«ۋېينەنگوۋ توخۇسى» يەرلىك تۇخۇمى نەشپۈت شەھىرىدە بازار تاپتى

日期:2020年12月10日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر لى لىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر نى خەيشيا): يېقىندا، مۇخبىر لوپنۇر ناھىيەسى تارىم يېزىسى نەنخەيزى كەنتىدىكى ياۋلۇڭ ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقى دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كەلدى، توخۇ كاتىكىنى مېكىياننىڭ قوقوقلىغان ئاۋازى بىر ئالغانىدى، خىزمەتچىلەر توخۇ كاتىكىدىكى يەرلىك تۇخۇملارنى يىغىش بىلەن ئالدىراش ئىدى.

«بۇ چۈجىلەر قارا ئالقات ۋە ئالقات يوپۇرمىقىنى يەپ چوڭ بولغان، تۇخۇمىنىڭ ئېقى قويۇق، سېرىقى قېنىق بولۇپ، بازىرى ناھايىتى ئىتتىك. قاراڭ، بۇ يەرلىك تۇخۇمنى كورلىدىكى چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى 13 تاللا بازىرى زاكاز قىلىپ بولدى» دېدى لوپنۇر ناھىيەسى تارىم يېزىسى نەنخەيزى كەنتىنىڭ 1-شۇجىسى لى جېنخەي پەخىرلەنگەن ھالدا.

لوپنۇر ناھىيەسى تارىم يېزىسى نەنخەيزى كەنتىدە تېرىلغۇ يەر ئاز، كەنتنىڭ كوللېكتىپ ئىگىلىكى ئاجىز. كەنتنىڭ كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى زورايتىپ، باقمىچىلىق ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، 2019-يىلى، نەنخەيزى كەنتى كەنت پارتىيە ياچېيكىسى يېتەكچىلىك قىلىپ ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇش ئەندىزىسىنى يولغا قويۇپ، باشلامچىلىق بىلەن ياۋلۇڭ ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقى دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، باقمىچىلىق ئاساسى بار 12 كەنت ئاھالىسىنىڭ پېيىنى قوبۇل قىلدى، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن بەش نامرات ئائىلە باقمىچىلىققا قاتنىشىپ، پايدا تەقسىماتى ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.

لى جېنخەي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئۈزگىچە چۈشۈپ قالغان كىچىك، ئۇششاق قارا ئالقاتنى توخۇغا بەرگەنلىكتىن، يەرلىك توخۇنىڭ گۆشى چىڭ، تۇخۇمىنىڭ تەمى مەززىلىك بولۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى، ھەمكارلىق كوپىراتىپى يەنە «ۋېينەنگوۋ توخۇسى» يەرلىك تۇخۇم ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇردى.

بۇ يىل 8-ئايدا، ھەمكارلىق كوپىراتىپى كىرگۈزگەن 3000 چۈجە تۇخۇم تۇغۇشقا باشلىدى، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئايدا 8000 كىلوگىرام تۇخۇم تۇغۇپ، 90 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا پايدا ياراتتى. «ۋېينەنگوۋ توخۇسى» يەرلىك تۇخۇمى تېخىمۇ كۆپ ئىستېمالچىلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى، ھەمكارلىق كوپىراتىپى لوپنۇر ناھىيەسىدىكى ھەرقايسى چوڭ تاللا بازارلىرى ۋە مەھەللىلەر بىلەن نۇقتا بويىچە سېتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە كورلىدىكى چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى 13 تاللا بازىرى بىلەن ئۇزاق مۇددەتلىك مال بىلەن تەمىنلەش توختامى ئىمزالىدى. ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ تەرەققىياتى نەنخەيزى كەنتىنىڭ كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى زورايتىپلا قالماي، كەنت ئاھالىلىرىنى ئىشىك ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى.

لوپنۇر ناھىيەسى تارىم يېزىسى نەنخەيزى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى شېن خۇڭخەي مۇنداق دېدى: «2019-يىلى باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئەزا بولدۇم، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئۈنۈمى بىرقەدەر مۇقىم بولدى، ماڭا ئايدا 2000 يۈەندىن ئارتۇق پايدا تەقسىملىنىۋاتىدۇ، مەن بۇنىڭدىن ئىنتايىن رازى».