导航切换

ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 108- قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى

日期:2020年12月31日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 12 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 108 - قېتىملىق دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا 5G تور قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىسپات ئىشلىرى ۋە كارخانىلارغا چېتىلىدىغان تىجارەت ئىجازىتى ئىشلىرى بويىچە خەۋەرلەندۈرۈش - ۋەدە بېرىش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش قاتارلىق خىزمەتلەر تەتقىق قىلىندى، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 14 - بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان پىروگراممىسى (مۇزاكىرە نۇسخىسى)» ۋە «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات (مۇزاكىرە نۇسخىسى)» تەتقىق قىلىندى، مۇھاكىمە قىلىندى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى 5G ۋەكىللىكىدىكى يېڭىچە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، 5G تورى قاتارلىق يېڭىچە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش سۈرئىتىنى تېزلىتىشنى تەكىتلىدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك مەمۇرىي نىزام چىقىرىش ئارقىلىق ئاپتونوم رايوننىڭ ھازىرقى 5G تور قۇرۇلۇشىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، 5G تور قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنى قوللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قېلىپلاشتۇرۇپ، 5G كۆلىمىنى كېڭەيتىش، سودىغا ئىشلىتىش قەدىمىنى تېزلىتىش، كەسىپ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «ئىسپاتلارنى ئازايتىپ، خەلققە قولايلىق يارىتىش» ھەرىكىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇش، «ئىجازەتنامە بىلەن كىنىشكىنى ئايرىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، ھوقۇق بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشتىكى نۇقتىلىق خىزمەت. خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، « قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، كارخانىلار ۋە ئاممىغا بىۋاسىتە يۈزلەنگەن، ئىلتىماس بويىچە بېجىرىلىدىغان مەمۇرىي ئىشلارغا قارىتا، ئىسپات ئىشلىرى ۋە كارخانىلارغا چېتىلىدىغان تىجارەت ئىجازىتى ئىشلىرى بويىچە خەۋەرلەندۈرۈش - ۋەدە بېرىش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ھۆكۈمەت مۇلازىمىتى ۋە باشقۇرۇش ئىدىيەسى، شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، كارخانىلار ۋە ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىش، ئىگىلىك تىكلىشىگە قولايلىق يارىتىپ، ھۆكۈمەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «14 - بەش يىل» مەزگىلى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەيدىغان، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان، ئەبەدىي ئەمىنلىككە ئاتلىنىدىغان ھالقىلىق بەش يىل. بىز پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى تۈزۈش ۋە ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بېرىش خىزمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ھەقىقىي تۈردە ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك. مۇتەخەسسىسلەر، كارخانىچىلار، ھەر ساھە ئاساسىي قاتلام ۋەكىللىرى قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، تولۇق قوبۇل قىلىپ، يىرىك پىلان پىروگراممىسى ۋە ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى تۈزىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇنى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە تېخىمۇ ئۇيغۇنلاشتۇرۇشىمىز، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئويلىغانلىرى، ئارزۇسىغا تېخىمۇ ئۇيغۇنلاشتۇرۇشىمىز كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.