2021-يىللىق چاغانلىق يولۇچى توشۇشنىڭ پويىز بېلىتى بۈگۈندىن باشلاپ سېتىلىدۇ شىنجاڭ تۆمۈريولى كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ سەپەرگە چىقىشقا كاپالەتلىك قىلدى

日期:2020年12月31日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر ساۋ خۇا، ئىختىيارىي مۇخبىر شۈ تاۋ خەۋەر قىلىدۇ) 12-ئاينىڭ 29-كۈنى، مۇخبىرنىڭ جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2021-يىللىق تۆمۈريول چاغانلىق يولۇچى توشۇش 1-ئاينىڭ 28-كۈنى باشلىنىپ، 3-ئاينىڭ 8-كۈنى ئاخىرلىشىدىكەن، جەمئىي 40 كۈن ئىكەن. پويىز بېلىتىنى مۇددەتتىن 30 كۈن بۇرۇن سېتىش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى تۆمۈر يول تارماقلىرى 2021-يىللىق چاغانلىق يولۇچى توشۇشنىڭ پويىز بېلىتىنى سېتىشقا باشلىغان.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، شىنجاڭ تۆمۈر يول تارماقلىرى قىش، ئەتىياز پەسىللىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە چاغانلىق يولۇچى توشۇشنى تەشكىللەش خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، بېلەت سېتىۋېلىش مۇلازىمەت تەدبىرلىرىدە داۋاملىق يېڭىلىق يارىتىپ، يولۇچىلارنىڭ بېلەت سېتىۋېلىشىغا قولايلىق ياراتقان. قىش، ئەتىياز پەسىللىك دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، بېلەت سېتىشنى مەنبەدىن باشلاپ تۇتۇپ، پويىزنىڭ نورمىدىن ئارتۇق ئادەم سېلىش نىسبىتىنى قاتتىق كونترول قىلىپ، قىزىتىپ قالغان يولۇچىلارنى ئايرىش ئورنى قالدۇرۇپ، قىزىتىپ قالغان يولۇچىلارنى ۋاقتىدا تاپشۇرۇپ، يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدىكەن.

چاغانلىق يولۇچى توشۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن،شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى مەملىكەت بويىچە تۆمۈريولنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن، بەش تۈرلۈك مۇلازىمەت تەدبىرىنى ماس قەدەمدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولۇچىلارنىڭ بېلەت سېتىۋېلىش، پويىزغا ئولتۇرۇش قاتارلىق سەپەرگە چىقىش مۇلازىمەت ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلغان. بەش تۈرلۈك تەدبىر ئايرىم-ئايرىم ھالدا:

تۆمۈريول 12306 تور بېكىتىدە بېلەت سېتىش مۇلازىمەت ۋاقتى ئۇزارتىلدى، ھەر كۈنى سائەت 6:00 دىن سائەت 23:30 كىچە سېتىش ھەر كۈنى سائەت 5:00تىن سائەت 23:30 غىچە سېتىشقا ئۇزارتىلدى.

12306 تور بېكىتى ۋە تور سىرتىدا كۆزنەكتە ئۆزگەرتىش پىرىنسىپى ماسلاشتۇرۇلدى، توردىمۇ بېلەتنى پويىزغا چىقىدىغان شۇ كۈنى سائەت 24تىن بۇرۇن باشقا پويىزنىڭ بېلىتىگە ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ. توردا بېلەت قايتۇرۇش كەسپىنى بېجىرىش ۋاقتى پۈتۈن كۈن 24 سائەتكىچە بېجىرىشكە ئەلالاشتۇرۇلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە بېلەت قايتۇرۇشنى توختىتىش ۋاقتى پويىز قوزغىلىشتىن 25 مىنۇت بۇرۇندىن پويىزغا چىقىدىغان بېكەتتىن پويىز قوزغىلىشتىن بۇرۇنغا تەڭشەلدى.

نەق پۇلغا سېتىۋالغان بېلەت ۋە ئاتچوت قىلىش ئىسپاتى ئالغان يولۇچىلارغا قارىتا، ئالدى بىلەن 12306 تور بېكىتىدە بېلەت قايتۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ، 180 كۈن ئىچىدە پۈتۈن مەملىكەتتىكى تۆمۈر يولنىڭ خالىغان بىر ۋوگزالىغا بېرىپ قايتۇرۇلىدىغان پۇلىنى ئېلىۋالسا بولىدۇ.

ۋوگزالدىكى ئاپتوماتىك بېلەت سېتىش ئۈسكۈنىسىدە بېلەت قايتۇرۇش ئىقتىدارى يېڭىدىن كۆپەيتىلىپ، ئېلكترونلۇق چىقىم قىلىش ئۇسۇلىدا ھەق تۆلىگەن ھەمدە ئاتچوت قىلىش ئىسپاتى ئالماشتۇرۇلمىغان ھەم ئاتچوت قىلىش ئىسپاتى چىقارمىغان يولۇچىلارنىڭ بېلەت قايتۇرۇش ئېھتىياجى قاندۇرۇلىدۇ.

كۆزنەكتە ئادەم بېلەت سېتىش، ئاپتوماتىك بېلەت سېتىۋېلىشقا ئادەملىك مۇلازىمەت بىلەن يېتەكچىلىك قىلىشنى قانات يايدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بارلىق كۆزنەكلەرنىڭ ھەممىسىدە نەق پۇلدا بېلەت سېتىۋېلىشنى قوللاپ، ياشانغانلارنىڭ بېلەت سېتىۋېلىش مۇلازىمىتىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. 12306 سىستېمىسى 60 ياشتىن ئاشقان يولۇچىلارنى ئاپتوماتىك پەرق ئېتىدۇ ھەمدە ئاستىنقى كارىۋاتقا ئالدىن ئورۇنلاشتۇرىدۇ.