ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

日期:2022年12月29日
来源:شىنجاڭ گېزىتى
【字体:

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئېچىپ مۇنداق تەكىتلىدى

ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى

12 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنىدىن 27 ـ كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى

12 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنىدىن 27 ـ كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى تېلېگراممىسىجۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 12 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنىدىن 27 ـ كۈنىگىچە دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى، يىغىندا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىش روھى ئارقىلىق پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم، زور تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش باش تېما قىلىنىپ، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈلۈپ، باشلامچىلىق بىلەن «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش، باشلامچىلىق بىلەن شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاش، باشلامچىلىق بىلەن پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش، باشلامچىلىق بىلەن خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش، باشلامچىلىق بىلەن كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، باشلامچىلىق بىلەن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈش ئاساسىدا نەتىجىلەر خۇلاسىلىنىپ، يېتەرسىزلىكلەر تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقىلىپ، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تەھلىل قىلىش ئېلىپ بېرىلىپ، تەنقىد ۋە ئۆز ـ ئۆزىنى تەنقىد قىلىش قانات يايدۇرۇلدى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

يىغىندىن ئىلگىرى، ئالاقىدار تەرەپلەر ئەستايىدىل تەييارلىق قىلدى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل يولداشلار بىلەن سىردىشىپ، پىكىرلىشىپ، پىكىر ـ تەكلىپلەرنى ئاڭلاپ، سۆز قىلىش تېزىسىنى يازدى. يىغىندا، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار بىر ـ بىرلەپ سۆز قىلىپ، يىغىن باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە قوغداش توغرىسىدىكى بىرقانچە بەلگىلىمىسى»، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى»گە سېلىشتۇرۇپ، مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقىپ، چوڭقۇر تەھلىل قىلدى، سەمىمىي، راستچىل، ئوچۇق ـ يورۇق بولدى، كەيپىيات كەسكىن ـ جانلىق بولۇپ، كۆزلىگەن ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى.

مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار دىققەتنى ئالتە مۇھىم نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ سۆز قىلدى. بىرىنچى، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىگە بولغان تونۇشنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىش، ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەش، ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كۈچ سەرپ قىلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىش. ئىككىنچى، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى ئۆزلەشتۈرۈشنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، سىياسىي ئاڭلىقلىق، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش. ئۈچىنچى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك يېتەكچى ئەھمىيىتىگە بولغان تونۇشنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە بۇ ئىدىيە بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش. تۆتىنچى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنىڭ جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكى، ماھىيەتلىك تەلىپى، مۇھىم، زور پىرىنسىپى ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا بولغان تونۇشنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۈشكۈل، ئېغىر ۋەزىپە ۋە خەۋپ ـ خەتەر، خىرىسقا يۈزلىنىپ، دادىل كۈرەش قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، پارتىيە ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش، خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش. بەشىنچى، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا يۆنىلىش بەلگىسى بولۇشتەك رولىغا بولغان تونۇشنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشتا قاتتىق بولۇپ، ئاڭلىق ھالدا قائىدە ـ ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشتا پۈتۈن پارتىيەگە ئۈلگە بولۇش. ئالتىنچى، چوڭ پارتىيەگىلا خاس بولغان قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى سەگەكلىك ۋە قەتئىيلىكنى ساقلاشقا بولغان تونۇشنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىش.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: بۇ يىل پارتىيە ۋە دۆلەت تارىخىدىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر يىل. بىز پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنى غەلىبىلىك ئېچىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزدۇق. بوران ـ چاپقۇنلۇق خەلقئارا مۇھىت ۋە مۈشكۈل، ئېغىر بولغان دۆلەت ئىچىدىكى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى بىخەتەر قىلىش تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ماكرولۇق تەڭشەش ـ تىزگىنلەش سالمىقىنى زورايتىپ، مۆلچەردىكىدىن ئېشىپ كەتكەن ئامىللارنىڭ زەربىسىگە تاقابىل تۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىم بولۇشىنى ساقلىدى. پۈتۈن يىلدا ئىقتىسادنىڭ ئېشىش ھالىتى ساقلاندى، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، مال باھاسى مۇقىم بولدى، خەلقئارا كىرىم ـ چىقىم ئەھۋالى بىرقەدەر ياخشى بولدى. ئاشلىق ھوسۇلى ئۇدا سەككىز يىل 1 تىرىليون 300 مىليارد جىڭدىن يۇقىرى بولۇشنى ساقلىدى، ئاشلىق بىخەتەرلىكى، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ۋە خەلق تۇرمۇشى ئۈنۈملۈك كاپالەتكە ئىگە بولدى. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدۇق. بۇ نەتىجىلەر ئاسان قولغا كەلمىدى، ھەسسىلەپ قەدىرلىشىمىزگە ئەرزىيدۇ.

مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار بىردەك مۇنداق قارىدى: بىر يىلدىن بۇيانقى ئەمەلىيەت يەنە بىر قېتىم شۇنى ئىسپاتلىدىكى، «ئىككىنى تىكلەش» ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە. يېڭى مۇساپىدە، پۈتۈن پارتىيە جەزمەن «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ فاڭجېن ـ سىياسەتلىرى ۋە خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. كېلەر يىلى پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش باشلىنىدىغان يىل، جەزمەن شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، «ئۈچ جەزمەن»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، تىرىشىپ ياخشى باشلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ياخشى ئاساس سېلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى ھەرقايسى يولداشلارنىڭ سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈش سۆزىگە بىرمۇبىر باھا بېرىپ، تەلەپلەرنى بىر ـ بىرلەپ ئوتتۇرىغا قويدى ھەم خۇلاسىلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ناھايىتى ياخشى، ناھايىتى نەتىجىلىك ئېچىلدى، كۆپچىلىك قەلب ئىشىكىنى ئېچىپ، ئىدىيە ئالماشتۇردى، مەسىلىلەرنى تېپىپ چىقتى، يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇردى، بۇنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، خىزمەتلەرنى ياخشىلاش، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشىدا زور ياردىمى بار، مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقى، جەڭگىۋارلىقى، مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇشتا زور ياردىمى بار.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە20 ـ قۇرۇلتىيىدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈلۈپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات نىشان ـ ۋەزىپىلىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پۈتۈن پارتىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى باش سىياسىي ۋەزىپىسى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىش، ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەش، ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ياخشى باشلامچى، ئۈلگە بولۇپ، بۇرچنى ئادا قىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلارغا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداش بىر پىشقان ماركسىزملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەنىڭ پارتىيە قۇرۇشتىكى مۇھىم، زور پىرىنسىپى. بىزدەك بۇنداق چوڭ پارتىيە، بۇنداق چوڭ دۆلەتتە، ئەگەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇستەھكەم، كۈچلۈك بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكنى يولغا قويمىسا، ھەركىم ئۆزى بىلگىنىچە ئىشلەش، ئۆزى بىلگەن يولنى تۇتىدىغان ۋەزىيەت كېلىپ چىقىدۇ، ئۇنداق بولسا ھېچقانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداش ئابستراكت بولماستىن، بەلكى كونكرېت بولىدۇ، بۇنى ئالدى بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداشتا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتتە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق ئەھۋالدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىرتۇتاش قوماندانلىق قىلغان كوللېكتىپ ئورۇنداش داۋامىدا گارمونىيە شەكىللەندۈرۈش كېرەك، ئاھاڭدىن چەتنەپ كېتىشكە، ئاھاڭنى بۇزۇشقا ھەرگىز بولمايدۇ؛ ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق ئەھۋالدا پارتىيە بايرىقىنى بايراق، پارتىيە يۆنىلىشىنى يۆنىلىش، پارتىيە ئىرادىسىنى ئىرادە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تەشەببۇس قىلغان ئىشلارغا قەتئىي ئاۋاز قوشۇش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قارار قىلغان ئىشلارنى قەتئىي شۇ بويىچە قىلىش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەنئىي قىلغان ئىشلارنى قەتئىي قىلماسلىق، دائىم تەلەپكە، ئۆلچەمگە توغرىلىنىش، پەرقلەرنى ۋاقتىدا تۈزىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؛ ھەر قانداق ۋاقىت، ھەر قانداق ئەھۋالدا پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، پارتىيەنى چىن قەلبتىن سۆيۈپ، ھەر ۋاقىت پارتىيەنىڭ غېمىنى يەپ، پارتىيەنى قەتئىي قوغداپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن پارتىيەنى گۈللەندۈرۈش كېرەك. خىزمەتتىكى مۇھىم، زور تەدبىر، مۇھىم، زور ئىشلار، مۇھىم ئەھۋاللار توغرىسىدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىدىن ۋاقتىدا يوليورۇق سوراش، دوكلات قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىجادىي ئىش بولۇپ، بىزنىڭ ئىزدىنىپ يېڭىلىق يارىتىشىمىزغا موھتاج. بۇ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ساپاسى، ئىقتىدارىغا قارىتا يېڭى، تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، بىزنىڭ روھىي ھالىتىمىز، ئىستىلىمىز، ئوبرازىمىزغا قارىتا يېڭى، تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. سىياسىي بىيۇرودىكى يولداشلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەڭ مۇھىم مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارى دەل سىياسىي ئىقتىدار بولۇپ، ماركسىزملىق سىياسىيون ئۆلچىمى بويىچە ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى تەرەققىيات ئومۇمىي ئەھۋالى، ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە ھۆكۈم قىلىشقا ماھىر بولۇپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، دۆلەتنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى، پارتىيەنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە ماھىر بولۇپ، خەلققە بەخت يارىتىپ، خەلق قەلبىنى مايىل قىلىش كېرەك. پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى تەلىپى بويىچە، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارى، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارى، خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تۈگىتىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىدا تۈزۈپ چىقىلغان ئۇلۇغۋار پىلاننى گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشىغا موھتاج. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار پارتىيەگە ئۆزىنى بېغىشلاپ، كېچە ـ كۈندۈز ئومۇم ئۈچۈن ئىشلەپ، دائىم غېمىدە بولىدىغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، مەسئۇلىيەتنى پائال زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىدىغان كۆتۈرەڭگۈ، جۇشقۇن روھ ئارقىلىق پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن ۋەزىپىنى ياخشى ئادا قىلىشى، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشى كېرەك. ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشقا پايدىلىق بولغان ياخشى مۇھىتنى پائال يارىتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالغۇچىلارغا مەسئۇل بولۇشقا جۈرئەت قىلالايدىغان، مەسئۇل بولغۇچىلارغا مەسئۇل بولىدىغان، ئىش قىلىدىغانلارغا يار ـ يۆلەك بولىدىغان، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا ماھىر كادىرلارنى بايقاش، يېتىشتۈرۈش، ئىشلىتىشكە ماھىر بولۇپ، كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان تۈرلۈك ئامىللارنى كۈچەپ تۈگىتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى خالايدىغان، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئالىدىغان، مەسئۇلىيەتنى ماھىرلىق بىلەن زىممىگە ئالىدىغان ئومۇمىي كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك. جەزمەن كۈرەش قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، تۈرلۈك خەۋپ ـ خەتەر ۋە خىرىسلارغا پائال تاقابىل تۇرۇپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىشقا تايىنىپ ئىشلار تەرەققىياتىدا يېڭى مەنزىل ئېچىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار باشلامچىلىق بىلەن سىستېما قارىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى بىر تۇتاش ئىگىلەشكە ماھىر بولۇپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشقا، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىشقا ماھىر بولۇشى كېرەك. پۈتۈن مەملىكەت بىر تاختا شاھمات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئومۇمىي ۋەزىيەت ئاساسىدا ئاڭلىق ھەرىكەتكە كېلىپ، كىچىك داۋلى چوڭ داۋلىغا بويسۇنۇش، يەرلىك مەنپەئەت دۆلەتنىڭ ئومۇمىي مەنپەئىتىگە بويسۇنۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر، تارىخىي تەپەككۇر، دىيالېكتىك تەپەككۇر، سىستېما تەپەككۇرى، ئىجادىي تەپەككۇر، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى، تۆۋەن چەك تەپەككۇرى ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك ئىشلارنى ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن ئويلىشىش، پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك پىلانلاش، ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغا سىلجىتىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. چوڭ ھېسابات قىلىش، ئۇزاق مەزگىللىك ھېسابات قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كىچىك چوت سوقماي، بىلەرمەنلىك قىلماي، شەخسىيەتچىلىك، تارقاقچىلىق، لىبېرالىزم، تار مەھكىمىچىلىكنىڭ ئاڭلىق ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇپ، ھەم بىر رايونغا شەرەپ كەلتۈرۈش، ھەم پۈتۈن ۋەزىيەتكە ھۆسن قوشۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ ئىستىلى ئەزەلدىن پارتىيە ئىستىلى ۋە جەمئىيەت كەيپىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان مۇھىم يۆنىلىش بەلگىسى، خەلق ئاممىسى پارتىيە ئىستىلىنى كۆزىتىدىغان مۇھىم كۆزنەك. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىگە سېلىشتۇرۇپ، ئۆلچەمگە، تەلەپكە بىرمۇبىر قاتتىق توغرىلىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كەم ـ كوتسىز ياخشى تۇتۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق جاھىل كېسىلىنى نۇقتىلىق تۈزىتىپ، پارتىيەنىڭ ئېسىل ئىستىلىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇشى كېرەك. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىستىلىنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەسئۇل بولۇپ باشقۇرۇۋاتقان ساھەدىكى ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە كۆپرەك بېرىپ، قىيىنچىلىق كۆپ، ئاممىنىڭ پىكرى مەركەزلەشكەن، خىزمەتتە ۋەزىيەت يارىتالمىغان جايلارغا كۆپرەك بېرىپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى كۆزىتىپ، قۇشقاچ ئوپېراتسىيەسى قىلىپ، ئەھۋاللارنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، كۆڭۈلدە سان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. مۇھىت بەرپا قىلىپ، شارائىت يارىتىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىنى ھەق گەپ قىلىش، راست گەپ قىلىش، كۆڭلىدىكى گەپنى قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. بايقالغان مەسىلىلەرگە قارىتا، سەۋەبىنى تەھلىل قىلىپ، تۈگۈن ـ سەۋەبىنى توغرا تېپىپ چىقىپ، قاراتمىلىق ھالدا تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەمىز باشتىن ـ ئاخىر جۇڭگودىكى ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، ئەزەلدىن ھەرقانداق مەنپەئەت گۇرۇھى، ھەرقانداق ھوقۇق كوللېكتىپى، ھەرقانداق ئىمتىياز قاتلىمىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. رەھبىرىي كادىرلارنىڭ بېلى چىڭ بولۇشى، ئالدى بىلەن ئۆزى پاك بولۇشى كېرەك. پاك بولۇشنىڭ مۇھىم يېرى ئاڭلىق بولۇشتا، قىممەتلىك يېرى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇشتا، قىيىن يېرى ئۈزۈل ـ كېسىل بولۇشتا. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار باشلامچىلىق بىلەن پاك ـ تەلەپچان بولۇپ، باشلامچىلىق بىلەن پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆزى مەسئۇل بولۇپ باشقۇرۇۋاتقان ساھە ياكى ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقان جايلارنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، تۈرلۈك ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك ھادىسىلىرىگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ساپ يولداشلىق مۇناسىۋىتى، قائىدە ـ يوسۇنلۇق يۇقىرى ـ تۆۋەن مۇناسىۋىتى، يېقىن بولۇش بىلەن پاك بولۇش بىرلەشتۈرۈلگەن يېڭىچە ھۆكۈمەت ـ سودىگەرلەر مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيە ۋە جەمئىيەت كەيپىياتىنىڭ يېتەكلىگۈچىسى، بەرپا قىلغۇچىسى، قوغدىغۇچىسى بولۇشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئائىلىسىدىكىلەر، ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرىنى قاتتىق، ياخشى باشقۇرۇشى، يېنىدىكىلەر، يېنىدىكى ئىشلارنى قاتتىق، ياخشى باشقۇرۇشى، ئۇلارنىڭ ھوقۇق ۋە تەسىر كۈچتىن پايدىلىنىپ نامۇۋاپىق مەنپەئەتكە ئېرىشىشىگە قەتئىي يول قويماسلىقى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىدا، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا نۇرغۇن ياخشى پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى بەردى. يىغىندىن كېيىن چىڭ تۇتۇپ تەتقىق قىلىپ، تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىزمەتلەرنى ياخشىلاپ، جەزمەن ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.