چېن چۈەنگو سۆز قىلدى
ئىسمائىل تىلىۋالدى، شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، لى پېڭشىن قاتناشتى نۇرلان ئەبىلمەجىن رىياسەتچىلىك قىلدى
2020 - يىلى 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ مەرھابا مېھمانخانىسى يىغىن مەركىزىدە يېڭى يىللىق چاي سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، 2021 - يىللىق يېڭى يىلنى بىرلىكتە كۈتۈۋالدى. (ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى)
ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 2020 - يىلى 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ مەرھابا مېھمانخانىسى يىغىن مەركىزىدە يېڭى يىللىق چاي سۆھبىتى ئۆتكۈزدى. چېن چۈەنگو، ئىسمائىل تىلىۋالدى، شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، لى پېڭشىن، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، لى يىفېي، سارقىت ئاقان، جاڭ چۇنلىن، ۋاڭ مىڭشەن ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلارنىڭ شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تەرەپلەردىكى مەسئۇل يولداشلار ھەمدە ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلار ۋەكىللىرى بىلەن خۇشال - خۇرام بىر يەرگە جەم بولۇپ، 2021 - يىللىق يېڭى يىلنى بىرلىكتە كۈتۈۋالدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن چاي سۆھبىتىگە رىياسەتچىلىك قىلدى.
قىزغىن ئالقىش ساداسى ئىچىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - جېڭۋېي چېن چۈەنگو تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن سۆز قىلدى. ئۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلار، ھەرقايسى خەلق تەشكىلاتلىرىغا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ ئىشچىلار، دېھقانلار، زىيالىيلار، كادىرلار ۋە ھەر ساھەدىكى زاتلارغا، دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم يولداشلارغا، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ كوماندىر - جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى كادىر - ساقچىلىرى، ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش قوشۇنىدىكى كوماندىر - جەڭچىلەر، ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىكى كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كەڭ كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ھەمدە مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئورۇنلىرىدىكى يولداشلارغا، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلگەن، ياردەم بەرگەن ۋە قوللىغان بارلىق دوستلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى ۋە يېڭى يىللىق بەخت تىلىدى!
چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: 2020 - يىلى يېڭى جۇڭگو تارىخىدىكى ئىنتايىن ئالاھىدە بىر يىل، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ۋە «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملانغان يىل. باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، كىرىزىس ئىچىدە پۇرسەت يېتىلدۈرۈپ، ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، قاتتىق جەڭلەردە بىر - بىرلەپ غەلىبە قىلىپ، ئارقا - ئارقىدىن غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىنتايىن پەۋقۇلئاددە يىلدا ئىنتايىن پەۋقۇلئاددە شانلىق نەتىجىلەرنى ياراتتى. بىر يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، ئىقتىسادنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، مۇقىملىقنى قوغداش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، تۈرلۈك ئىشلاردا يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. بۇ نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يول باشلاپ، رولچى بولغانلىقىدىن بولغان، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولغان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدىن بولغان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ شەخسىيەتسىز ياردەم بەرگەنلىكىدىن بولغان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۇەن، خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىدىن بولغان، شۇنداقلا بۇنىڭغا ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى ۋە ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلار، ھەرقايسى خەلق تەشكىلاتلىرى ھەمدە كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ يۈرەك قېنى ۋە ئەقىل - پاراسىتى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ، ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى زاتلارنىڭ چوڭ جەڭ، چوڭ سىناققا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، جاپا - مۇشەققەت ۋە خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلىشى، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىشى ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن.
چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئۆتكەن بىر يىلدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇش بىلەن ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈش، ئەقىل - تەدبىر كۆرسىتىش ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشتىن ئىبارەت قوش يۆنىلىشلىك كۈچەشتە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتى، ئىسلاھاتىدىكى تۈرلۈك ئىشلارنى ئالغا سىلجىتىشقا مۇھىم تۆھپە قوشتى. يېڭى بىر يىلدا، بىز سوتسىيالىستىك سىياسىي قۇرۇلۇشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىش ۋە سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش تۈزۈمىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇشىمىز ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىز، خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۈردە خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش، شىنجاڭنى ئەمىن تاپقۇزۇشتىكى ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىغا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك. ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەشلەر خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ سىياسىي تەشكىلات ۋە دېموكراتىيە شەكلى بولۇشتىكى ئۈنۈم ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك.
چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 2021 - يىلى دۆلىتىمىز ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىشقا قەدەم ئالىدىغان يىل، «14 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلى، پارتىيەمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى. بىز «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 -، 4 -، 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قىيىن كۈنلەردە بىللە بولۇپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى تىرىشىپ ياخشى پۈتۈشىمىز كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى باۋ ئەنمىڭ، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد داشۆسىنىڭ مۇدىرى جۈرئەت تۇردى چاي سۆھبىتىدە سۆز قىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى، ھاۋا ئارمىيەسى ئۈرۈمچى بازىسىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايونىمىزدىن دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان ئۈرۈمچىدىكى مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى پېشقەدەم يولداشلار چاي سۆھبىتىگە قاتناشتى. پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى قىسمەن ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزالىرى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ھەرقايسى سەپلەردىكى ئىلغار نەمۇنىچىلار ۋەكىللىرى قاتارلىقلار چاي سۆھبىتىگە قاتناشتى.
چاي سۆھبىتىدە ھەر مىللەت ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى ئېسىل نومۇرلارنى ئورۇنلىدى.