ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 105 - قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى

日期:2020年12月05日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: 12 - ئاينىڭ 2 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 105 - قېتىملىق دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا 2020 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەرگە «تىيانشان مۇكاپاتى» بېرىش توغرىسىدىكى ئالاقىدار ئىشلار ھەم ھۆكۈمەتنىڭ «ئۆلكە ھالقىپ ھەممىنى بېجىرىش»كە مۇلازىمەت قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىش، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ چارۋىچىلىقىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىش قاتارلىق خىزمەتلەر تەتقىق قىلىندى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىغا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان مۇنەۋۋەر چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەرنى تەقدىرلەپ، ئۇلارنىڭ خىزمەت ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاپ، خەلقئارا ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى 1999 - يىلى «تىيانشان مۇكاپاتى» تەسىس قىلىپ، ئۇنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەت قىلىۋاتقان چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەرگە بېرىدىغان ئەڭ ئالىي شەرەپ مۇكاپاتى قىلدى. بۇ مۇكاپاتنىڭ تەسىس قىلىنىشى ئومۇميۈزلۈك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، تېخىمۇ كۆپ چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى قوللىشىغا ئىلھام بېرىشتە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. بۇ يىل 4 - ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا نازارىتى 2020 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەر «تىيانشان مۇكاپاتى»نى باھالاش خىزمىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، بەش نەپەر چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسنى 2020 - يىللىق «تىيانشان مۇكاپاتى»غا ئېرىشكۈچى قىلىپ باھالاپ چىقتى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مۇۋاپىق ۋاقىتنى تاللاپ، مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرگە شەرەپ گۇۋاھنامىسى ۋە مېدال تارقىتىپ بېرىدۇ.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ھۆكۈمەتنىڭ «ئۆلكە ھالقىپ ھەممىنى بېجىرىش»كە مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىش «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر بولۇپ، رايون ھالقىغان ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش، بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئىش داۋامىدىكى، ئىشتىن كېيىنكى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنىڭ ھۆكۈمەت تارمىقى تەمىنات يۆنىلىشىدىن كارخانا ۋە ئاممىنىڭ ئېھتىياج يۆنىلىشىگە ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ بىر گەۋدىلەشكەن ھۆكۈمەت مۇلازىمەت سۇپىسى ۋە ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى ئاپپاراتلىرىغا تايىنىپ، كۈچەپ كەسىپ زەنجىرى ۋە سانلىق مەلۇماتتىن ئورتاق بەھرىلىنىشتىكى توسۇق نۇقتىلارنى ئېچىپ، تېخىمۇ كۆپ ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى تۈرلىرىنىڭ «ئۆلكە ھالقىپ ھەممىسىنىڭ بېجىرىلىشى»گە تۈرتكە بولۇپ، خەلق رازى بولىدىغان مۇلازىمەتچان ھۆكۈمەت قۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: چارۋىچىلىق شىنجاڭنىڭ ئەنئەنىۋى خاس ئەۋزەل كەسپى، چارۋىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش پۈتۈن ئاپتونوم رايون چارۋىچىلىقىنىڭ سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇش، 1 -، 2 -، 3 - كەسىپنىڭ بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ يۇغۇرما تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشتا چوڭقۇر، ئۇزاق ئەھمىيەتكە ئىگە. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار چارۋىچىلىققا چېتىلىدىغان ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ قەرز پۇل ئېلىشى تەس بولۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى تەس بولۇش، باقمىچىلىق ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ۋە ئۆلچەم يېتەرلىك ئىلمىي بولماسلىق قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى تېزلىتىپ، خىزمەت مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، زامانىۋى باقمىچىلىق سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، زامانىۋى چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش ئوبوروت سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، چارۋىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ چارۋىچىلىق كۈچلۈك رايونىغا ئۆزگىرىشىنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.