ئاپتونوم رايوننىڭ ۋىلايەت، نازارەت دەرىجىلىك كادىرلارنى پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى بويىچە مەركەزلىك نۆۋەتلەشتۈرۈپ تەربىيەلەش كۇرسى تاماملاندى

日期:2020年12月06日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 12 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ ۋىلايەت، نازارەت دەرىجىلىك كادىرلارنى پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى بويىچە مەركەزلىك نۆۋەتلەشتۈرۈپ تەربىيەلەش كۇرسى تاماملاندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى لى يىفېي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئون كۈنلۈك مەركەزلىك نۆۋەتلەشتۈرۈپ تەربىيەلەشتە، مەركەزلەشتۈرۈش بىلەن ۋاقىتقا بۆلۈپ مەركەزلەشتۈرۈش، توردا تەربىيەلەشكە تەشكىللەش بىلەن تور سىرتىدا ئۆگىنىش، مۇھاكىمە قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار قوللىنىلىپ، سىنلىق يىغىن ئارقىلىق سىستېمىلىق ھالدا پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ۋىلايەت، نازارەت دەرىجىلىك كادىرلار ۋە ناھىيە، شەھەر، رايونلارنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرى نۆۋەتلەشتۈرۈپ تەربىيەلەندى، كۇرسانتلار پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر، سىستېمىلىق ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا چۈشەندى ۋە ئىگىلىدى. مەركەزلىك نۆۋەتلەشتۈرۈپ تەربىيەلەش ئارقىلىق، كەڭ كادىرلار يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىشەنچىنى مۇستەھكەملىدى، پىكىر يولىنى ئايدىڭلاشتۇردى، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتتى، كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆگىنىش - تەربىيەلەش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك، پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار جەزمەن باشلامچىلىق بىلەن «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشى كېرەك. جەزمەن باشلامچىلىق بىلەن نەزەرىيە ئاساسىنى جۇغلاپ، پۇختىلاپ، سىياسەتنى ئىگىلەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى، كۈچلۈك بولغان ئەمەلىي قابىلىيەتنى يېتىلدۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك كادىرلارغا ئۈلگە بولۇش كېرەك. جەزمەن باشلامچىلىق بىلەن راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، يۆنىلىشنى توغرىلاپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، دىققەتنى مۇھىم نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، خەلق رايىغا مايىللىشىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ياڭ يۇڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.