导航切换

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى مەركەزلىك كۆزدىن كەچۈرۈشنى قانات يايدۇردى

日期:2020年12月31日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 12 - ئاينىڭ 28 - كۈنىدىن 30 - كۈنىگىچە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى قىسمەن 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئازادلىق ئارمىيەنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى ئۈرۈمچى شەھىرى، قومۇل شەھىرىگە بېرىپ مەركەزلىك كۆزدىن كەچۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىدى.

كۆزدىن كەچۈرۈش جەريانىدا، ۋەكىللەر ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى 1 - تىرانسپورت شىركىتى ئائىلىلىكلەر قورۇسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت مەركىزى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك نانچىلىق مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسىنىڭ 2 - قارارلىق قۇرۇلۇشى، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونى، جولاڭ شىنجاڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنىسازلىق چەكلىك شىركىتى، قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى يۇڭ توقۇمىچىلىق زاۋۇتى ئولتۇراق رايونى ۋە شەھەر ئىچى يېزىسىنىڭ ئالتۇن كەنتى، قومۇل مەدەنىيەت ئىجادىيەت باغچىسى، شىنجاڭ شياڭشېڭ يېڭى ماتېرىيال پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، قومۇل شەھەرلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابى، قومۇل شەھەرلىك جيەنيىڭ كاڭچېڭ مۈلۈك باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتى، دۆلەت ھاسىلىي ئېنېرگىيە ئۇچۇرلىرىنى باشقۇرۇش مەركىزى قومۇل شۆبە مەركىزى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش، «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى ئاساسلىق نىشان - ۋەزىپىلەرنىڭ ئورۇندىلىش ئەھۋالى، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى مۇھىم نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرى قاتارلىقلارنى ئىگىلەپ، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىغا قاتنىشىش، تۈرلۈك تەكلىپ ۋە دوكلاتلارنى قاراپ چىقىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەكلىپ ۋە تەۋسىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن ياخشى ئاساس سالدى.

شۇ جايدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش جەريانىدا، ۋەكىللەر مۇنداق قارىدى: ئۈرۈمچى شەھىرى، قومۇل شەھىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 -، 4 -، 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى.

ۋەكىللەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەركەزلىك كۆزدىن كەچۈرۈش ئارقىلىق زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئىشەنچىمىز ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىمىز يەنىمۇ ئاشتى. كۆپچىلىك بۇرچىمىزنى ئادا قىلىپ، خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويماي، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، 2021 - يىلى ئېچىلىدىغان 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنى مەزگىلىدە ۋەكىللىك ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىمىزنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، قىممىتى بار قاراپ چىقىش پىكرى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەكلىپ - تەۋسىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز.