سوغۇق! بۈگۈن (12-ئاينىڭ 30-كۈنى) شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تۇمانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21- بولىدۇ

日期:2020年12月30日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر يۈ مېڭفەن خەۋەر قىلىدۇ) بۈگۈن (12-ئاينىڭ 30-كۈنى) ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ غەربى قىسمى قاتارلىق جايلاردا بەش بال ئەتراپىدا قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدۇ، ئالتاي ۋىلايىتى ناۋخەي بوران ئېغىزى رايونى قاتارلىق بوران ئېغىزى رايونلىرىدا سەككىز بال ئەتراپىدا بوران چىقىدۇ. ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شەرقى قىسمى، تارباغاتاي ۋىلايىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، شىخەنزە شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا تۇمانلىق ياكى قارلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ.

ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بەزىدە تۇمانلىق بولىدۇ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃15-، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21-، ئۈچ بال شامال چىقىدۇ.

بۈگۈن تۇمانلىق ياكى قارلىق ھاۋارايىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان يول بۆلەكلىرىدىن: G30، G312 لىنىيەسىنىڭ جىڭدىن ئۈرۈمچىگىچە بولغان بۆلىكى، G216 لىنىيەسىنىڭ فۇكاڭدىن ئۈرۈمچىگىچە بولغان بۆلىكى، G7 لىنىيەسىنىڭ ئۈرۈمچىدىن فۇكاڭغىچە بولغان بۆلىكى، G217 لىنىيەسىنىڭ كۈيتۈندىن مايتاغقىچە بولغان بۆلىكى، G218 لىنىيەسىنىڭ خېجىڭدىن كورلىغىچە بولغان بۆلىكى بار.