جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش «1 - ئىيۇل ئوردېنى» تارقىتىش مۇراسىمى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى

日期:2021年07月01日
来源:天山网
【字体:

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش «1 - ئىيۇل ئوردېنى» تارقىتىش مۇراسىمى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى​

شى جىنپىڭ «1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچىلەرگە ئوردېن تارقاتتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى مەملىكەت بويىچە «ئىككى مۇنەۋۋەر، بىر ئىلغار»لارنى تەقدىرلەش ئوبيېكتلىرى بىلەن كۆرۈشتى

​لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن پائالىيەتكە قاتناشتى

6 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش «1 - ئىيۇل ئوردېنى» تارقىتىش مۇراسىمى بېيجىڭ خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ «1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچىلەرگە ئوردېن تارقاتتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لىن فوتوسى

6 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش «1 - ئىيۇل ئوردېنى» تارقىتىش مۇراسىمى بېيجىڭ خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. شى جىنپىڭ قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار «1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچىلەر بىلەن سۈرەتكە چۈشتى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

6 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش «1 - ئىيۇل ئوردېنى» تارقىتىش مۇراسىمى بېيجىڭ خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. شى جىنپىڭ قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار ئوردېن تارقىتىش مۇراسىمىدىن بۇرۇن مەملىكەت بويىچە «ئىككى مۇنەۋۋەر، بىر ئىلغار»لارنى تەقدىرلەش ئوبيېكتلىرى بىلەن كۆرۈشتى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شېن خۇڭ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تېلېگراممىسى تۆھپىكار نەمۇنىچىلار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۇلۇغ گۈللىنىش مۇساپىسىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش «1 - ئىيۇل ئوردېنى» تارقىتىش مۇراسىمى 6 - ئاينىڭ 29 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ «1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچىلەرگە ئوردېن تارقاتتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: 100 يىلدىن بۇيان، ئەۋلادمۇئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرى مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە خەلقنىڭ ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش، دۆلەتنىڭ بېيىپ قۇدرەت تېپىشى ۋە خەلقنىڭ بەختىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر بېسىپ، قان كېچىپ جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىپ، خالىس تۆھپە قوشۇپ، تاغنى تالقان قىلغۇدەك قەھرىمانلىق مەردانە ناخشىسىنى پۈتتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش پەيتىدە، بىز بۇ يەردە داغدۇغىلىق مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، پارتىيە ئىچىدىكى ئەڭ ئالىي شان - شەرەپنى پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىغا بەردۇق.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ ھەممىسى خەلق ئارىسىدىن كەلگەن، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتقان، مەۋقەنى ئۆز خىزمىتىگە قويۇپ، ئۈن - تىنسىز ئۆزىنى بېغىشلىغان ئاددىي قەھرىمانلار. ئۇلارنىڭ ئىش ئىزلىرىنى ئۆگەنگىلى، ئۆرنەك قىلغىلى بولىدۇ، ئۇلارنىڭ روھىغا ئىنتىلگىلى، يەتكىلى بولىدۇ. ئۇلار ھەرىكىتى ئارقىلىق شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پەقەت غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىپ، كۈرەش ئىرادىسىنى چىڭىتىپ، چىدامچانلىق ئىرادىسىنى چىڭىتىپ، ئادەتتىكى ۋاقىتتا كۆرگىلى بولىدىغان، ئاچقۇچلۇق پەيتتە ئوتتۇرىغا چىقالايدىغان، خەتەرلىك پەيتتە پىداكارلىق كۆرسىتەلەيدىغان بولغاندىلا، ھەربىر پارتىيە ئەزاسى مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىش داۋامىدا پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپ چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدۇ.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ چىشەن ئوردېن تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ خۇنىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى.

سائەت 8 دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە، «1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچىلەر كوللېكتىپ ھالدا مېھمان كۈتۈش ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرۇپ تۇرۇشلۇق ئورنىدىن يولغا چىقىپ، دۆلەت ئەزىز مېھمانلىرىنى قوغداش قاراۋۇللار ئەترىتىنىڭ مۇھاپىزىتىدە خەلق سارىيىغا قاراپ ماڭدى. خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى سىرتىدا، قىزىل بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ تۇرغان ھۆرمەت قاراۋۇللىرى يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە سەپ بولۇپ تۇراتتى، 18 ھۆرمەت قاراۋۇلى پەلەمپەيدە مىلتىق تۇتۇپ تىك تۇراتتى، ياشلار، ئۆسمۈرلەر قىزغىن ئالقىش ياڭرىتىپ ئېھتىرام بىلدۈردى. «1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچىلەر قىزىل پايانداز سېلىنغان پەلەمپەيدىن چىقىپ، خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسىدىن كىردى. پارتىيە ۋە دۆلەت تۆھپە، شەرەپنى تەقدىرلەش خىزمەت كومىتېتىدىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار قاتارلىقلار بۇ يەردە ئۇلارنى كوللېكتىپ كۈتۈۋالدى.

خەلق سارىيىنىڭ 3 - قەۋىتىدىكى ئالتۇن رەڭلىك زالدا، كەيپىيات قىزغىن، تەنتەنىلىك ئىدى. چوڭ قىزىل رەڭلىك ئارقا كۆرۈنۈش تاختىسىدا، «1 - ئىيۇل ئوردېنى»نىڭ نۇسخىسى كۆزنى قاماشتۇرۇپ تۇراتتى. ئارقا كۆرۈنۈش تاختىسىنىڭ ئالدىدا، ئوتقاشتەك قىپقىزىل 18 بايراق ئىككى تەرەپكە تىزىلغانىدى، ئازادلىق ئارمىيە ھۆرمەت قاراۋۇللىرى ئەترىتىنىڭ 18 نەپەر جەسۇرانە، قامەتلىك ھۆرمەت قاراۋۇلى ئوردېن بېرىش سۇپىسىنىڭ ئىككى تەرىپىدە مىلتىق تۇتۇپ تىك تۇراتتى.

سائەت 9 دىن 58 مىنۇت ئۆتكەندە، شادىيانە مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ «1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچىلەر بىلەن بىللە يىغىن مەيدانىغا كىردى، ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى.

دەل سائەت 10دا، ئازادلىق ئارمىيە ھەربىي ئوركېستىرىنىڭ كانايچىسى مۇراسىم بۇرغىسىنى چالدى، ئوردېن تارقىتىش مۇراسىمى باشلاندى. ئارقىدىن، «پىدائىيلار مارشى» ياڭرىدى، پۈتۈن مەيداندىكىلەر جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈك ئېيتتى.

ۋاڭ خۇنىڭ «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ <1 -ئىيۇل ئوردېنى> بېرىش توغرىسىدىكى قارارى»نى ئوقۇدى. قاراردا مۇنداق كۆرسىتىلدى: جۇڭگونىڭ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتىنىڭ ھەرقايسى تارىخىي مەزگىللىرىدە پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ھارماي - تالماي ئىزدىنىپ، ئۈن - تىنسىز ئۆزىنى بېغىشلىغان، تۆھپىسى گەۋدىلىك، ئەخلاق - پەزىلىتى ئالىيجاناب بولغان تۆھپىكار نەمۇنىچى پارتىيە ئەزالىرىنى داغدۇغىلىق تەقدىرلەپ، پۈتۈن پارتىيەنى ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچتا چىڭ تۇرۇش، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ما ماۋجيې قاتارلىق 29 نەپەر يولداشقا «1 - ئىيۇل ئوردېنى» بېرىشنى قارار قىلدى. ئىككى نەپەر بايراقچى پارتىيە بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، بىر نەپەر ھۆرمەت قاراۋۇلى «1 - ئىيۇل ئوردېنى»نى كۆتۈرۈپ، مەزمۇت قەدەم تاشلاپ، مۇراسىم نەق مەيدانىغا كىردى.

ھەيۋەتلىك «ساداقەتمەنلىك مەدھىيە ناخشىسى» ناملىق مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ «1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچىلەرگە ئوردېن تارقىتىپ بەردى ھەم ئۇلار بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ تەبرىكلىدى، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئۈزۈلمەي ياڭرىدى. پىيونېرلار ئوردېنغا ئېرىشكۈچىلەرگە چىرايلىق گۈللەرنى تەقدىم قىلىپ، سالام بېرىپ ئېھتىرام بىلدۈردى.

پۈتۈن مەيداندا ياڭرىغان قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى، ئۇ ئالدى بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن «1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچىلەرنى قىزغىن تەبرىكلىدى، ئۇلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۈگۈن تەقدىرلەنگەن «1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچىلەر دەل ھەرقايسى سەپلەردىكى پارتىيە ئەزالىرى ئىچىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىللەر. ئۇلارنىڭ جىسمىدا جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئېتىقادنى چىڭىتىش، ئاساسىي مەقسەتنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، جان تىكىپ ئېلىشىپ ئۆزىنى بېغىشلاش، پاك - دۇرۇس بولۇپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئومۇمنى كۆزلەشتەك ئالىيجاناب پەزىلىتى ۋە يۈكسەك روھى جانلىق نامايان بولدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئېتىقادنى چىڭىتىش دەل ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماسلىق، ئىرادىسىدىن تەۋرەنمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەس غايە - ئېتىقادى، پارتىيە ۋە خەلققە بولغان ساداقەتمەنلىكى بىلەن پارتىيە ۋە خەلققە بولغان ساداقىتىنى ۋە قىزغىن مۇھەببىتىنى قەلبىگە چىڭ پۈكۈپ، ھەرىكىتىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن بارلىقىنى، ھەتتا قىممەتلىك ھاياتىنى بېغىشلاپ، پارتىيەنىڭ غايە - ئېتىقادى ئۈچۈن قەيسەرانە كۈرەش قىلىش، بوشاشماي كۈرەش قىلىش دېگەنلىكتۇر. پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار ماركسىزمغا بولغان ئېتىقاد، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان ئەقىدىنى ئۆمۈرلۈك ئىنتىلىش قىلىپ، مەڭگۈ پارتىيەگە ئىشىنىپ، پارتىيەنى سۆيۈپ، پارتىيە ئىشلىرى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپ، ھەر كىم ئۆز خىزمەت ئورنىدا قەيسەرانە ئېلىشىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە يۈكسەك غايە ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئاساسىي مەقسەتنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش دەل خەلققە چوڭقۇر مۇھەببەت باغلاپ، خەلقنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، ئامما ئويلىغاننى ئويلاپ، ئامما ئالدىرىغانغا ئالدىراپ، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاپ، ئاممىغا چىڭ تايىنىپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە پۇقرالارغا بەخت يارىتىش دېگەنلىك بولۇپ، خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىشتەك ئەمەلىي ھەرىكەت كوممۇنىستلارنىڭ «مەن ئۆزۈمنى ئۇنتۇغان ھالدا ئىشلەپ، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايمەن» دېگەن ئالىيجاناب مۇھەببىتىنى شەرھلىدى. پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار خەلقنىڭ مەيدانىدا، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي بوشاشماي ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىپ، باشتىن - ئاخىر خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى ساقلىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جان تىكىپ ئېلىشىپ ئۆزىنى بېغىشلاش دەل پارتىيەگە ئۆزىنى بېغىشلاپ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشنى كىشىلىك ھايات نىشانى قىلىپ، جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەردىن قورقماي، قۇربان بېرىشكە جۈرئەت قىلىپ، جاپالىق ئىشلەش، ئەمەلىي ئىشلەش، تىز پۈكمەسلىك دېگەنلىك بولۇپ، كوممۇنىستلارنىڭ خالىس، قورقماس ئۆزىنى بېغىشلاش روھى ۋە قەتئىي تەۋرەنمەي كۈرەش قىلىش روھىنى تولۇق نامايان قىلىپ بەردى. پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار «خەۋپ - خەتەر قانچە كۈچەيگەنسېرى شۇنچە ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان» قەھرىمانلىق جاسارىتىنى ساقلاپ، «مىسلىسىز جۈرئەت بىلەن يېڭى دۇنيا يارىتىش»تەك كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسىنى ساقلاپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، تىرىشىپ پارتىيەگە يۈز كېلەلەيدىغان، خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان، دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان نەتىجىلەرنى يارىتىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پاك - دۇرۇس بولۇپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئومۇمنى كۆزلەش دەل كوممۇنىستلارنىڭ جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ ئاددىي - ساددا بولۇپ، ئومۇمنىڭ ئىشىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتەك شەرەپلىك ئەنئەنىنى ساقلاپ، ئەزەلدىن تۆھپىكار دەپ ئۆزىگە تەمەننا قويماي، شەخسىي پايدا - زىيان بىلەن ھېسابلاشماي، راھەت - پاراغەتكە بېرىلمەي، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش، قائىدىگە ئەھمىيەت بېرىش دېگەنلىك بولۇپ، كوممۇنىستلاردا بولۇشقا تېگىشلىك ئەخلاق - پەزىلەتنى جانلىق نامايان قىلىپ بەردى. پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار ئېسىل ئەخلاقنى تونۇپ، ئومۇمىي ئەخلاققا رىئايە قىلىپ، شەخسىي ئەخلاقنى چىڭىتىپ، پاك ئادەم بولۇشى، پاكىز ئىش قىلىشى، ئۆز نەپسىدىن كېچىپ ئومۇم ئۈچۈن ئىشلەش، ئىقتىسادچىللىق بىلەن ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پاك - دۇرۇس بولۇشتەك سىياسىي خىسلەتنى مەڭگۈ ساقلىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى دەۋر قەھرىمانلارغا ئېھتىياجلىق بولىدىغان ھەم چوقۇم قەھرىمانلارنى بارلىققا كەلتۈرىدىغان دەۋر. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى باشتىن - ئاخىر دەۋر ئاۋانگارتى، مىللەتنىڭ تۈۋرۈكى بولۇشى، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى جەزمەن قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان بولۇشى كېرەك. تەقدىرلەنگەن يولداشلارنىڭ شان - شەرەپنى قەدىرلەپ، نەتىجىلەرنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تېخىمۇ زور شان - شەرەپ قازىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا تۆھپىكار پارتىيە ئەزالىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنى ئاسراپ، «1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ تەسىرلىك ئىش ئىزلىرى ۋە ئالىيجاناب پەزىلىتىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئىلغارلارنى ئۇلۇغلايدىغان، ئەخلاقلىق، تالانتلىق كىشىلەردىن ئۆگىنىدىغان قويۇق كەيپىيات شەكىللەندۈرۈپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى پارتىيەنىڭ خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، مەڭگۈ كۈرەش قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىغا قاراپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرۈشى كېرەك.

مۇراسىمدا يۈننەن ئۆلكىسى لىجياڭ خۇاپىڭ قىزلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، مەكتەپ مۇدىرى جاڭ گۇيمېي «1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچىلەرگە ۋاكالىتەن سۆز قىلدى.

ئوردېن تارقىتىش مۇراسىمىدىن كېيىن، شى جىنپىڭ قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار «1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچىلەر بىلەن بىللە سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.

ئوردېن تارقىتىش مۇراسىمىدىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار مەملىكەت بويىچە «ئىككى مۇنەۋۋەر، بىر ئىلغار»لارنى تەقدىرلەش ئوبيېكتلىرى بىلەن كۆرۈشتى ھەم كۆپچىلىك بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.

بېيجىڭدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ بىر قىسىم مۇئاۋىن باشلىقلىرى، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ بىر قىسىم مۇئاۋىن رەئىسلىرى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى ئوردېن تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

مەركەزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى ۋە بېيجىڭ شەھىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، «1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچىلەر ھەم ئۇلارنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ۋەكىللىرى، ئۇلار تۇرۇشلۇق ئورۇنلارنىڭ ۋەكىللىرى، ئىلگىرى تۆھپە كۆرسىتىپ، شەرەپ كەلتۈرۈپ تەقدىرلەنگەنلەر ۋەكىللىرى، «پارتىيە قوينىدىكى شەرەپلىك 50 يىل» خاتىرە مېدالىغا ئېرىشكۈچىلەر ۋەكىللىرى ۋە پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى، پېشقەدەم كادىرلار ۋەكىللىرى، ھەر ساھەدىكى كادىرلار، ئامما ۋەكىللىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا مۇراسىمغا قاتناشتى. مەملىكەت بويىچە «ئىككى مۇنەۋۋەر، بىر ئىلغار»لارنى تەقدىرلەش ئوبيېكتلىرى ئوردېن تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ياكى خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا مۇراسىمنىڭ بىۋاسىتە تارقىتىلىشىنى كۆردى.

مەملىكەت بويىچە «ئىككى مۇنەۋۋەر، بىر ئىلغار»لارنى تەقدىرلەش يىغىنى 6 - ئاينىڭ 28 - كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلۈپ، تەقدىرلەنگەن شەخسلەر ۋە كوللېكتىپلارنىڭ ۋەكىللىرىگە مۇكاپات تارقىتىلدى. ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ «ئىككى مۇنەۋۋەر، بىر ئىلغار»لارنى باھالاش، تەقدىرلەش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش ۋە ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم يوليورۇقلارنى بېرىپ، بىزگە تىرىشىش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئىلغار تىپلارنى ئۈلگە قىلىپ، پارتىيەۋىلىكىنى تاۋلاپ كۈچەيتىپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، سادىقلىق بىلەن ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىپ، ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولى ۋە جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

جاۋ لېجى يىغىنغا قاتناشتى. چېن شى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى، مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىلىرى ۋە مەملىكەت بويىچە ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى تەقدىرلەش توغرىسىدىكى قارارى»نى ئوقۇدى. تەقدىرلەنگەنلەر ۋەكىلى سۆز قىلدى.