ئاق قۇ سالار كەنتىگە ئاشىق بولدى

日期:2020年12月09日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر ليۇ چۈنشىڭ فوتوسى، خەۋىرى): 12-ئاينىڭ 6-كۈنى، ساياھەتچىلەر ۋە كەنت ئاھالىلىرى غۇلجا ناھىيەسى سامىيۈزى بازىرى سالار كەنتىدىكى بىر سۇلۇق يەرنىڭ قىرغىقىدا ئاق قۇدىن ھۇزۇرلانماقتا ۋە ئاق قۇغا يەم بەرمەكتە.

سالار كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى، ئاق قۇنى پەرۋىش قىلغۇچى ما شۇنگونىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 2015-يىلى، بۇ يەرگە سۆگەل بۇرۇن ئاق قۇدىن ئىككىسى كەلگەن، يەم بېرىش ئارقىلىق، بۇ ئىككى ئاق قۇنى ئېلىپ قالغان. كېيىن يىلمۇيىل كۆپىيىپ، بۇلتۇر سانى 70 كە يەتكەن، بۇ يىل تېخىمۇ كۆپ كېلىپ، ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر كۈندە 150كە يېقىنلىشىپ، بۇ ناھىيەنىڭ يېڭىتام بازىرى شاخىللىقتام كەنتىدىن كېيىنكى سۆگەل بۇرۇن ئاق قۇ قىشلايدىغان ئىككىنچى ماكانغا ئايلانغان.