تىيانشان تورى خەۋىرى: 9-ئاينىڭ 5-كۈنى سەھەردە، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدىكى ئۇلۇنگۇر كۆلىدە قۇياش شەرقتىن كۆتۈرۈلۈپ، ئاسماننى سۇس تۇمان قاپلىدى، ئاق قۇلار توپ-توپ بولۇپ كۆل يۈزىدە قوغلىشىپ، پەرۋاز قىلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدىكى ئۇلۇنگۇر كۆلى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن قۇشلار بۇ يەرگە كېلىپ قىشلاشقا باشلىدى. (ئارداق بەسقان فوتوسى)