مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى شىنجاڭغا 3000 دانە بىلىم سومكىسى سوۋغا قىلدى

日期:2020年12月30日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لياڭ لىخۇا خەۋىرى): 12- ئاينىڭ 28- كۈنى، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى شىنجاڭغا ئومۇمىي قىممىتى 1 مىليون 35 مىڭ يۈەنلىك 3000 دانە «ھەممە ئائىلە بەختلىك، خاتىرجەم بولۇش قۇرۇلۇشى» بىلىم سومكىسى سوۋغا قىلدى.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، «ھەممە ئائىلە بەختلىك، خاتىرجەم بولۇش قۇرۇلۇشى» بىلىم سومكىسى مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ تۆت يىل داۋاملاشقان بىر تۈرلۈك تۈرى بولۇپ، كىتابنى ۋاسىتە قىلىپ، كەڭ ئائىلىلەرنى ئومۇميۈزلۈك بىلىم مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى مەقسەت قىلغان. سومكىنىڭ ئىچىدە 10 خىل مەنىۋى مەدەنىيەت مەھسۇلاتى بار بولۇپ، ئائىلە ساپاسىنىڭ ئۆسۈشى ۋە ئائىلە خىزمىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشىنى بىلىم تىرىكى ۋە مول خام ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىس ۋاڭ لىشيا مۇنداق دېدى: «ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ئاياللار بىرلەشمىلىرى بىلىم سومكىسىنىڭ ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۇنى ئائىلە خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئۈنۈملۈك تۇتقا قىلىپ، مەنىۋى مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ نەتىجىلىرىنى تېخىمۇ كۆپ ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈپ، ياخشى ئائىلە ئىستىلى ئارقىلىق ياخشى جەمئىيەت كەيپىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ ئائىلىدە يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولىدۇ».