شى جىنپىڭ زامبىيە زۇڭتۇڭى خىچىلېما بىلەن سۆھبەتلەشتى

日期:2023年09月16日
来源:新疆日报
【字体:

9 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن زامبىيە زۇڭتۇڭى خىچىلېما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سۈرەتتە: سۆھبەتتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن خىچىلېما ۋە رەپىقىسى مۇتېنتا بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر جېڭ مىڭدا) 9 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن زامبىيە زۇڭتۇڭى خىچىلېما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو ـ زامبىيە مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو ـ زامبىيە ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى ئىككى دۆلەتنىڭ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلىرى ئۆز قولى بىلەن بەرپا قىلغان بولۇپ، خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ سىنىقىنى باشتىن كەچۈردى. تانزانىيە ـ زامبىيە تۆمۈريولى جۇڭگو ـ ئافرىقا دوستلۇقىنىڭ سىمۋولى، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ بىر ـ بىرىگە ئالاھىدە دوستلۇق رىشتى بار. جۇڭگو تەرەپ باشتىن ـ ئاخىر جۇڭگو ـ زامبىيە مۇناسىۋىتىگە ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراق كەلگۈسى نۇقتىدىن مۇئامىلە قىلىدۇ ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ، زامبىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ چوڭقۇر ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى يېڭى دەۋردە ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىشنىڭ پۈتمەس ـ تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇپ، جۇڭگو ـ زامبىيە مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشى، ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو زامبىيەنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى قوللايدۇ، زامبىيە تەرەپ بىلەن پارتىيەلەر ئارا ئالاقە ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بىر ـ بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەردە بىر ـ بىرىنى قەتئىي قوللاشنى خالايدۇ. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى دۇنيانىڭ زامانىۋىلىشىش ئەندىزىسىنىڭ كۆپ خىللىقىنى نامايان قىلدى، جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە زامانىۋىلىشىش مۇساپىسى زامبىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە داۋاملىق يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ زامبىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى يېتەكچى قىلىپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، يېزا ئىگىلىكى، كانچىلىق، پاكىز ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، تەرەققىيات، گۈللىنىشنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ زامبىيەنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇڭگو بازىرىغا كىرىشىگە ئىلھام بېرىدۇ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو مەبلىغى كارخانىلىرىنىڭ زامبىيەگە بېرىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشىنى قوللايدۇ. ئىككى تەرەپ كېلەر يىلى ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، مائارىپ ـ تەربىيەلەش، سەھىيە، داۋالاش، مەدەنىيەت، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، خادىملارنىڭ بېرىش ـ كېلىشىنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى، ئۆزئارا ئىناق ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ كوللېكتىپ قەد كۆتۈرۈشى، خەلقئارا تەسىر كۈچىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچىيىشى توسۇۋالغۇسىز دەۋر ئېقىمىغا ئايلاندى. بىز ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قەتئىي قوغداپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ سۆز ھوقۇقىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، ئىككى دۆلەت ۋە كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغدىشىمىز كېرەك. جۇڭگو ـ ئافرىقا ھەمكارلىقى جەنۇب ـ جەنۇب ھەمكارلىقى ۋە خەلقئارانىڭ ئافرىقا بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنىڭ يېتەكلىگۈچىسىگە ئايلاندى. سەمىمىي، باراۋەر بولۇش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىش، ھەققانىيەتنى قوغداش، ئېچىۋېتىش، سىغدۇرۇشچان بولۇشتىن ئىبارەت جۇڭگو ـ ئافرىقا دوستلۇقىنىڭ بۇ ئاساسىي لىنىيەسى ۋە ئاساسىي رېڭى ئەزەلدىن ئۆزگەرمىدى. جۇڭگو ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ دۇنيانىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيلىك تەرەققىياتىدىكى مۇھىم بىر قۇتۇپ بولۇشىنى قەتئىي قوللايدۇ. جۇڭگو تەرەپ زامبىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە، «ئافرىقىنىڭ سانائەتلىشىشىنى قوللاش تەشەببۇسى» قاتارلىق جۇڭگو ـ ئافرىقا رەھبەرلىرى سۆھبەت يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۇدۇللىشىشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا تەرەققىي قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ جانلىنىشى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قوللاپ، قول تۇتۇشۇپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ـ ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

خىچىلېما مۇنداق بىلدۈردى: زامبىيە تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلىرى ئۆز قولى بىلەن بەرپا قىلغان زامبىيە ـ جۇڭگو دوستلۇقىنى قەدىرلەيدۇ. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى يەرشارىۋى جەنۇب دۆلەتلىرىنىڭ يۈكسىلىشنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، يەرشارىۋى جەنۇب دۆلەتلىرىنىڭ خەلقئارا ئىشلاردىكى ۋەكىللىك خاراكتېرى ۋە سۆز ھوقۇقىنى ئۆستۈرۈپ، خەلقئارا تەرتىپنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى. زامبىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھىغا قاتنىشىشىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ زامبىيەنىڭ قەرز مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ئىجابىي رول ئوينىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ. زامبىيە تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى ۋە پىرىنسىپىنى يۈكسەك دەرىجىدە تەرىپلەيدۇ، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىشنى، ئۆرنەك قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشىنى پۇرسەت بىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ۋە كانچىلىق، يېزا ئىگىلىكى، ئىقتىساد ـ سودا، پەن ـ تېخنىكا، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، داۋالاش ـ سەھىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەۋزەللىك جەھەتتە ئۆزئارا تولۇقلاش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو ـ ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم سۇپا، زامبىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ 2024 ـ يىلى مۇنبەر يىغىنى ئۆتكۈزىدىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئافرىقا ـ جۇڭگو ھەمكارلىقىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئېنېرگىيە ۋە ئاشلىق بىخەتەرلىكى قاتارلىق يەرشارىۋى خاراكتېرلىك خىرىسلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق قوشۇشنى خالايدۇ.

سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش، يېشىل تەرەققىيات، رەقەملىك ئىقتىساد، مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقى، تەكشۈرۈش ـ كارانتىن قىلىش قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.

ئىككى تەرەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن زامبىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش توغرىسىدىكى قوشما باياناتى»نى ئېلان قىلدى.

سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسىنىڭ سىرتىدىكى مەيداندا خىچىلېما ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

خىچىلېما يېتىپ كەلگەندە، مۇراسىم ئەسكەرلىرى سەپكە تىزىلىپ ھۆرمەت بىلدۈردى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى پاراتنى كۆزدىن كەچۈرۈش مۇنبىرىگە چىقتى، ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو بىلەن زامبىيە ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى، تيەنئەنمېن مەيدانىدا 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى. خىچىلېما شى جىنپىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھۆرمەت قاراۋۇللىرى ئەترىتىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مۇراسىم سەپ شەكلىنى كۆردى.

شى جىنپىڭنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ۋە خىچىلېمانىڭ رەپىقىسى مۇتېنتا ھەمراھ بولۇپ قارشى ئېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. شۇ كۈنى چۈشتە، شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىدا خىچىلېما ۋە مۇتېنتا ئۈچۈن قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى.

ۋاڭ يى يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.