چاغانلىق توشۇش زور سىنىقىدا مۇلازىمەت تەپسىلاتىغا ئەھمىيەت بېرىلدى

日期:2019年02月15日
来源:天山网
【字体:

جاڭ بېي

تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، چاغانلىق توشۇش مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى ۋوگزالىدىكى يولۇچىلار ئېقىمىنى تارقاقلاشتۇرۇپ، يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرى BRT5-لىنىيەسىنى ئەسلىدىكى سائەت 7 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە يولغا چىقىشنى ئالدىغا سۈرۈپ، سائەت 6 دە يولغا چىقىشقا ئۆزگەرتكەن ھەم ماس ھالدا نۆۋەت قېتىمىنى كۆپەيتكەن؛ ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتى يالغۇز سەپەرگە چىققان كىچىك يولۇچىلار ئۈچۈن يېشىل يول ئاچقان، خىزمەتچى خادىملار «ھەمراھسىز بالىلار»نى پۈتۈن مۇساپىلىك يېتەكچىلىك قىلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگەن، ئاتا- ئانىلار يەنە خىزمەتچى خادىملار ئەۋەتكەن سۈرەتلەر ئارقىلىق بالىلارنىڭ ئايروپىلاندا ئولتۇرۇش پۈتۈن جەريانىنى بىلىپ تۇرغان. جىددىي، ئالدىراش چاغانلىق توشۇش جەريانىدا، تېخىمۇ كۆپ تەپسىلىي، ئىنچىكە مۇلازىمەت ئۆيگە قايتىش يولىنى ئىللىق ئادىمىيەت غەمخورلۇقىغا تولدۇرغان. شۇنداقلا بىز ھەرىكەتچان جۇڭگونىڭ چوڭ قەدەمدە ئىلگىرىلەش بىلەن بىللە، تەپسىلاتلارنى ياخشىلاشقا بارغانسېرى ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يەتتۇق.

چاغانلىق توشۇشتا، قىسقىغىنا نەچچە ئون كۈندە نەچچە يۈز مىليون ئادەم قېتىم سەپەرگە چىقىدۇ، بۇنى بىر تۈرلۈك مۈشكۈل قۇرۇلۇش، دېيىشكە بولىدۇ. ھالبۇكى، بۇ زور قۇرۇلۇشنىڭ ئاغرىش نۇقتىسى، قىيىن نۇقتىسى دائىم بىر قىسىم تەپسىلاتلاردا بولىدۇ. بولۇپمۇ خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، يولۇچىلار سەپەرگە چىقىشتا مەنزىلگە بىخەتەر يېتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپلا قالماستىن، يەنە تېز، ئازادە، قولاي بولۇشنى تەلەپ قىلىدىغان بولدى. يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىققاندا يولۇققان مەسىلىلىرىنى قانداق ھەل قىلىش، تۈرلۈك «قىيىن»لار ئېلىپ كەلگەن ئەنسىرەش تۇيغۇسىنى قانداق تۈگىتىش، كىشىلەرنى خۇشال- خۇرام ئۆيىگە قايتىپ، چاغاننى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش− باشقىلارنىڭ ھالىغا يېتىدىغان، ئەستايىدىل بولغان خىزمەت تەپەككۇرى ۋە خىزمەت ئىستىلىغا ئېھتىياجلىق.

يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، چاغانلىق توشۇشتا ھامان يېڭى ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ. چاغانلىق توشۇشتىن ئىبارەت بۇ كۆزنەك مىليونلىغان يولۇچىغا ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مۇلازىمەت ئېڭىنىڭ ئۆسكەنلىكى، خىزمەت ئىستىلىنىڭ ياخشىلانغانلىقىنى ھەرىكەتچان نامايان قىلماقتا. چاغانلىق توشۇشتىن ئىبارەت بۇ زور سىناقتا بىر قىسىم تەپسىلاتلارغا تېخىمۇ كۆڭۈل قويۇش، كۈچ سەرپ قىلىش روھى بولغاندىلا، پۇقرالارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى تېخىمۇ كۈچىيىپ، ھەرىكەتچان جۇڭگو تېخىمۇ ئىناق بولىدۇ.