导航切换

بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قەتئىي قوغداش كېرەك

日期:2020年12月31日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى كوللېكتىپ ئۆگەندى

بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قەتئىي قوغداش كېرەك

چېن چۈەنگو رىياسەتچىلىك قىلدى

شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، لى پېڭشىن قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىشىنى ئۆتكۈزۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگەندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلدى.

شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، لى يىفېي، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۇنلىن، ۋاڭ مىڭشەن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندا چېن چۈەنگو، ۋاڭ مىڭشەن، جاۋ چىڭ ئۆگىنىش تەسىراتىنى ئالماشتۇردى.

چېن چۈەنگو سۆزىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆز قىلىپ، بىر قاتار مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، بىزنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىز ئۈچۈن ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، بىخەتەر تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي ياخشى قوغداش كېرەك.

بىرىنچىدىن، باشتىن - ئاخىر ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى باش ئورۇنغا قويۇش كېرەك. خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، بىخەتەرلىك بىرىنچى دېگەن ئىدىيەنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، بىخەتەر تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، بىخەتەرلىكنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە تەرەققىي قىلىدىغان ئىشنى قەتئىي قىلماي، قەتئىي ھالدا ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئىككىنچىدىن، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش يوشۇرۇن خەۋپىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇش كېرەك. خەتىرى يۇقىرى كەسىپ، ساھە ۋە كىشىلەر زىچ توپلاشقان سورۇنلارنى چىڭ كۆزلەپ، تۈرلۈك سۇ ئامبارلىرى، گېئولوگىيەلىك ئاپەت يوشۇرۇن خەۋپ نۇقتىلىرى، يول - كۆۋرۈك، قۇرۇلۇش نەق مەيدانى قاتارلىق ئاچقۇچلۇق ئورۇنلارنى چىڭ تۇتۇپ، تور يېيىش شەكلىدە رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، مەسىلە - كەمتۈكلۈك ۋە ئاجىز ھالقىلارنى ۋاقتىدا بايقاپ، ھەقىقىي تۈردە خەۋپ - خەتەر، يوشۇرۇن خەۋپنى بىخ ھالىتىدە تۈگىتىپ، پەۋقۇلئاددە زور بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىلىرىنىڭ يۈزبېرىشىنى قەتئىي توسۇش كېرەك.

ئۈچىنچىدىن، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قائىدە - تۈزۈملىرىگە قاتتىق رىئايە قىلىش كېرەك. بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە مەشغۇلات قائىدىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلۈك تۈزۈم - بەلگىلىمىلەرنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قاتتىق ئۆلچەم ۋە تۈزۈم ئىجراسى ئارقىلىق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، مەشغۇلات قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىش، ئادەمنىڭ بىپەرۋالىق قىلىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىلىرىنىڭ يۈزبېرىشىنى قەتئىي توسۇش كېرەك.

تۆتىنچىدىن، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى مەنبەدىن تۈزەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. ئۆتكەلنى ئالدىغا سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى مەنبەدىن باشقۇرۇش - تىزگىنلەش ۋە بىخەتەرلىك ئىجازىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، پىلانلاش - لايىھەلەشنى بىخەتەرلىك بويىچە باھالاشنى كۈچەيتىپ، خەتىرى يۇقىرى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى شەھەر، يېزىلارنى پىلانلاش - قۇرۇش ۋە كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش - تىجارىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىدە تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى مەھكەم ئىگىلەش كېرەك.

بەشىنچىدىن، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ئىقتىدارى، سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەخسۇس بولۇش بىلەن دائىملىق بولۇش بىرلەشكەن، ئىنكاسى تېز، ئىستىلدا قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان، قابىلىيىتى يۇقىرى، كۈچلۈك بولغان جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش قوشۇنى بەرپا قىلىپ، تۈرلۈك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىلىرى بويىچە قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئەمەلىي جەڭ مانېۋىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تارماقلار ئارا بىرلەشمە جەڭ قىلىش، قوماندانلىقنى ماسلاشتۇرۇش، ھادىسىلەرنى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىر تەرەپ قىلىش ۋە قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش كاپالىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

ئالتىنچىدىن، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىش، پۇختىلاش كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇش، بىر ئىش ئورنى، قوش مەسئۇلىيەت، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش»تە چىڭ تۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى، ھۆكۈمەتلەرنىڭ «بىرىنچى قول رەھبەر»لىرى «بىرىنچى جاۋابكار»لىق مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىشى كېرەك، مەسئۇل رەھبەرلەر مەخسۇس مەسئۇل بولۇپ مەخسۇس تۇتۇشى كېرەك، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئورۇنلار ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، توغرا يۆنىلىشتە چېتىگىچە، تىك يۆنىلىشتە تېگىگىچە بولغان مەسئۇلىيەت سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىك جايىدا بولۇش، تەشكىللەش جايىدا بولۇش، كۈچ جايىدا بولۇش، تەدبىر جايىدا بولۇش، كاپالەت جايىدا بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

يەتتىنچىدىن، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تەشۋىقات - تەربىيەسىنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك تەشۋىقات - تەربىيە تارماقلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تۈرلۈك تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدىن كەڭ پايدىلىنىپ، تەشۋىقات - تەربىيە شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، بىخەتەرلىك تەشۋىقاتىنى كارخانىلارغا كىرگۈزۈش، يېزىلارغا كىرگۈزۈش، مەھەللىلەرگە كىرگۈزۈش، مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش، ئائىلىلەرگە كىرگۈزۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، بىخەتەرلىك بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ياخشى كەيپىياتى يارىتىش كېرەك.