كورلىدا بۇ يىل قىش كىرگەندىن بۇيانقى تۇنجى قار ياغدى

日期:2020年12月04日
来源:天山网
【字体:

 12-ئاينىڭ 2-كۈنى سەھەردە، كورلا شەھىرىنىڭ كۆنچى دەرياسى بويىدا، شەھەر ئاھالىلىرى قاردا ئاق قۇ تاماشا قىلماقتا.

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر لياۋ جۈن، چۆ.خۇرە، چېن جيەنفېي، ياڭ كۈن فوتوسى، خەۋىرى): 12-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 9لاردا، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كورلا شەھىرىدىكى ئاھالىلەر ئۆيىدىن چىقىپ، كۆكتە قار ئۇچقۇنداۋاتقانلىقىنى بايقىدى. سائەت 10دا، قار بارغانسېرى كۈچىيىپ، قىسمەن جايلاردا قارنىڭ قېلىنلىقى 3-4 سانتىمېتىرغا يەتتى.

بۇ كورلا شەھىرىبۇ يىل قىش كىرگەندىن بۇيانكۈتۈۋالغان تۇنجى قاربولۇپ، بۇلتۇر قىشتىكى تۇنجى قارغا سېلىشتۇرغاندا بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت بۇرۇن ياغقانىدى. لەپىلدەپ يېغىۋاتقان قار شەھەر ئاھالىلىرىنى ھاياجانغا سالدى، بەزى شەھەر ئاھالىلىرى ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىدە قار مەنزىرىسىنى تارقاتتى.

قارنىڭ تەسىرىدە، بايىنغولىن ئوبلاستلىق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى يولدا مۇز تۇتۇش توغرىسىدا سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ مۇنداق دېدى: مۆلچەرلىنىشىچە، 12-ئاينىڭ 2-كۈنى كۈندۈزدىن 3-كۈنى كۈندۈزگىچە، كورلا، لوپنۇر، چاقىلىق، قاراشەھەر ئويمانلىقىدا ئارىلاپ ئازراق قار ياغىدۇ، يول يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ℃0دىن تۆۋەن بولىدۇ، يول تېيىلغاق بولۇش، ئاسان مۇز تۇتۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ، ئاپتوموبىللار يول يۈرگەندە بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىشى، ئالاقىدار تارماقلار ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

بايىنغولىن ئوبلاستلىق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ قىسمەن جايلىرىدا 12-ئاينىڭ 1-كۈنىلا قار ياغقان. 12-ئاينىڭ 2-كۈنى كېچىدىن 3-كۈنى كۈندۈزگىچە، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلاردا ئازراق قار ياغىدىكەن، قىسمەن جايلاردا ئوتتۇراھال قار ياغىدىكەن؛ كورلا، لوپنۇر، چاقىلىق بۇلۇتلۇق بولىدىكەن، قىسمەن جايلاردا ئازراق قار ياغىدىكەن، قاراشەھەر ئويمانلىقىدا ھاۋا تۇتۇق بولۇپ،قار ياغىدىكەن ياكى تۇمانلىق بولىدىكەن. تۈزلەڭلىكنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃12-دىن ℃6- گىچە، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃3-دىن ℃2 گىچە بولىدىكەن.

12-ئاينىڭ 2-كۈنى، مۇھىت تازىلىقى ئىشچىلىرى كورلا شەھىرىنىڭ كوچىلىرىدىكى قارلارنى تازىلىماقتا.

12-ئاينىڭ 2-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، كورلىدا 2020-يىلى قىش كىرگەندىن بۇيانقى تۇنجى قار ياغدى. ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان كورلىنىڭ قار مەنزىرىسى.