导航切换

شىنجاڭ سۈت مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى سۈپەت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا ئىمزا قويۇپ ۋەدە بەردى

日期:2020年12月31日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر يۈ جياڭيەن خەۋىرى، فوتوسى): مەنبەدىن باشلاپ چىڭ تۇتۇپ، سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، شىنجاڭ سۈت مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقرىش كارخانىلىرى سۈپەت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا ئىمزا قويۇپ ۋەدە بەردى.

12-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئاپتونوم رايوندىكى سۈت مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە ۋەدە بېرىش تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا شىنجاڭ سۈتچىلىك جەمئىيىتى پۈتۈن شىنجاڭدىكى سۈت مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىغا «سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئورتاق ھەرىكەتلىنەيلى» دېگەن تەشەببۇسنى چىقاردى.

نۆۋەتتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا سۈت مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسىدىن جەمئىي 60ى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە كۆلەمدىن يۇقىرى كارخانىدىن 15ى بار (يىللىق ئاساسلىق تىجارەت كىرىمى 20 مىليون يۈەندىن يۇقىرى). سۈت مەھسۇلاتلىرى كارخانىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھە، ئۈسكۈنىلىرى، باشقۇرۇش تېخنىكىسى، كەسىپلەرنىڭ مەركەزلىشىش دەرىجىسى، كارخانىنىڭ كۆلەملىشىشى، مەھسۇلاتنىڭ كۆپ خىللىشىشى، ماركىنىڭ ئىشەنچلىكلىك دەرىجىسى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلۈپ، شىنجاڭ سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىك سەۋىيەسى مۇقىم ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەن.