قاراماي ئىنتېرنېت مەخسۇس يولى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

日期:2021年01月12日
来源:天山网
【字体:

بۇلۇت ھېسابلاش كەسپى ئۇچۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىغا ماڭدى

قاراماي ئىنتېرنېت مەخسۇس يولى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گې يوۋجۈن، قاراماي مۇخبىرلار پونكىتىدىن تيەن خۇايىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، قاراماي شەھىرى بۇلۇت ھېسابلاش كەسىپلەر باغچە رايونى ئىنتېرنېت سانلىق مەلۇمات مەخسۇس يولى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. «بۇ، غەربىي شىمال بويىچە تۇنجى تەستىقلانغان ھەم قۇرۇلغان ئىنتېرنېت مەخسۇس يولى، بۇ يولنىڭ پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكى باغچە رايونىدا ئىنتېرنېت تورىغا بىۋاسىتە ئۇلىنىدىغان ئۇچۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى بەرپا قىلغانغا باراۋەر بولۇپ، قاراماي بۇلۇت ھېسابلاش كەسىپلەر باغچە رايونىنى <بىر بەلباغ، بىر يول> ئۇچۇر مەركىزى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ بۇلۇت ھېسابلاش كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا زور دەرىجىدە تۈرتكە بولىدۇ» دېدى قاراماي شەھىرى بۇلۇت ھېسابلاش كەسىپلەر باغچە رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى يۈن.

«ئىنتېرنېت تورى سانلىق مەلۇمات مەخسۇس يولى سىرتقا يۈزلىنىش تىپىدىكى كەسىپلەر باغچە رايونىغا يۈزلىنىپ قۇرۇلغان، دۆلىتىمىزنىڭ ئالاقە تورى خەلقئارا ئۇلىنىش تۈگۈنىگە بىۋاسىتە ئۇلىنىدىغان مەخسۇس ئۇلىنىش يولى بولۇپ، ئىنكاس ۋاقتى تېز، بەلباغ كەڭلىكى چوڭ، ئىشەنچلىكلىكى يۇقىرى بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇپ، ئەنئەنىۋى كەڭ بەلباغ مەخسۇس لىنىيەسىدىكى ئىنتېرنېت تورىنى زىيارەت قىلغاندا كېلىپ چىقىدىغان تورنىڭ ئېچىلىشى كېچىكىش ۋە توسۇلۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلغىلى بولىدۇ. 2020 - يىلى 10 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە پەقەت قىسمەن چوڭ شەھەرلەر ۋە ئوتتۇرا، شەرقىي قىسىمدىكى قىسمەن ئۆلكە مەركىزى شەھەرلىرىدە مەخسۇس يول ئېچىلغانىدى.» جۇڭگو ئۇچۇر - ئالاقە تەتقىقات يۇرتىنىڭ مۇتەخەسسىسى تيەن خۇي مۇنداق بىلدۈردى: مەخسۇس يولنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى شىنجاڭنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ئۇچۇر كەسپى ساھەسىدىكى ئورنىنى ئۆستۈردى.

قاراماي شەھىرى بۇلۇت ھېسابلاش كەسىپلەر باغچە رايونى 2012 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، نۆۋەتتە غەربىي شىمال رايونىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ بۇلۇت ھېسابلاش بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىلدى، 9000 ئاپپارات ئىشكاپى بار، سانلىق مەلۇمات ساقلاش مىقدارى 4820PBغا يېتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئوتتۇرا، شەرقىي قىسمى ھەم «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەت ۋە رايونلارنى بۇلۇت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان. دۆلەت دەرىجىلىك بۇلۇت ھېسابلاشنى قوللىنىشتىن ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى ۋە شىنجاڭ «تىيانشان بۇلۇت»نىڭ يادرولۇق بازىسى بولغاچقا، يەر شارىدىكى 90 نەچچە داڭلىق بۇلۇت ھېسابلاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش كارخانىسى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كارخانىسى بۇ باغچە رايونىغا ماكانلاشتى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى، قاراماي شەھىرى بۇلۇت ھېسابلاش كەسىپلەر باغچە رايونى ئىچىدىكى كارخانىلارنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرى كۈيتۈن - ئۈرۈمچى - شىئەن قاتارلىق جايلاردا قاتلاممۇقاتلام ئوتتۇرا ھالقىدا ئۇلاپ يەتكۈزۈلۈپ، ئاندىن ئالاقە تورى خەلقئارا ئۇلىنىش تۈگۈنى ئارقىلىق ئالاقە تورىغا ئۇلىناتتى، زىيارەت قىلغاندا ساقلاش ۋاقتى ئۇزاق بولۇش، سانلىق مەلۇماتلار ئاسان يوقاپ كېتىش قاتارلىق نۇقسانلار مەۋجۇت ئىدى. جۇڭگو ئۇچۇر - ئالاقە تەتقىقات يۇرتىنىڭ كۆزىتىپ ئۆلچەش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، مەخسۇس يول بىلەن قاپلانغان باغچە رايونلىرىدا، ئالاقە تورىنى زىيارەت قىلغاندىكى ساقلاش ۋاقتى نىسبىتى، سانلىق مەلۇمات يوقاپ كېتىش نىسبىتى ئايرىم - ئايرىم ھالدا تەخمىنەن %30 ۋە %80 تۆۋەنلىگەن.

2017 - يىلى، قاراماي شەھىرى ئاپتونوم رايونلۇق خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە، مەخسۇس يول تۈرى قۇرۇلۇشىغا ئىلتىماس قىلىشنى باشلىغان. 2018 - يىلى 4 - ئايدا، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى قاراماي شەھىرى بۇلۇت ھېسابلاش كەسىپلەر باغچە رايونىدا غەربىي شىمالدىكى تۇنجى ئىنتېرنېت تورى مەخسۇس يولى قۇرۇشنى تەستىقلىغان. 2020 - يىلى 12 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، مەخسۇس يول سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشىدىن ئۆتكەن.