئورگانلىرى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ مۇناسىپ مەسئۇلىيىتى بار، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەت بىردەك بولغان خەۋپ - خەتەرنى بىر تەرەپ قىلىش مەسئۇلىيەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. پۇل مۇئامىلە جەھەتتىكى جىنايەتكە قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش ئارقىلىق، دۆلىتىمىزنىڭ پۇل مۇئامىلە بايلىقىنى تەقسىملەش ئۈنۈمى ۋە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، خەلقئارا رىقابەت كۈچى ۋە قائىدىنىڭ تەسىر كۆرسىتىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، رىتىمى ۋە سالمىقىنى پۇختا، ئېھتىياتچانلىق بىلەن ياخشى ئىگىلەش كېرەك. تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، پۇل مۇئامىلىنى يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىجازەتتىن ئىلگىرى دۆلەت پۇقراسىلىق مۇئامىلىگە پاسسىپ تىزىملىكنى قوشۇپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلقئارا يۇقىرى ئۆلچەملىك ئىقتىساد - سودا كېلىشىمىدىكى پۇل مۇئامىلە ساھەسىگە ئالاقىدار قائىدىلەرگە ئۆلچەم بويىچە توغرىلىنىپ، چەكلەش خاراكتېرلىك تەدبىرلەرنى ئىخچاملاپ، ئېچىۋېتىش سىياسىتىنىڭ ئاشكارىلىقى، مۇقىملىقى ۋە كۆزلىمىلىكلىكىنى كۈچەيتىپ، چېگرا سىرتىدىكى مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنى پۇل مۇئامىلە مەدىتى بىلەن تەمىنلەشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. چېگرا ئىچى - سىرتىدىكى پۇل مۇئامىلە بازىرىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، چېگرا ھالقىغان مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، خەلقئارا پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىسلاھاتىغا پائال قاتنىشىش كېرەك. ئېچىۋېتىش شارائىتىدىكى پۇل مۇئامىلە بىخەتەرلىكى تۆۋەن چېكىنى ساقلاش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پۇل مۇئامىلىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، پۇل مۇئامىلە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتا، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش بىلەن ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە پۇل مۇئامىلە مەدەنىيىتىنى پائال يېتىلدۈرۈپ، سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش، تۆۋەن چەكتىن ھالقىپ كەتمەسلىك؛ ئادىل يول بىلەن مەنپەئەتكە ئېرىشىش، مەنپەئەتنىلا كۆزلىمەسلىك؛ سالماق، ئېھتىياتچان بولۇش، ئالدىراقسانلىق قىلىپ كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكىلا بېرىلىپ كەتمەسلىك؛ توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيەتتىن ئايرىلغان مەۋھۇم يولدا ماڭماسلىق؛ قانۇن - بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولۇش، باشباشتاقلىق قىلماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار پۇل مۇئامىلە تەپەككۇرى ۋە پۇل مۇئامىلە خىزمەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساد بىلەن پۇل مۇئامىلە بىر تاختا شاھمات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، مەركەز پۇل مۇئامىلە خىزمىتى يىغىنىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىساد بىلەن پۇل مۇئامىلىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

سەي چى ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ ئىدىيەسى چوڭقۇر، نەزەر دائىرىسى كەڭ، بايانلىرى مۇپەسسەل، ئىچكى خاس مەزمۇنى مول بولۇپ، ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيلىققا، نەزەرىيەۋىلىككە، قاراتمىلىققا، يېتەكچىلىككە ئىگە، بۇ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ پۇل مۇئامىلە تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىلەرنى توغرا تونۇپ، پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنىڭ ماھىيەتلىك قانۇنىيىتى ۋە تەرەققىيات يولىغا بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە خىزمەت قابىلىيىتى ۋە خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگوچە پۇل مۇئامىلە تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىدا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ مول ئىچكى خاس مەزمۇنى، جەۋھىرى، مۇھىم مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ ۋە ئىگىلەپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەلىك مۇئاۋىن باشلىقلىرى، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ پارتىيەلىك مۇئاۋىن رەئىسلىرى ھەمدە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ئالاقىدار خەلق تەشكىلاتلىرى، مەركەز باشقۇرۇشىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى، كارخانىلار، ئالىي مەكتەپلەر، ئازادلىق ئارمىيەنىڭ ھەرقايسى ئورۇنلىرى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار مۇھاكىمە كۇرسىغا قاتناشتى. ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ھەم ئالاقىدار تەرەپلەردىكى مەسئۇل يولداشلار ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا سىرتتىن قاتناشتى.