شىنجاڭ ياخشى جاي | قار-مۇزلۇقنىڭ ئۆزىمۇ بىر بايلىق

日期:2021年01月20日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا تورى خەۋىرى: ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمال چېگراسىدا بۇرۇندىن «جۇڭگودىكى بىرىنچى كەنت» دەپ نام ئالغان «ۋاڭخۇڭ» قەدىمىي كەنت — قۇمقاناس كەنتى بار.

شىنجاڭ قاناس كۆلى بويىغا جايلاشقان قۇمقاناس كەنتى تۇۋالار بىرقەدەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جاي بولۇپ، موڭغۇلىيە، رۇسىيە چېگرىسىغا يېقىن، ئېلىمىز غەربىي شىمالىنىڭ ئەڭ شىمالىدىكى كەنت ھېسابلىنىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قەدىمىي كەنتنىڭ تېگى-تەكتىنى قوغداش، قۇمقاناس كەنتىنىڭ ساياھەتچىلىكىنى ساغلام تەرەققى قىلدۇرۇش، قەدىمىي كەنتنىڭ ئەسلىي قىياپىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، قۇمقاناس كەنتى «قوغداشنى ئاساس قىلىش، مۇۋاپىق پىلانلاش، تەرتىپلىك باشقۇرۇش» پىرىنسىپ قىلىنغان مۇھىت تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى. بىر قېتىملىق تۈزەش ۋە پىلانلاش ئارقىلىق، قۇمقاناس كەنتىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇدى، قەدىمىي، ئاددىي كەنت، گۈزەل مۇھىت، مول تەسىرات نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان-ۋەزىپىسىنى مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملاپلا قالماي، شۇنىڭ بىلەن بىللە كەنت ئاھالىلىرىمۇ كەنتنى قوغداش، كەنتنى سۆيۈش ئادىتىنى يېتىلدۈردى.

(ۋاڭ خاۋ)