​تېخىمۇ جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىش روھىي ھالىتى ئارقىلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىپ، بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك

日期:2023年05月13日
来源:天山网
【字体:

شى جىنپىڭ خېبېيدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا ھەم بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا مۇنداق تەكىتلىدى​

تېخىمۇ جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىش روھىي ھالىتى ئارقىلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىپ، بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك

​لى چياڭ، دىڭ شۆشياڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى سەي چى تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى ھەم سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى


5 - ئاينىڭ 11 - كۈنىدىن 12 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ خېبېيدا تەكشۈرۈشتە بولدى ھەم بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. سۈرەتتە: 5 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ شىجياجۇاڭ شەھىرىدە بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شېن خۇڭ فوتوسى

5 - ئاينىڭ 11 - كۈنىدىن 12 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ خېبېيدا تەكشۈرۈشتە بولدى ھەم بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. سۈرەتتە: 5 - ئاينىڭ 11 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ ساڭجوۋ شەھىرىنىڭ خۇاڭخۇا شەھىرى جيۇچېڭ بازىرى شيەنجۇاڭ تەۋەلىك رايونىدىكى قۇرغاق، شورلۇق يەر بۇغدايلىقىدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، تېرىقچىلىق ئائىلىلىرى، يېزا ئىگىلىك تېخنىكا مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى.  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يىن بوگۇ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شىجياجۇاڭ، 5 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسىجۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا خېبېيدا تەكشۈرۈشتە بولدى، بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئىرادىنى ساقلاپ، پۇرسەتنى تۇتۇش، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش، كىرىزىسنى تۈگىتىش، پۇرسەت يېتىلدۈرۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تېخىمۇ جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىش روھىي ھالىتى ئارقىلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىپ، بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى ئالدىن يولغا قويۇش رايونى، ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى چياڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىڭ شۆشياڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى ھەم سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

5 - ئاينىڭ 11 - كۈنىدىن 12 - كۈنىگىچە، شى جىنپىڭ خېبىي ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى نى يۆفېڭ، ئۆلكە باشلىقى ۋاڭ جېڭپۇنىڭ ھەمراھلىقىدا، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ساڭجوۋ، شىجياجۇاڭ قاتارلىق جايلارغا كېلىپ، يېزا، پورت، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى قاتارلىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىغا دائىر ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى.

5 - ئاينىڭ 11 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ ساڭجوۋ شەھىرىگە كېلىپ، خۇاڭخۇا شەھىرىنىڭ جيۇچېڭ بازىرى شيەنجۇاڭ تەۋەلىك رايونىدىكى قۇرغاق، شورلۇق يەر بۇغدايلىقىدا تەكشۈرۈشتە بولۇپ، شورلۇق يەرلەرنى تۈزەش، قۇرغاق، شورلۇق يەردە بۇغداي تېرىشنى كېڭەيتىش ھەم كەسىپلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ بۇغدايلىققا كىرىپ، بۇغداينىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەپسىلىي كۆزدىن كەچۈردى ھەم ئېتىزلىقتا ئىشلەۋاتقان تېرىقچىلىق ئائىلىلىرى، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى مۇتەخەسسىسلىرىدىن قۇرغاق، شورلۇق يەرگە تېرىلغان بۇغداينىڭ ھوسۇلى، باھاسى، سۈپىتى، پايدىسى قاتارلىقلارنى سورىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: شورلۇق يەردىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىشنى قانات يايدۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك مەسىلە بولۇپ، جەزمەن مۇھىم ئورۇنغا قويۇش كېرەك. مەۋقەنى دۆلىتىمىزدە شورلۇق يەر كۆپ بولۇش، ئېچىش يوشۇرۇن كۈچى زور بولۇش ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئاچقۇچلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، شورلۇق يەرلەرنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، شورلۇق يەرلەردە تېرىشقا ماس كېلىدىغان زىرائەت سورتلىرىنى ئېچىش، كېڭەيتىشنى كۈچەيتىپ، زىرائەت تېرىشقا ماس كېلىدىغان كۆلەمنى ئۈنۈملۈك كېڭەيتىپ، چوڭقۇر پىششىقلاشنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شورلۇق يەر خاس يېزا ئىگىلىكىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئىشنى ياخشى قىلىش كېرەك.

5 - ئاينىڭ 11 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ خۇاڭخۇا پورتىنىڭ كۆمۈر پورت رايونى پىرىستانىغا كېلىپ، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ پورتلارنى بىرىكتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشى ۋە خۇاڭخۇا پورتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتى، تەرەققىيات يىرىك پىلانى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: خېبېينىڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ئۆزگىچە، دېڭىز تىرانسپورت شارائىتى قولايلىق بولۇپ، پورتلارنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە بايلىقىنى بىرىكتۈرۈشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، پورت فۇنكسىيەسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتى، شيۇڭئەن يېڭى رايونىنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە قۇرۇش، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش قاتارلىق دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇدۇللىشىپ، رايون ئىقتىسادىنىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش داۋامىدا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. خۇاڭخۇا پورتى دۆلىتىمىزنىڭ غەربنىڭ كۆمۈرىنى شەرققە توشۇش، شىمالنىڭ كۆمۈرىنى جەنۇبقا توشۇشتىكى مۇھىم تۈگۈن پورت بولۇش سۈپىتى بىلەن، پورتنىڭ ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، باشقۇرۇش تۈزۈلمە - مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، كۆپ ئىقتىدارلىق، ئۇنىۋېرسال، زامانىۋىلاشقان چوڭ پورت بەرپا قىلىشى كېرەك.

5 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ شىجياجۇاڭ شەھىرىگە جايلاشقان جۇڭگو ئېلېكتىرون پەن - تېخنىكا كەسپى ئاساسىي تەتقىقات يۇرتىغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، كارخانىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى ھەم مەھسۇلات تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى كۈچەيتىش، ئۆز ئالدىغا كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى، ئىشلەپچىقىرىش سېخىغا كىرىپ، ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىش تەرتىپىنى كۆزدىن كەچۈردى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تىرەك بولۇپ، جەزمەن دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجىنى كۆزلەپ، ئاچقۇچلۇق يېڭىلىق يارىتىش بايلىقىنى سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقاتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۈزلۈكسىز يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك. ئۇ پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنى غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، پەن - تېخنىكىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە باتۇرلۇق بىلەن ئۆرلەپ، ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكا ئۆتكەللىرىنى ئۈزلۈكسىز ھۇجۇم قىلىپ ئېلىپ، پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىدىغان، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزىدىغان تېخىمۇ كۆپ چوڭ دۆلەت مۇھىم جابدۇقلىرىنى ياساشقا ئىلھاملاندۇردى.

شى جىنپىڭ ئارقىدىن شىجياجۇاڭ شەھىرىدىكى خەلقئارا بىيو تېببىي دورا باغچىسى يىرىك پىلان كۆرگەزمە سارىيىدا تەكشۈرۈشتە بولۇپ، شىجياجۇاڭنىڭ بىيو تېببىي دورا كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى، تېببىي دورا مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، دورا مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بىيو تېببىي دورا كەسپى دۆلەت ئىقتىسادى، خەلق تۇرمۇشى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپ. ئاساسىي تەتقىقات ۋە پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بىيو تېببىي دورا كەسپى تەرەققىياتىنىڭ جان تومۇرىنى ئۆز قولىمىزدا مەھكەم تۇتۇشىمىز كېرەك. خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگولۇقلارنىڭ ھاياتلىق گېنىغا ۋارىسلىق قىلىشقا ۋە تەن ساپاسى ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان تېخىمۇ كۆپ «جۇڭگو دورىسى»نى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ئىشلەپچىقىرىش، بولۇپمۇ، جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئىجادىي راۋاجلاندۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك.

5 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ شىجياجۇاڭ شەھىرىدە بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. خېبېي ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى نى يۆفېڭ، تيەنجىن شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن مىنئېر ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سۆز قىلدى، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى يىن لى يازما سۆز تاپشۇرۇپ، بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا خىزمەت ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى، پىكىر - تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان خېبېينىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، خېبېينىڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپە ۋە يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىنى مەھكەم ئىگىلەپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا يېڭى يول ئېچىپ، بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش ۋە شيۇڭئەن يېڭى رايونىنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە قۇرۇش داۋامىدا يېڭى مەسئۇلىيەتچانلىقنى نامايان قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا يېڭى بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا يېڭى ئەۋزەللىكنى يېتىلدۈرۈپ، ئورتاق بېيىشنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىپ، ئىقتىسادى كۈچلۈك ئۆلكە، گۈزەل خېبېي قۇرۇشنى تېزلىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ خېبېي سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە، بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېيدىن ئىبارەت ئىككى بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، بىر ئۆلكىنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىشى، مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلارنىڭ زور كۈچ بىلەن مەدەت بېرىشى، ماسلىشىشىدا نۇرغۇن ئۈنۈملۈك خىزمەتلەر ئىشلەندى، بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىدا يېڭى كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، بېيجىڭنىڭ پايتەختكە خاس بولمىغان فۇنكسىيەسىنى تارقاقلاشتۇرۇشتا دەسلەپكى ئۈنۈم كۆرۈلدى، شيۇڭئەن يېڭى رايونى قۇرۇلۇشىدا مۇھىم، زور باسقۇچلۇق نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. بېيجىڭ شەھىرىنىڭ قوشۇمچە مەركىزىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات قەدىمى تېزلىتىلدى، «رېلىستىكى بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېي» تېز سۈرئەتتە شەكىللەندى، گۈزەل، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېي مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات سەۋىيەسى سىجىل ئۆستى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېي قاتارلىقلار توغرىسىدىكى مۇھىم، زور رايون تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى دەۋردىكى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئۈنۈملۈك يول.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بېيجىڭنىڭ پايتەختكە خاس بولمىغان فۇنكسىيەسىنى تارقاقلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ھالقىلىق تۇتقىنى مەھكەم تۇتۇپ، پائال، پۇختا بولۇش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئېشىش مىقدارىنى تىزگىنلەش بىلەن ساقلانما مىقدارنى تارقاقلاشتۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئىچكى فۇنكسىيەنى قايتا تەشكىللەش ۋە سىرتقا تارقاقلاشتۇرۇپ يۆتكەشنى ئىككى قولدا تۇتۇپ، تارقاقلاشتۇرۇش خىزمىتىنى كۈچلۈك، تەرتىپلىك، ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. بەلگە خاراكتېرلىك تۈرلەرنى سىرتقا تارقاقلاشتۇرۇشنى كۈچەپ ياخشى تۇتۇپ، 2 - تۈركۈمدە تارقاقلاشتۇرۇشنى باشلىغان بېيجىڭدىكى مەركەز كارخانىلىرىنىڭ باش ئىشتابى ھەم 2 -، 3 - دەرىجىلىك تارماق شىركەتلەر ياكى يېڭىلىق يارىتىش كەسىپ بۆلەكلىرى قاتارلىقلارنى داۋاملىق پىلانلاش كېرەك. تارقاقلاشتۇرۇش، رىغبەتلەندۈرۈش، چەكلەش سىياسەت سىستېمىسىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بازار مېخانىزمىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان ۋاسىتە ئارقىلىق سىرتقا تارقاقلاشتۇرۇشنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بېيجىڭنىڭ پايتەختكە خاس بولمىغان فۇنكسىيەسىنىڭ ئېشىش مىقدارىنى مەنبەدىن قاتتىق كونترول قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بېيجىڭنىڭ «يېڭى ئىككى قانات» قۇرۇلۇشىدا تېخىمۇ زور بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. بېيجىڭنىڭ شەھەر قوشۇمچە مەركىزى قۇرۇلۇشىدا شيۇڭئەن يېڭى رايونى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، «ئىككى قانات» ماسلىشىپ كۈچەپ، بېيجىڭنىڭ «چوڭ شەھەر كېسىلى» مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش كېرەك. مەركىزىي شەھەر رايونى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، قوشۇمچە شەھەر ئارقىلىق ئاساسىي شەھەرگە ياردەم بېرىش، ئاساسىي شەھەر بىلەن قوشۇمچە شەھەرنى ئورتاق گۈللەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. بېيجىڭ شەھىرىگە قاراشلىق 2 - تۈركۈمدىكى مەمۇرىي، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ قوشۇمچە مەركەزگە كۆچۈپ كىرىشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، بوشىتىلغان بوشلۇقنى ئاساسلىقى پايتەختنىڭ يادرولۇق فۇنكسىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىش كاپالىتىنى كۈچەيتىشكە ئىشلىتىش كېرەك. ئەتراپتىكى رايونلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ئەتراپتىكى تۇتاش رايونلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېي پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئۈچ چوڭ مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، سانى كۆپ، بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان ئالىي مەكتەپ ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقات ئىختىساسلىقلىرىغا ئىگە، يېڭىلىق يارىتىش ئاساسى پۇختا، ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك، ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش ۋە كەسىپلەر ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش داۋامىدا ئۈلگىلىك، تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. بېيجىڭ خەلقئارا پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىختىساسلىقلار ئېگىزلىكى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشتىكى مۇھىم مەنبە ۋە دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئاساسلىق مەنبەنى كۈچەپ بەرپا قىلىش كېرەك. ئىشلەپچىقىرىش - ئوقۇتۇش - تەتقىقات ھەمكارلىقىدىكى يېڭى ئەندىزىنى بەرپا قىلىپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى رايون ئىچىدە ئايلاندۇرۇش ئۈنۈمى ۋە نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مۇستەقىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ۋە خەلقئارا رىقابەت كۈچىگە ئىگە بىر تۈركۈم يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى باشلامچى كارخانىلارنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئەمەلىي ئىقتىساد ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ ۋە زورايتىپ، توپلاشتۇرۇلغان توك يولى، تور بىخەتەرلىكى، بىيو تېببىي دورا، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى جابدۇقلىرى، بىخەتەرلىك بويىچە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش جابدۇقلىرى قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئەڭ مۇھىم ئىش دەپ بىلىپ، دۇنيا دەرىجىلىك ئىلغار ياسىمىچىلىق توپىنى كۈچەپ بەرپا قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشنى ئەڭ ئاخىرىدا خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش، ئورتاق بېيىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىستىلىنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، كەڭ پۇقرالار كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، دىققەت قىلىۋاتقان مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ئاممىۋى مۇلازىمەتنى ئورتاق قۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېي رايونلىرىدا تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بېيجىڭ، تيەنجىننىڭ ئەلا سۈپەتلىك ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئاساسىي مائارىپ بايلىقىدىن خېبېينى ئورتاق بەھرىلەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، رايون ئىچىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى، پەن قۇرۇلۇشى، نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، بېيجىڭ - تيەنجىن ياشانغانلار كۈتۈنۈش تۈرىنى خېبېيدىكى شارائىتى ھازىرلانغان رايونلارغا ئۇزارتىپ ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. شىمالدىكى قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش بەلبېغى قاتارلىق ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش نۇقتىلىق قۇرۇلۇشىنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، يېشىل ئېكولوگىيە توسۇقى قۇرۇلۇشى قاتارلىق مۇھىم، زور ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشلىرىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: قاتناش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق تېز ئالغا سىلجىتىپ، رايونلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ماسلىشىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك. بېيجىڭ - تيەنجىن «قوش شەھەر خاتىرىسى»نى ياخشى ئېيتىپ، ھەمكارلىقنىڭ كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقىنى كېڭەيتىپ، رايون تەرەققىياتى ئېگىزلىكىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينىڭ دۇنياۋى شەھەر توپى قۇرۇش داۋامىدىكى تەسىر كۆرسىتىش، تۈرتكە بولۇش ۋە يۇقىرى پەللىدىن يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. بېيجىڭنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئەۋزەللىكى بىلەن تيەنجىننىڭ ئىلغار ياسىمىچىلىق، تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئەۋزەللىكىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا بىرلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېي دۆلەت تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىنى ئورتاق قۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى يۈكسەلدۈرۈپ، موتورلۇق ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك. خېبېينىڭ بېيجىڭ، تيەنجىننى ھالقىسىمان ئوراپ تۇرىدىغان جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئوخشاش بولمىغان يۆنىلىشتىن بېيجىڭ، تيەنجىننى تۇتاشتۇرىدىغان ئىقتىساد كارىدورى بەرپا قىلىشى، بېيجىڭ، تيەنجىن خېبېيغا ياردەم بېرىش، يۆلەشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خېبېيدىكى شارائىتى يار بېرىدىغان رايونلارنىڭ بېيجىڭ، تيەنجىننىڭ پەن - تېخنىكا تاشما ئېففېكتى ۋە كەسىپلەرنىڭ يۆتكىلىشىنى تېخىمۇ ياخشى قوبۇل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تۈزۈلمە - مېخانىزم ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ ۋە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى زور كۈچ بىلەن ئەلالاشتۇرۇپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى باشقا رايونلار بىلەن پائال ئالاقىلىشىپ، ئۇدۇللىشىپ، مەملىكەت بويىچە سىرتقا ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش بۇ يىللىق پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىدىكى ئىنتايىن مۇھىم ئىش. بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېيدىن ئىبارەت ئىككى بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك، بىر ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما ۋە تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسىنى ھەقىقىي تۈردە ياخشى تۇتۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي فۇنكسىيەسى ۋە تەشكىلىي فۇنكسىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

لى چياڭ سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي ۋەزىيەت ئاساسىدا پىكىر يۈرگۈزۈش ۋە ھەرىكەتكە كېلىشتە چىڭ تۇرۇپ، بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىنى تېخىمۇ كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. باش ۋەزىپىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، بېيجىڭنىڭ پايتەختكە خاس بولمىغان فۇنكسىيەسىنى تارقاقلاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، بايلىق، سىياسەت، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، بەلگە خاراكتېرلىك تارقاقلاشتۇرۇش تۈرلىرىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. رايونلار پەرقىنى ئىگىلەپ، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق بىر - بىرىنى تولۇقلاشقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، ھەم ھەرقايسىسى ئۆزىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ھەم ئورتاق بولغان ئارتۇقچىلىقنى مۇستەھكەملەپ، تەرەققىيات پەرقىنىڭ پوتېنسىيال ئېنېرگىيەسىنى ماس تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىگە ئايلاندۇرۇپ، ئاممىنى تېخىمۇ كۈچلۈك ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش كېرەك. خىزمەت مېخانىزمىنى يەنىمۇ پۇختىلاپ، تېخىمۇ زىچ بولغان ماس ئالغا سىلجىتىش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

دىڭ شۆشياڭ مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھاۋا سۈپىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاشنى قاتتىق تەلەپ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش خىزمىتىنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ياخشى ئىشلەپ، بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىنى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئېنېرگىيە سەرپىياتى يۇقىرى، بۇلغىما چىقىرىشى كۆپ، سەۋىيەسى تۆۋەن تۈرلەرنى قارىغۇلارچە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قەتئىي توسۇش كېرەك؛ ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىدا تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، يېڭى ئېنېرگىيە ۋە پاكىز ئېنېرگىيەنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك؛ تىرانسپورت قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ ئەلالاشتۇرۇپ، يېقىلغۇ ماي بۇلغىمىسى قويۇپ بېرىشنى مەنبەدىن ئازايتىش كېرەك؛ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشى بويىچە بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرىدىغان بىرىكمە كۈچنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

لى گەنجيې، خې لىفېڭ قاتارلىقلار تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى ھەم سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى، ۋۇ جېڭلۇڭ، مۇ خۇڭ ھەم باش تېما تەربىيەسى مەركەز 2 - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، ئالاقىدار جايلار، ئالاقىدار كارخانىلاردىكى مەسئۇل يولداشلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.