مەمەتنىڭ كۆكتات تېرىش خاتىرىسى

日期:2020年12月09日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر گۇڭ شىجيې، ئىختىيارىي مۇخبىر ياۋ ياۋ): قىش كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى توقسۇ ناھىيەسى ئۇچقات يېزىسىنىڭ سەيپۇڭتېرەك كەنتىدىكى دېھقان مەمەت توختى ئۆزى تېرىغان كۆكتاتلارنى ناھىيە بازىرىغا ئاپىرىپ سېتىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

«مەمەت قىشتا پۇل تېپىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، ئۇنىڭ مۇنداق يۈرۈشىنى تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم» دېدى 72 ياشلىق قوشنىسى جۈرئەت مەخمۇت.

«سەيپۇڭتېرەك كەنتىدىكى مەمەتنىڭ تېرىغان كۆكتاتلىرى ياخشى! ئەگەر تېتىپ باقاي دېسىڭىز، ۋېيشىننى قوشۇپ ئالاقىلىشىڭ.» مەمەت توختى قېشىنى ئېتىپ تۇرۇپ، جۈرئەت مەخمۇتقا چاقچاق قىلىپ كۆپچىلىكنى كۈلدۈرۈۋەتتى.

بىر يىل ئىلگىرى، مەمەت توختى تېخى بۇنداق ئەمەس ئىدى. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ ياردىمىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلغان بولسىمۇ، مەمەت توختىنىڭ تېرىقچىلىق تېخنىكىسى كەمچىل، كىرىمى كۆپ بولمىغاچقا، كۆپچىلىك بۇنىڭدىن ئەنسىرەپلا تۇراتتى.

بۇ يىلنىڭ بېشىدا، خىزمەت ئەترىتى مەمەت توختىغا كۆكتات تېرىش تۈرىنى ئىلتىماس قىلىپ بەردى، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ بېشى قاتتى: «كۆكتات تېرىش تېخنىكا تەلەپ قىلىدۇ، مېنىڭ قولۇم گال، تېخنىكا بىلمەيمەن، قىلالماسلىقىم مۇمكىن» دېدى مەمەت توختى.

كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۆكتات تېرىشتىكى تېخنىكا مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، خىزمەت ئەترىتى كەنتتىكى كۆكتات تېرىش ماھىرلىرىنى كۆكتات تېرىش ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلدى، كەنت ئاھالىلىرى بەس-بەستە تىزىملاتتى، كەنتتە 93 مو كۆكتاتلىق كۆپەيدى.

كۆكتات تېرىش ماھىرىغا ئەگىشىپ مەمەت توختى ئەستايىدىل ئۆگەندى، يەر تۈزلەش، چۆنەك تارتىش، ئۇرۇق سېلىش، بىخلاندۇرۇش، ئوغۇتلاش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ۋاقتىدا، پۇختا ئىگىلەپ، ئۇستامنى خاتىرجەم قىلدى. «ئىلگىرى نامراتلارنى يۆلەش قەرز پۇلىغا تايىنىپ باقمىچىلىق قىلىپ پۇل تاپاتتىم، بىرلا يول تۇتقاچقا، ھېچقانچە پۇل تاپالمايتتىم. ھازىر باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغاندىن باشقا، يەنە كۆكتات تېرىشنى ئۆگەندىم، كۆپ خىل يول بىلەن كىرىمىمئاشتى» دېدى مەمەت توختى.

بۇ يىل 4-ئاينىڭ ئاخىرى، مەمەت توختىنىڭ ئائىلىسى ئۆزى تېرىغان شياۋبەسەينى يىدى ھەم يەپ بولالمىغانلارنى سېتىپ 1200 يۈەن كىرىم قىلدى.

كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۆكتات سېتىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، خىزمەت ئەترىتى توقسۇ ناھىيە بازىرىدىكى ئاشخانا، مەھەللە، تاللا بازىرى، دۇكان بىلەن پائال ئالاقىلىشىپ، نۇقتا بەلگىلەپ كۆكتات بىلەن تەمىنلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق، ناھىيە بازىرىدىكى ئۈچ ئاشخانا ۋە توققۇز دۇكان بىلەن كۆكتات بىلەن تەمىنلەش كېلىشىمى ئىمزالىدى.

مەمەت توختى ۋېيشىن ئارقىلىق ئالاقىلىشىپ، ھەر كۈنى سودىگەرلەرگە كۆكتات ئاپىرىپ بەردى. «ئىشىكتىن چىقمايمۇ زاكاز قۇبۇل قىلىپ، ھەر كۈنى پۇل تاپالايمەن، ھېلىمۇ ياخشى خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە يېڭى تېخنىكا ئۆگىنىۋالدىم، كۈنلىرىم بارغانسېرى ياخشىلاندى» دېدى مەمەت توختى.