导航切换

تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمىتى مۇسابىقىسى شىنجاڭ رايونى تاللاش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

日期:2020年12月31日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرلار ما بېي، جاڭ ۋەندې فوتوسى،خەۋىرى): «قايسى كىشىلەر توپى ئىشقا ئورۇنلىشىش ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ؟ ئەمگەك توختامى قايسى تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ؟ رايون ھالقىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنىڭ ھەق تاپشۇرۇش يىل چېكى قانداق ھېسابلىنىدۇ؟» «توغرا جاۋاب بەردىڭىز! 10 نومۇر قوشۇپ بېرىلىدۇ!» 1-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمىتى مۇسابىقىسىنىڭ شىنجاڭ رايونى تاللاش مۇسابىقىسى 12-ئاينىڭ 28-كۈنىئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. كەسكىن مۇسابىقىلىشىش ئارقىلىق، ئاخىرىدا غەلىبە قىلغان ماھىرلار شىنجاڭغاۋاكالىتەن مەملىكەتلىك ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمىتى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ.

كۆپ قېتىم كەسكىن مۇسابىقىلىشىش ئارقىلىق، ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىياترايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمىتى كەسپلەر رايونى ۋەكىللەر كوماندىسى مۇنەۋۋەر ئۆمەك مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە «مۇلازىمەتنى كۈچەيتىش، سالاپىتىنى نامايان قىلىش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش» باش تېما قىلىنىپ، ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمىتىنىڭ ھەرقايسى كەسىپ ھالىتى ۋە ئادەم كۈچى بايلىقىنى باشقۇرۇشنىڭ ھەرقايسى كەسىپ بۆلەكلىرى نۇقتىلىق چۆرىدىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمىتى ئاپپاراتلىرىدىكى كەسىپكارلار ۋە كارخانىلاردىكى ئادەم كۈچى بايلىقى باشقۇرغۇچىلىرىغا يۈزلەنگەن بولۇپ، كەسپىي زېھىن سىناش مۇسابىقىسى ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئادەم كۈچ بايلىقى مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ كەسىپلەشتۈرۈش سەۋىيەسى ۋە ئومۇمىي مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش مەقسەت قىلىنغان، كەسىپ قوشۇنىنى «كەسپىي خادىم»دىن «كەسپىي ئىختىساسلىق»قا، «ئادەتتىكى ئىختىساسلىق»تىن «يۇقىرى دەرىجىلىك ئىختىساسلىق»قا ئۆزگەرتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

ئالدىنقى باسقۇچلۇق قاتلاممۇقاتلام تاللاش ئارقىلىق، شۇ كۈنى جەمئىي تۆت كوماندىدىكى 16 ماھىر ئەڭ ئاخىرقى مۇسابىقىگە قاتناشتى. مۇسابىقىگە قاتناشقان ئاپپاراتلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئاپتونوم رايونلۇق ئاممىۋىئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزىگە ۋاكالىتەن 1-كوماندا ۋە 2-كوماندا، ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمىتى كەسىپلەر رايونى ۋەكىللەر كوماندىسى ۋە ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمىتى كەسىپلەر رايونى ۋەكىللەر كوماندىسىدىن ئىبارەت. مۇسابىقە ھالقىلىرى شەخسلەر جاۋاب بېرىش، كوللېكتىپ چوقۇم جاۋاب بېرىش، كوللېكتىپ تالىشىپ جاۋاب بېرىش، خەۋپ-خەتەردە چوقۇمجاۋاب بېرىش قاتارلىق شەكىللەردە ئېلىپ بېرىلىپ، مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلارنىڭ كەسپىي بىلىم سەۋىيەسى ۋە نەق مەيداندا ماسلىشىش ئىقتىدارى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈلدى.

كۆپ قېتىم كەسكىن رىقابەتلىشىش ئارقىلىق، ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمىتى كەسپى رايونى ۋەكىللەر كوماندىسى مۇنەۋۋەر ئىتتىپاق كوماندىسى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىدىن بىرى، 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىدىن ئىككىسى، 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىدىن ئۈچى، مۇنەۋۋەر شەخس مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىدىن بىر نەچچىسى باھالاپ چىقىلدى. يۇقىرىقى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كوماندىلار ئىچىدىن ئۈچ ماھىر ۋە ئۈچ زاپاس ماھىر ئاپتونوم رايونىمىزغا ۋاكالىتەن مەملىكەتلىك ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمىتى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمىتى كەسپىنىڭ تەرەققىياتى تېز سۈرئەتلىك يولغا كىردى.ھازىرغا قەدەر، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۈرلۈك ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمىتى ئاپپاراتلىرى 823كە، كەسىپكارلىرى 10 مىڭدىن ئاشتى، 2020-يىلىغا بارغاندا جەمئىي 585 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ياكى يۆتكىلىشىگە ياردەم بېرىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى مەركىزىنىڭ مۇدىرى جاڭ رۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە شىنجاڭدىكى ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمىتى كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ سالاپىتى ۋە ئادەم كۈچ بايلىقى مۇلازىمىتى كەسپىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرى تولۇق نامايان قىلىندى. ئاپتونوم رايون بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمەت كەسپىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمىتى ۋە ئىختىساسلىقلار توپلاشقان يېڭى ئېگىزلىكنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئادەم كۈچ بايلىقى مۇلازىمىتىنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرىدۇ».

ئىگىلىنىشىچە، مەملىكەتلىك ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمىتى كەسپى تەرەققىيات يىغىنى كېلەر يىلى 4-ئايدا چۇڭچىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن.