قاردىكى ئورمانلىق

日期:2020年12月07日
来源:天山网
【字体:

قاردىن كېيىنكى تۆمۈر چوققىسى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى سۈرەتتەك گۈزەل ئىدى (12-ئاينىڭ 4-كۈنى تارتىلغان).

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (ئونسۇ ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىدىن لى يانەن فوتوسى): تۆمۈر چوققىسى جۇڭگو تەۋەسىدىكى تىيانشان تاغ تىزمىسىنىڭ ئەڭ ئېگىز چوققىسى، ئېلىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ھازىرقى زامان مۇزلۇق رايونى، شۇنداقلا دۇنيادىكى سەككىز چوڭ جىلغا مۇزلۇقىنىڭ بىرى.

تۆمۈر چوققىسى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئونسۇ ناھىيەسى تەۋەسىگە جايلاشقان، تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدا قار لەيلىسى، ئېگىز تاغ كەتىراسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 382 خىل قوغدىلىدىغان ئۆسۈملۈك بار؛ 77 خىل ياۋايى ھايۋان بار، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت 1- ۋە 2-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋانلاردىن يىلپىز، تاغ ئۆچكىسى، ئارقار، كۆكمەت، بۇغا، سېرىق بۈركۈت، قارا لەيلەك، قارا بۇلغۇن، ئاق يەلەك بۈركۈت قاتارلىقلار بار؛ ھاشاراتلاردىن 1000 خىلدىن ئارتۇقى بار.