يەرلىك ئالما شەربىتى مەخسۇس پويىز ئارقىلىق دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىقتى

日期:2020年12月06日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لۇ فېڭباۋنىڭ جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 12 - ئاينىڭ 2 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىن كەلگەن 1804 توننا ئالما شەربىتى 83882 - قېتىملىق جەنۇبىي شىنجاڭ يىغىپ توپلاش - يىغىپ توشۇش يۈك نۆۋەتچى پويىزىغا «قاچىلىنىپ» ئۈرۈمچى غەربىي ۋوگزالىغا يېتىپ كەلگەن بولۇپ، قورغاس تۆمۈريول پورتى ئارقىلىق چېگرادىن چىقىپ موسكۋاغا توشۇلىدىكەن، بۇ، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرىنىڭ بۇ يىل تۇنجى قېتىم قاتنىغان ئالما شەربىتىنى توشۇغان جەنۇبىي شىنجاڭ يىغىپ توپلاش - يىغىپ توشۇش مەخسۇس پويىزى ھېسابلىنىدىكەن.

«ئىلگىرىكى يىللاردا ئالما شەربىتى ئادەتتە جەنۇبىي شىنجاڭ يىغىپ توپلاش - يىغىپ توشۇش يۈك نۆۋەتچى پويىزىغا قاچىلىنىپ، پارچە - پۇرات ئېكسپورت قىلىناتتى، بۇ يىل ئىككىلەمچى بازارلارنىڭ ئېھتىياجى ئېشىپ، ئېكسپورت باھاسى ئۆرلىدى، بىز خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، پۈتۈن پويىزدا توشۇش پىلانىنى تۈزۈپ، يېتەرلىك مىقداردىكى كونتېينېر، پويىزلارنى ۋاقتىدا تەڭشەپ ئاجرىتىپ، كونتېينېر مەخسۇس قىسقا يوللۇق ئاپتوموبىلىدىن 20 نەچچىنى كۆپەيتىپ ئەۋەتىپ، ئېكسپورت تىرانسپورتى ئېھتىياجىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قاندۇردۇق» دېدى جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى قەشقەر يۈك توشۇش مەركىزى تىجارەت - سودا بۆلۈمىنىڭ تىجارەت - سودا دىرېكتورى خۇاڭ لىنلىن.

بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى جەنۇبىي شىنجاڭ يىغىپ توپلاش - يىغىپ توشۇش يۈك توشۇش نۆۋەتچى پويىزىنىڭ قاتناش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كونتېينېرلارنى تەڭشەپ ئاجرىتىش، پويىزغا قۇرۇق ۋاگون سەپلەش، ئادەم كۈچى ۋە ماشىنا - سايمان قاتارلىق توشۇش كۈچى، توشۇش ئىقتىدارى جەھەتلەردە كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، كۆلەم ئۈنۈم ئېففېكتىنى جارى قىلدۇرۇپ، نۆۋەتچى پويىزنىڭ قاتناش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ياڭاق، ئۆرۈك مۇرابباسى، مېۋە شەربىتى قاتارلىق جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ خاس مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىش ئۈچۈن تېز سۈرئەتلىك يول بەرپا قىلدى. يىل ئاخىرىغا يېقىنلاشقاندا، تۆمۈريول يۈك توشۇش تارماقلىرى خېرىدارلار بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، بىرلەمچى - ئىككىلەمچى ئېھتىياجنى ئىگىلەپ، ئىشلەپچىقىرىش - سېتىش ئەھۋالى بويىچە، خېرىدارلارغا ئەڭ ياخشى توشۇش لايىھەسى تۈزۈپ بەردى.

«بۇلتۇر جەنۇبىي شىنجاڭ يىغىپ توپلاش - يىغىپ توشۇش نۆۋەتچى پويىزى قاتنىغاندىن بۇيان، مەھسۇلاتلىرىمىزنىڭ ھەممىسى تۆمۈريول ئارقىلىق توشۇلدى، بۇ يىل تارقاق ھالەتتىكى «باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ توشۇش» پۈتۈن پويىزدا توشۇشقا ئۆزگەرتىلىپ، توشۇش ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلدى، شۇنداقلا مەبلەغنىڭ قايتىپ كېلىشى تېزلىتىلدى» دېدى ئاقسۇ خېڭتۇڭ مېۋە شەربىتى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى لى جۈدۇڭ.

11 - ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، جەنۇبىي شىنجاڭ يىغىپ توپلاش - يىغىپ توشۇش يۈك توشۇش نۆۋەتچى پويىزىدا جەمئىي 17 مىڭ 400 توننا يۈك توشۇلۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا، ياۋروپادىكى سەككىز دۆلەتنىڭ 17 شەھىرىگە يەتكۈزۈلدى.