تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز يۈ مېڭفەن خەۋەر قىلىدۇ) بۈگۈن 2020-يىلىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى، شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تېمپېراتۇرا بىر ئاز تۆۋەن بولىدۇ. شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ھاۋا بۇلۇتلۇق ياكى تۇتۇق بولىدۇ، چۆچەك شەھىرى، قاراماي شەھىرىدە ئۇششاق قار ياغىدۇ؛ شەرقىي شىنجاڭدا ھاۋا ئوچۇق ياكى تۇتۇق بولىدۇ؛ جەنۇبىي شىنجاڭدا ھاۋا ئوچۇق بولىدۇ، ئاقسۇ شەھىرىدە ئۇششاق قار ياغىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھاۋا بۇلۇتلۇق بولىدۇ بەزىدە ئېچىلىدۇ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃-10، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃-19،ئۈچ بالشامالچىقىدۇ.
يەتتە-سەككىز بال غەربىي شىمال شامىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان يول بۆلەكلىرى: G3015 لىنىيەسىنىڭ دۆربىلجىندىن تېچاڭگۇغىچە بولغان بۆلىكى، S201 لىنىيەسىنىڭ مايتاس بوران ئېغىزى رايونى، S221 لىنىيەسىنىڭ تولى بوران ئېغىزى، S319 ۋە S229 لىنىيەسىنىڭ ئالتاي ناۋخەي بوران ئېغىزى رايونى يول بۆلىكى، G3014 لىنىيەسىنىڭ قارامايدىن ئورقۇغىچە بولغان بۆلىكى، G217 لىنىيەسىنىڭ قارامايدىن ئوقۇغىچە بولغان بۆلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.