ئاپتونوم رايونىمىزدا ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىقتا كۆلەملەشكەن كارخانا 40تىن ئاشتى

日期:2020年12月06日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ما بېي خەۋەر قىلىدۇ: شىنجاڭ جۇڭخې پاي چەكلىك شىركىتى ئېلېكتىر قۇتۇپى ياپراقچىسى شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا ئىشچىلارنى كۆرگىلى بولمايتتى، ئېرىتىپ شەكىلگە كىرگۈزۈلگەن تومۇزغا قانىتىدەك نېپىزلىكتىكى يۆگەم - يۆگەم ياپراقچىلار ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىدىن ئاستا - ئاستا چىقىۋاتاتتى، ماشىنا ئادەم ئاپتوموبىلى ياپراقچە يۆگەملىرىنى كۆتۈرۈپ ئۇياقتىن بۇياققا يۆتكەۋاتاتتى. شىنجاڭ جۇڭخې شىركىتى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق كارخانىلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئىخچام كارتىنىسى، نۆۋەتتە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق شىنجاڭ سانائىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلماقتا.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىقنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق سېخ قۇرۇلۇشىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق بۆلىكى - ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى - رەقەملىك سېخ - ئەقلىي ئىقتىدارلىق زاۋۇتنى چۆرىدەپ، «ئۈسكۈنىلەرنى تۇتاشتۇرۇش، سانلىق مەلۇماتلارنى ئالماشتۇرۇش، جەرياندا ھەمتۈرتكە بولۇش، كەسىپلەرنى يۇغۇرۇش»تەك ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق يېڭى ئەندىزىسىنى تەدرىجىي بەرپا قىلىپ، ياسىمىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشتى.

12 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل «ئاپتونوم رايوننىڭ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ ئەمەلىي ئىقتىساد بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يولغا قويۇش لايىھەسى» بېسىپ تارقىتىلىپ يولغا قويۇلۇپ، ئوخشاش بولمىغان كەسىپ، ئوخشاش بولمىغان ساھەدە يېڭى بىر ئەۋلاد سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسىنى توپلاشتۇرۇپ قوللىنىش ۋە كەسىپلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىلگەن ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇنغان. ھازىرغىچە، شىنجاڭدا ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىقتا كۆلەملەشكەن كارخانا 40تىن ئاشقان. توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش، يېنىك سانائەت، نېفىت خىمىيە سانائىتى، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال، بىيوتېببىي دورا، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، توقۇمىچىلىق قاتارلىق ساھەلەردە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى توققۇز كارخانا دۆلەتنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىقتىكى نۇقتىدا سىناق قىلىش ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى كارخانىسى، 11 كارخانا دۆلەت مالىيەسى قوللايدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق يېڭى ئەندىزىسىنى ئەمەلىي قوللىنىش تۈرى كارخانىسى، ئىككى كارخانا ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىقنى ئۆلچەملەشتۈرۈش تۈرى كارخانىسى قاتارىغا كىرگەن بولۇپ، ئۈلگە كۆرسىتىش رولى كۆرۈنەرلىك، تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈنۈم ئېففېكتى گەۋدىلىك بولغان.

ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق ئارقىلىق، بارغانسېرى كۆپ ئەنئەنىۋى كەسىپلەر ئەقلىي ئىقتىدارلىشىشقا قاراپ يۈزلەندى. جىنفېڭ پەن - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى شامال ئېلېكتىرى ئاقىل تىجارەت سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، بىر قاتار ئۇچۇرلاشقان سۇپىلارنى ئېچىپ، ئەمەلىي قوللىنىپ، شامال ئېلېكتىر مەيدانلىرىنىڭ تىجارەت سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرلىرىنى يىغىپ، يوللاپ ۋە تەھلىل قىلىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەھلىل قىلىش، كاشىلىدىن ئالدىن سىگنال بېرىش، مۇتەخەسسىسلەر قوللاش، بىلىمدىن ئورتاق بەھرىلىنىش قاتارلىق ئىقتىدارلارغا ئىگە ئاقىل يۈرۈشتۈرۈش - ئاسراش مۇلازىمىتى تىرەك سۇپىسىنى شەكىللەندۈردى؛ ئالاھىدە تىرانسفورموتور پاي چەكلىك شىركىتى سانلىق مەلۇمات مەركىزى، سانائەت ئالاقە تورى قاتارلىق يېڭى تىپتىكى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ساھەلىرىنى چۆرىدەپ، «ئاقىل ئېلېكتىر ئىستانسىسى» «ئاقىل كان» قاتارلىق رەقەملەشكەن، ئۇچۇرلاشقان ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈلگە كۆرسىتىش تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى سىجىل قانات يايدۇردى؛ يىدا گۇرۇھىنىڭ ئۈرۈمچى، سانجى ۋە تۇرپاندىكى ئۈچ يىپ ئېگىرىش زاۋۇتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخى ئاپتوماتلاشتۇرۇلۇپ، ئاقما لىنىيەدە يان تېلېفون Appسى ئارقىلىق باشقۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىققا تايىنىپ، كارخانا ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ، ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى. شىنتې ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ يۇقىرى ساپلىقتىكى كىرىستاللىق كىرېمنىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق زاۋۇتىنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى %28 ئۆسۈپ، تىجارەت تەننەرخى %25 تۆۋەنلەپ، مەھسۇلاتنى تەتقىق قىلىپ ياساش دەۋرىيلىكى %30تىن كۆپرەك قىسقىراپ، مەھسۇلاتنىڭ سۈپەتسىزلىك نىسبىتى %50 تۆۋەنلەپ، ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش نىسبىتى %15 ئېشىپ، شىنجاڭدىكى كىرېمنىينى ئاساس قىلغان كەسىپلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتىدىكى ئالاقىدار خىزمەتچى مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىل شىنجاڭ دەسلەپكى قەدەمدە ئىنكاس ۋاقتى قىسقا، يۇقىرى ئىشەنچلىك، قاپلىشى كەڭ سانائەت ئالاقە تورى تور ئۇل ئەسلىھەلىرىنى قۇردى. 2025 - يىلىغا بارغاندا خەلقئارا ئىلغار سەۋىيەگە يەتكەن ئىككىدىن ئۈچكىچە سانائەت ئالاقە تورى سۇپىسىنى تىرىشىپ يېتىلدۈرۈپ، شەكىللەندۈرۈپ، 100 سانائەت كارخانىسىنىڭ سانائەت ئالاقە تورى سۇپىسىغا تايىنىپ رەقەملەشتۈرۈپ، تورلاشتۇرۇپ، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە نۇقتىلىق تۈرتكە بولىدۇ.