ئاپتونوم رايون پېشقەدەم كادىرلارنى ئۈرۈمچىدە ئېكسكۇرسىيە - ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى

日期:2020年12月31日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 12 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، ئاپتونوم رايون 25 پېشقەدەم كادىرنى ئۈرۈمچىدە ئېكسكۇرسىيە - ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى.

پېشقەدەم كادىرلار ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەھەر يىرىك پىلانى كۆرگەزمە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، ئۈرۈمچى شەھىرى قۇرۇقلۇق پورت رايونى قۇرۇلۇشى ۋە شەھەر يىرىك پىلانى قۇرۇلۇشى خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى.

ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق رەئىسى ئەسقەت كەرىمباي مۇنداق بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايون يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى پائال تېزلىتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىدا پائال نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەھەر يىرىك پىلانى كۆرگەزمە سارىيىغا كىرگەندە، «يىپەك يولى مەركىزىي رايونىدىكى ئاۋات مەركىزىي شەھەر» قۇم مودېل كۆرگەزمىسىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ گۈللىنىش، تەرەققىيات مەنزىرىسى نامايان بولىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى نىجات سۇلتان مۇنداق دېدى: «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا پۇختا مەركەزلەشتۈرۈپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈردى، شىنجاڭنىڭ چوڭ ۋەزىيىتى سىجىل مۇقىم، مىللەتلەر ئىتتىپاق، جەمئىيەت ئىناق بولۇپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئاساسى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى.

پېشقەدەم كادىرلار بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئامما ئارىسىدا پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ياخشى تەشۋىق قىلىپ، شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش ئۈچۈن پېشقەدەم كادىرلارنىڭ پېشقەدەملىك رولىنى جارى قىلدۇرىمىز.