ھەپتە ئاخىرى ئىلى دەرياسى ۋادىسىدا قار ياغىدۇ

日期:2020年12月04日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر پاتىمە): يېقىندا، ئىلى دەرياسى ۋادىسىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ھاۋا سوغۇق بولدى. مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرى، ئىلى دەرياسى ۋادىسىدىكى ھەر قايسى جايلاردا ئازراق قار ياغىدۇ، تېمپېراتۇرا تۆۋەن، شامال كۈچى ئاجىز بولىدۇ.

12-ئاينىڭ 4-كۈنى كۈندۈزى، دەريا جىلغىسىدىكى پۈتۈن رايوندا ئاساسەن ھاۋا تۇتۇق بولىدۇ، غۇلجا شەھىرىدە ھاۋا ئوچۇق بولىدۇ، كېچىدە، ھەرقايسى جايلاردا ئازراق قار ياغىدۇ، تېكەس ناھىيەسىدە ھاۋا تۇتۇق بولىدۇ، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدە ھاۋا ئوچۇق بولىدۇ؛ 12-ئاينىڭ 5-كۈنى، دەريا جىلغىسىدىكى ھەرقايسى جايلاردا يەنە ئازراق قار ياغىدۇ، نىلقا ناھىيەسىدە ھاۋا ئوچۇق بولىدۇ، تېمپېراتۇرا بىرقەدەر تۆۋەن، شامال كۈچى بىرقەدەر ئاجىز بولىدۇ.

12-ئاينىڭ 4-كۈنى، دەريا ۋادىسىنىڭ غەربىي قىسىم رايونىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ℃7-دىن ℃1گىچە، شەرقىي قىسىم رايونى ℃10-دىن ℃4گىچە، جەنۇبىي قىسىم تاغلىق رايونى ℃12-دىن ℃4گىچە بولىدۇ؛ 12-ئاينىڭ 5-كۈنى، دەريا ۋادىسىنىڭ غەربىي قىسىم رايونىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ℃8-دىن ℃1-گىچە، شەرقىي قىسىم رايونى ℃10-دىن ℃0گىچە، جەنۇبىي قىسىم تاغلىق رايونى ℃14-دىن ℃0گىچە بولىدۇ.

ھاۋا رايى تارماقلىرى شۇنى ئەسكەرتىدۇكى: ھەپتە ئاخىرىدا ياغقان قار يېزا ئىگىلىكى، باغۋەنچىلىك، چارۋىچىلىق، قاتناش-تىرانسپورت، ساياھەتچىلىك قاتارلىقلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئالاقىدار تارماقلار ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ياخشى ئىشلەپ، قاتناش-تىرانسپورت، تاغلىق رايوندىكى مەنزىرە رايونلىرىنىڭ يول باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىشى كېرەك.